قۇرئاننى ئۈچ كۈندىن ئاز مۇددەتتە ئوقۇپ تامام قىلىش دۇرۇسمۇ؟

ئىمام ئىبنى ھەزم رەھىمەھۇللاھ «مراتب الإجماع» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: (وَاتَّفَقُوا على إباحة قِرَاءَة الْقُرْآن كُله فِي ثَلَاثَة أَيَّام وَاخْتلفُوا فِي أقل) ئۆلىمالار قۇرئاننى ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم تامام قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقىدا ئىتتىپاققا كەلدى. ئەمما، ئۈچ كۈندىن ئاز مۇددەتتە تامام قىلىشنىڭ دۇرۇس-دۇرۇس ئەمەسلىكى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى. (مراتب الإجماع 156)
ئىمام بۇخارى سەھىھۇل بۇخارىدا نەقىل قىلغان ھەدىستىن مەلۇم بولغىنىدەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قۇرئاننى ئۈچ كۈندىنمۇ ئاز ۋاقىتتا تامام قىلىش تەلىپىگە رۇخسەت قىلمىغان.
بەزى ئالىملار پەقەت رامزان ئېيىدىلا ئۈچ كۈندىن ئاز ۋاقىتتا تامام قىلىش دۇرۇس دېگەن.
ئىمام ئەھمەد، ئىمام ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ، ئىمام ئىبنى رەجەپ قاتارلىق ئالىملار قۇرئاننى ئۈچ كۈندىن كەم ۋاقىت ئىچىدە خەتمە قىلىپ تۈگىتىشنىڭ مەكرھۇلىقى پەزىلەتلىك كۈنلەرنى ۋە پەزىلەتلىك ماكانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، دېگەن.
پەزىلەتلىك ئايلاردا مەسىلەن رامزان ئېيىدا، ۋە پەزىلەتلىك ماكانلاردا مەسىلەن ئىككى ھەرەمدە قۇرئاننى ئۈچ كۈندىن كەم ۋاقىت ئىچىدە تىلاۋەت قىلىپ تۈگىتىشنى مەكرۇھ ئەمەس دېگەن.
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كېچىدە بىر رەكئەتتە قۇرئاننى بىر خەتمە قىلىپ تۈگەتكەن دېيىلگەن.
ئىمام شافىينىڭ رامزان ئېيىدا قۇرئان كەرىمنى جەمئىي ئاتمىش قېتىم تامام قىلىدىغانلىقى بەك كۆپ قانالدىن سەھىھ ھالدا يېتىپ كەلگەن. باشقا سەلەپ ئالىملىرىنىڭمۇ قۇرئاننى كېچىلىك بىر ياكى ئىككى رەكئەت ناماز ئىچىدىلا خەتمە قىلىپ تۈگەتكەنلىكىمۇ ئىماملارنىڭ بۇ ھەقتىكى كىتابلىرىدا نەقىل قىلىنغان. سەھىھ ھەدىستە «قۇرئاننى ئۈچ كۈندىن قىسقا مۇددەتتە خەتمە قىلىپ تاماملىغان كىشى ئۇنى چۈشىنەلمەيدۇ» دېيىلگەن. سەلەپ ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى قۇرئاننى ناھايىتى پىششىق ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۈچ كۈندىن تۆۋەن ۋاقىتتا خەتمە قىلىپمۇ چۈشىنەلىگەن، مەنىسىدىن غاپىل قالمىغان بولۇشى ئېنىق. بۇنداق بولغاندا، ھەدىس ئومۇمىي ھالەتنى كۆرسىتىدۇ، قىسمەن ھالەتنى \ قىسمەن كىشىلەرنى كۆرسەتمەيدۇ. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر كېچىدە قۇرئاننى بىر قېتىم خەتمە قىلىپ تۈگەتكەنلىكى نەقىل قىلغان. بۇلارغا كۆرە، قۇرئاننىڭ بارچە ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرىنى بەش قولدەك پىششىق بىلىدىغان بۇ ئۈستۈن ئالىملارنىڭ ئۈچ كۈندىن تۆۋەن مۇددەتتە خەتمە قىلىشى ھەدىستىكى ئام ھۆكۈمدىن مۇستەسنا بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
— مۇجتەھىد تورى | mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ