سوئال: دىندىكى ھۆكۈملەرنى مەسخىرە قىلمايدىغان، لېكىن دىندىكى بۇيرۇق چەكلىمىلەرگە يەڭگىلەتكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، مەسىلەن: نامەھرەم ئەر-ئاياللار ئارىلاش ئولتۇرۇپ قوپۇشنى ۋەياكى ئەر كىشىنىڭ يات ئايال بىلەن ئالاقە قۇرۇشىنى چوڭ مەسىلە ئەمەس، دەپ قارايدىغان كىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاپ: بۇنداق كىشى گۇناھ-مەئسىيەتكە دەۋەت قىلغۇچىدۇر، يات ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشغا دەۋەت قىلغۇچىدۇر، شەرىئەتنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى كۆزگە ئىلمىغۇچىدۇر. ئۇنىڭ بۇ خىل تەشەببۇسلىرى دىنغا زىت ئىشنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئەكسىچە، دىنغا زىت ئىشنى قوبۇل قىلىشتۇر. بۇنداق كىشى ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە ئاسىيلىق قىلغۇچى، يامانلىققا دەۋەت قىلغۇچى ئاسىي كىشى ھېسابلنىدۇ. | مۇجتەھىد تورى mujtehid.com [ئەللامە سالىھ فەۋزان | ما حكم من يتساهل في الدين ويرى أن الاختلاط شيء سهل]