ساقالنى كېسىش، قىسقارتىش، چۈشۈرۈۋېتىش گۇناھمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ پەتىۋاسى
سوئال: ساقال كەسكەن كىشىنىڭ ھۆكمى نېمە، ساقال قويۇش ھەققىدە قۇرئاندا دەلىل بارمۇ؟ بۇنىڭ ھۆكمى بايان قىلىپ بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ سىلىگە ياخشىلىق ئاتا قىلغاي.
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىش ياكى قىسقارتىۋېتىش چەكلىنىدىغان ھارام ئىشتۇر. (حلق اللحية أو قصها كله محرم ممنوع، لا يجوز للمسلم أن يقص لحيته ولا أن يحلقها) مۇسۇلمان كىشىنىڭ ساقىلىنى كېسىشى ياكى چۈشۈرۈۋېتىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((جزوا الشوارب وأرخوا اللحى خالفوا المجوس)) «بۇرۇتلارنى قىرقىپ، ساقالنى قويۇپ بېرىڭلار. مۇشرىكلارغا خىلاپ يول تۇتۇڭلار.» (مۇسلىم 459) ئەبۇ ھۇرەيرە مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((جزوا الشوارب وأرخوا اللحى خالفوا المجوس)) «بۇرۇتلارنى قىسقارتىڭلار. ساقالنى كامىل قويۇڭلار. مەجۇسىيلارغا خىلاپ يول تۇتۇڭلار.» (مۇسلىم 265) ئىمام مۇسلىم نەقىل قىلغان يەنە بىر ھەدىستە (ووفروا اللحى) «ساقالنى مول قويۇڭلار» دەپ كەلگەن. بۇ سەھىھ ھەدىسلەر ساقالنى ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىشنىڭ، ساقالغا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ، ساقالنى كامىل قويۇشنىڭ پەرزلىكىنى بىلدۈرىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى دەلىلگە كەلسەك ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: ﴿مَنْ يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ﴾ «كىم رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.» (سۈرە نىسا، 80) ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا باشقا ئايەتتە مۇنداق دېگەن:{وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ} «سىلەرگە رەسۇلۇللاھ نېمە ھۆكۈمنى بەرسە شۇنى تۇتۇڭلار. سىلەردىن نېمىنى چەكلىسە، ئۇنىڭدىن يېنىڭلار. (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىسىگە بويسۇنۇش ئارقىلىق) ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شەكسىزكى، (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلماسلىق يولىنى تۇتقۇچىلارغا) ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.» (سۈرە ھەشر، 7) ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: {فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ} «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپ يول تۇتقۇچىلار (دۇنيادا) بىر بالا-قازاغا مۇپتىلا بولۇشتىن، ۋەياكى (ئاخىرەتتە) قاتتىق جازاغا ئۇچراشتىن قورقسۇن.» (سۈرە نۇر، 63)
ئۈممەتكە پەرز بولغىنى، رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقلىرىغا رىئايە قىلىش، چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇشتۇر. بۇنداق قىلىش بۇ ئۈممەتكە تەۋە ھەر بىر كىشىگە پەرزدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ، پەقەت رەت قىلغۇچى جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېۋىدى، (ساھابىلەر) «ئى رەسۇلۇللاھ! رەت قىلغۇچى قانداق كىشى؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«كىم مېنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىمگە ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ، كىم بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىمگە ئاسىيلىق قىلسا رەت قىلغان بولىدۇ (نەتىجىدە دوزاخقا كىرىدۇ)» دېدى. (سەھىھۇل بۇخارى) [كل أمتي يدخلون الجنة إلا من أبى، قيل: يا رسول الله! من يأبى؟ قال: من أطاعني دخل الجنة، ومن عصاني فقد أبى]
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان جىمىي مۇسۇلمان ئەرلەرگە نەسىھىتىم شۇكى، ئۇلار ساقىلىنى كامىل قويسۇن، ساقىلىغا ئەھمىيەت بەرسۇن، ساقىلىنى چۈشۈرۈۋەتمىسۇن ۋە قىسقارتىپ-كەسمىسۇن. كۈنىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ساقىلىنى چۈشۈرۈشىگە، كېسىپ-قىسقارتىشىغا ئالدانمىسۇن. مۆمىننىڭ ساقال چۈشۈرۈپ، كېسىپ-قىسقارتقۇچىلارغا ئالدىنىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ يولىدىن مېڭىپ كېتىشى دۇرۇس بولمايدۇ. مۆمىنلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋسسەللەمنىڭ بۇيرۇقىغا ئۇيغۇن ئىش كۆرىدۇ، ئۇ زاتقا ئىتائەت قىلىدۇ. مۆمىن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھنىڭ شەرئىتىگە ئەمەل قىلىش يۈزىسىدىن ساقالنى كامىل قويۇپ، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئاللاھ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئىگىسىدۇر. [مەنبە: حكم حلق اللحية أو تقصيرها] — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
***
مۇناسىۋەتلىك پەتىۋالار:
ساقالنى بىر تۇتامدىنمۇ پەسەيتىۋېتىش دۇرۇسمۇ؟ | ھەنەفىي ئالىم ئىبنى ئابىدىن
خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبلىك ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ ھۆكمى | ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
ساقال چۈشۈرۈشنىڭ، ئەر كىشىنىڭ كىيىمىنى ئۇزۇن كىيىۋېلىشىنىڭ ۋە تاماكا چېكىشنىڭ ھۆكمى
ساقال چۈشۈرۈشنىڭ ۋە قىسقارتىۋېتىشنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئەلبانى
ساقال ھەققىدە بەزى ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ، شەيخلەرنىڭ ۋە دەۋەتچىلەرنىڭ بايانلىرى:
ئەندەلۇسلۇق ئالىم، ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ساقالنى چۈشۈرىۋېتىش، ساقالنى يۇلۇۋېتىش ياكى قىسقارتىۋېتىش ھارام.» (الدرر السنية في الأجوبة النجدية ١٥/٣٤٨)
ئەندەلۇسلۇق ئالىم، ئىمام ئىبنى ھەزم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىبنى ئۆمەر رىۋايەت قىلغان «بۇرۇتلارنى قىرقىپ، ساقالنى قويىۋېتىڭلار. مۇشرىكلارغا خىلاپلىق قىلىڭلار» ھەدىسىگە بىنائەن، بۇرۇتنى قىرقىپ، ساقالنى كامىل قويۇش پەرزدۇر.» (المحلى بالآثار)
ئىمام ئىبنى ھەزم يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۆلىمالار بۇرۇتنى قىرقىپ، ساقالنى كامىل قويۇشنىڭ پەرزلىكىدە ئىتتىپاققا كەلگەن.» (تحريم حلق اللحى – وجوب إعفاء اللحية لعبد الرحمن بن قاسم ١/٢٢ )
سەئۇدىي ئەرەبىستانلىق ئالىم، ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دېگەن: «ساقالنى كامىل قويۇش پەرز. ساقال (مۇستەھەپ سۈننەتلەردىن ئەمەس) ۋاجىپ سۈننەتلەردىندۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «بۇرۇتلارنى قىرقىڭلار. ساقالنى كامىل قويۇڭلار. مۇشرىكلارغا خىلاپ يول تۇتۇڭلار» دېگەن. ساقالنى چۈشۈرۈپ-كېسىۋېتىش مۇشرىكلارنىڭ يولى. مۇشرىكلارنىڭ يولىدىن چەك ئايرىش پەرزدۇر. سەھىھ ھەدىستە كەلگىنىدەك (من تشبه بقوم فهو منهم) «كىم بىر قەۋمگە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇلاردىندۇر.» (لقاء الباب المفتوح ٥٧/٢٨)
مىسىرلىق مۇھەددىس ئالىم ئەبۇ ئىسھاق ھۇۋەينى ھافىزەھۇللاھتىن «ساقال قويۇش سۈننەتمۇ» دەپ پەتىۋا سورالغاندا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: «مۇجتەھىد ئۆلىمالار — تۆت ئىمام ۋە باشقىلار — ساقالنى كامىل قويۇشنىڭ پەرزلىكىگە ئىتتىپاققا كەلگەن. ساقال قويۇش ئادا قىلمىسا گۇناھ بولمايدىغان، قىلىنسا ساۋاپ بولىدىغان مۇستەھەپ سۈننەت ئەمەل ئەمەس، بەلكى پەرز ئەمەلدۇر.» (دروس للشيخ أبي إسحاق الحويني ٤٢/١٦)
زامانىمىزدا ھايات ياشاۋاتقان مىسىرلىق مۇھەددىس ئالىم ئەبۇ ئىسھاق ھۇۋەينى يەنە مۇنداق دېگەن:«ساقالنى كەسكەنلىككە ئائىت ھەدىسلەر ئارىسىدا پەقەت ئىبنى ئۆمەردىن كەلگەن (ھەج قىلىپ بولۇپ ساقىلىنى تۇتاملاپ بىر تۇتامدىن ئاشقىنىنى كېسىۋەتتى، دېيىلگەن-بۇخارى) ھەدىستىن باشقا بارچە ھەدىس سەھىھ ئەمەس.» (هل اللحية واجبة أم مستحبة)
سۈرىيەلىك ئالىم، ئىمام، مۇھەددىس مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى مۇنداق دېگەن:«ساقالنى كامىل قويۇش ھەر بىرى مۇسۇلمان ئەر ئۈچۈن پەرزدۇر.» (جامع تراث العلامة الألباني في الفقه ١٧/١٩)
ھىندىستانلىق ئالىم، شەيخ مۇھەممەد زەكەرىيا كەندەھلىۋى «وجوب إغفاء اللحية» ناملىق رىسالىسىدە مۇنداق دېگەن: «المنھل العذب المورود في شرح سنن ابي داود» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى شەيخ مەھمۇت خەتتاب مۇنداق دېگەن: «ساقال چۈرۈشۈش ئەبۇ ھەنىفە، مالىك، شافىي، ئەھمەد (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) ۋە باشقا مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ نەزىرىدە ھارام قىلمىش ئىدى.» (وجوب إغفاء اللحية 41)
مىسىرلىق شەيخ، دوكتور ئابدۇلئەزىم بەدەۋىي مۇنداق دېگەن: «ساقالنى كامىل قويۇش ۋاجىپ، ساقالنى ئېلىۋېتىش ھارام. ساقالنى ئېلىۋېتىش ئاللاھنىڭ يارىتىشىنى ئۆزگەرتكەنلىكتۇر. بۇ شەيتاننىڭ ئەمىلىدۇر. قۇرئاندا شەيتاننىڭ مۇنداق دېگەنلىكى مەۋجۇت {وَلَآمُرَنَّهُمْ فَلَيُغَيِّرُنَّ خَلْقَ اللَّهِ} {مەن چوقۇمكى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ يارىتىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بۇيرۇيمەن.}» (سۈرە نىسا، 119-ئايەت) (الوجيز في فقه السنة والكتاب العزيز ١/٣٠)
كۇۋەيتلىك شەيخ، دوكتور ئوسمان خەمىس مۇنداق دېگەن: «ساقالنى چۈشۈرۈش ھارام، ساقالنى كامىل قويۇش پەرز. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ساقالنى كامىل قويۇش بۇيرۇغان. ئائىشە ئانىمىز قەسەم قىلسا <ئاياللارنى ھايا بىلەن، ئەرلەرنى ساقال بىلەن گۈزەل قىلغان رەببىم ئاللاھقا قەسەمكى…> دەيتتى. ئىبنى ھەزم ۋە ئىبنۇل قاسىم ساقالنى ئېلىۋېتىشنىڭ ھاراملىقىغا ئىجما نەقىل قىلغان.» (حكم حلق اللحية)
مىسىرلىق شەيخ، دوكتور ئۇسامە سۇلايمان ئەزھەرىي مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:«ساقالنى كامىل قويۇش پەرز، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش پەرز.» (التعليق على العدة شرح العمدة – أسامة سليمان ٥١/٣٢)
سەئۇدىي ئەرەبىستانلىق ئالىم ھامۇد تۇۋەيجىرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ساقال چۈشۈرۈش ھارام. ئەرلەر ئارىسىدىكى خېنىمىجەز، غىتمەكلەردىن باشقا ھېچكىم ساقىلىنى چۈشۈرمەيدۇ.» (دلائل الأثر على تحريم التمثيل بالشعر ١/٦١ — حمود بن عبد الله التويجري)
سەئۇدىي ئەرەبىستانلىق ئالىم، ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ساقالنىڭ بىر قىسىمىنى ياكى ھەممىسىنى چۈشۈرۈۋېتىش تامامەن ھارام.» (الدرر البهية من الفتاوى الكويتية ١٠/٨٥)
سەئۇدىي ئەرەبىستانلىق ئالىم، ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئۆلىمالار ساقالنى كامىل قويۇشنىڭ پەرزلىكىگە، ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ ھاراملىقىغا ئىتتىپاققا كەلگەن.» (شرح كتاب الإيمان الأوسط لابن تيمية – الراجحي ١٣/٢١)
مەدىنە ھەرەم مەسجىدى سابىق مۇدەررىسى، مەشھۇر ئالىم سالىھ ئۇسەيمى ھافىزەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ساقال چۈشۈرۈش ئىجما بىلەن ھارامدۇر. پاسىقلارغا ئوخشاش سىياقتا بولۇش ئۈچۈن ساقال چۈشۈرۈش گۇناھى كەبىرىدۇر.» (هل حلق اللحية من الكبائر أم الصغائر)
ماراكەشلىك شەيخ، دوكتور سەئىد كەمالى مالىكىي مۇنداق دېگەن:«تۆت مەزھەپنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بويىچە، ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىش دۇرۇس ئەمەس. ساقالنى چۈشۈرۈش ھارام. ساقال ھەققىدە ئىختىلاپ بولغان مەسىلە ساقالنى خالىغانچە قويىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى بىر تۇتامدىن ئاشقاننى كېسىش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلىدۇر. ساقال قويۇشنىڭ پەرزلىكىدە ئىختىلاپ يوق.» (حكم حلق اللحية ! الشيخ سعيد الكملي)
ھىندىستانلىق دوكتور، دەۋەتچى زاكىر نېيك مۇنداق دېگەن:«ساقالنى قويۇش پەرز، ساقالنىڭ پەرزلىكىدە تۆت ئىمام بىلئىتتىپاق. ساقالنى چۈشۈرۈش گۇناھ.» (هل اللحية فرض على الرجال في الإسلام ام أنها سنة)
ساقال ئىڭەككە چىققان تۈكتىنلا ئىبادەت دەپ قارايدىغان ئازغۇن بىدئەتچى داموللا، شەيخلەر ئۈممەتنىڭ ئەرلىرىنى بۇ جەھەتتە ئېغىر ئازدۇردى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇنداق ئازغۇن موللا، شەيخلەرنى «ئۈممىتىم ئۈچۈن بىر كۆزى كور دەججالدىنمۇ خەتەرلىك كىشىلەر» دەپ سۈپەتلىگەن. (سەھىھ جامىئۇس سەغىر)
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الْقُضَاةُ ثَلَاثَةٌ: اثْنَانِ فِي النَّارِ، وَوَاحِدٌ فِي الْجَنَّةِ: رَجُلٌ عَرَفَ الْحَقَّ فَقَضَى بِهِ، فَهُوَ فِي الْجَنَّةِ، وَرَجُلٌ عَرَفَ الْحَقَّ فَلَمْ يَقْضِ بِهِ، وَجَارَ فِي الْحُكْمِ، فَهُوَ فِي النَّارِ، وَرَجُلٌ لَمْ يَعْرِفِ الْحَقَّ، فَقَضَى لِلنَّاسِ عَلَى جَهْلٍ، فَهُوَ فِي النَّارِ)) «قازى (ھۆكۈم-پەتىۋا) بەرگۈچى ئۈچ تۈرلۈكتۇر. ئىككى تۈرلۈكى دوزاختا، بىرى جەننەتتىدۇر. ھەقنى بىلگەن ۋە ھەقكە ئۇيغۇن ھۆكۈم بەرگەن كىشى جەننەتتە بولىدۇ. ھەقنى بىلگەن تۇرۇقلۇق، ھەقكە ئۇيغۇن ھۆكۈم-پەتىۋا بەرمەستىن، ھەقكە زىت ھۆكۈم چىقارغۇچى دوزاختىدۇر. ھەقنى بىلمەيدىغان تۇرۇپ، كىشىلەرگە جاھالەت بىلەن (يەنى ئۆز خىيالى، ئۆزىنىڭ شەخسىي رەيى بىلەن) ھۆكۈم (پەتىۋا) بېرىدىغان كىشى دوزاختىدۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، نەسائى توپلىغان؛ ئىمام ھاكىم ۋە باشقا ئالىملار سەھىھ دېگەن)
ساقال ئەرنىڭ كۆركى، ئەركەكلىكنىڭ بەلگىسىدۇر. دىننىڭ ئاشكارا بەلگىلىرىدىن ۋە ۋاجىباتلىرىدىندۇر. ساقالنى كامىل قويۇش — رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈممەتنىڭ ئەرلىرىگە كەسكىن بۇيرۇق بىلەن بۇيرۇغان ئىبادەتتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈممەتنىڭ ئەرلىرىنى ساقالنى ئۆز مەيلىگە، كامىل قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇش بىلەنلا توختاپ قالماي، ئۆزىمۇ ساقىلىنى مول ۋە ئۇزۇن قويغان. خەبباب ئىبنى ئەرەتتىن «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پېشىن ۋە ئەسىر نامىزىدا قۇرئان ئوقۇمتى قىلامتى» دەپ سورىلىۋىدى، خەبباب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ھەئە» دېدى. «قۇرئان ئوقۇغىنىنى قانداق بىلەتتىڭلار؟» دەپ سورىلىۋىدى، خەبباب ئىبنى ئەرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ساقىلىنىڭ تىتىرەۋاتقىنىدىن بىلەتتۇق» دېدى. (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى نەقىل قىلغان.) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساقىلى قويۇق ۋە مول بولغانلىقتىن، كەينىدىن قارىغان ئادەممۇ ساقىلىنىڭ ئىككى قۇلقىنىڭ يېنىدىن كۆپۈشۈپ تۇرغان قىسمىنى كۆرەلەيتتى. ئەلىي ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ساقىلى ناھايىتى مول بولۇپ، ئارقىسىدىن قارىسىمۇ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. (بۇ ئەسەرنى ۋە مۇشۇ مەزمۇندىكى باشقا قاناللاردىن كەلگەن خەۋەرنى ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر سەھىھ دېگەن) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مېنىڭ سۈننىتىمنى، ۋە راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىنى لازىم تۇتۇڭلار.» (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ئەھمەد، سەھىھ) ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ راشىد خەلىپلەرنىڭ تۆتىنچىسىدۇر. ساھابىلەرنىڭ ئەڭ ئالىمىدىن بىرى بولۇپ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يوق چاغدا قىيىن شەرئىي مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيتتى. (ئىمام ئىبنى قەييىم: ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين) ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەج-ئۆمرە قىلغاندا ساقىلىنى تۇتاملاپ تۇرۇپ، تۇتامىدىن ئاشقان قىسىمىنى كېسىپ ئېلىۋېتەتتى.(سەھىھۇل بۇخارى) ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەپتىسىگە ياكى كۈنىگە بىر كەسمىگەن، بەلكى ھەج جەريانىدا كەسكەن. ھەجنى كىشى ئەڭ كۆپ قىلىمەن دېسە يىلدا بىر قېتىم قىلالايدۇ. كەسكەندىمۇ بىر نەچچە سانتا ئېلىپ قېلىپ ئاشقىنىنى كېسىۋەتمەستىن، بىر تۇتام (بىر ئالقان، ئەڭ كەم 10-15 سانتا) ئۇزۇنلۇقتا قالدۇرۇپ قويۇپ، ئۇنىڭدىن ئاشقىنىنى كېسىۋەتكەن. ساقالنىڭ تۇتامدىن ئاشقىنىنى كېسىۋېتىش ساقال قويۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىدۇر. ساقالنى كامىل قويۇشنى ۋاجىپ دېيىش قانداقتۇر ھەنبەلىي ياكى شاپىي ئالىملارنىڭ مەيدانى بولماستىن، ئىككى يۈز يىلچە ئىلگىرى ياشىغان، كېيىنكى زامان ھەنەفىي ئالىمى ئىبنى ئابىدىن بىر تۇتامدىنمۇ پەس كېسىۋېتىشنى ھېچقانداق ئالىمنىڭ دۇرۇس دېمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇنداق قىلىشنىڭ مەغرىپلىك ۋە خېنىم مىجەز ئەرلەرنىڭ قىلىقى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
بىر تۇتام ساقالنىڭ ئۇزۇنلۇقى جۇغى ئەڭ كىچىك ئەر كىشىنىڭ ئالىقىنىدا ئۆلچىگەندىمۇ ئون سانتىدىن كەم كەلمەيدۇ. ساقالنى بۇ شەكىلدە بىر تۇتام قالدۇرۇپ قويۇپ قالغىنىنى كېسىۋېتىشنى جۇمھۇر ئۆلىما مەكرۇھ دەپ قارىغان، تولۇق قويۇپ بېرىشى ۋاجىپ دېگەن. بىر تۇتام قالغۇچە كەسسە بولىدۇ دېگەنلەرمۇ، ساقالنى تازا تارتىپ، سوزۇپ يۈرۈپ، ساقالنى ئىڭەكنىڭ ئەڭ ئۇچ قىسىمىدىن باشلاپ تۇتاملىماي، ئاستىنقى كالپۇك چېگرىسىدىن باشلاپ تۇتاملاپ ئاشقىنىنى كېسىۋېتىپ، ئاقىۋەتتە ساقىلىنى ئىككى ئۈچ، ياكى تۆت بەش سانتا قالدۇرۇپ قويۇپ، مانا مەنمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ساقال قويدۇم دەپ ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالداپ يۈرىدىغان قىلمىشلاردىن ساھابە تابىئىنلار ۋە سەمىمىي مۆمىنلەر بەكمۇ ئۇزاق ئىدى. كۈنىمىزدە نۇرغۇن ئەرلەر ساقىلىنى بىر ئىككى سانتىدىن ئارتۇق ئۆسكىلى قويمايدۇ. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ساقالنى ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىڭلار» (سەھىھۇل بۇخارى) دېگەن بۇيرۇقىغا تۈپتىن خىلاپ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: {فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ} «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپ يول تۇتقۇچىلار (دۇنيادا) بىر بالا-قازاغا مۇپتىلا بولۇشتىن، ۋەياكى (ئاخىرەتتە) قاتتىق جازاغا ئۇچراشتىن قورقسۇن.» (سۈرە نۇر، 63)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر مەسىلىدە سەھىھ ھەدىس كەلگەن ۋە بۇ سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان باشقا سەھىھ ھەدىس بولمىغان تەقدىردە، بىزگە ۋە ئۈممەتكە پەرز بولغىنى شۇ سەھىھ ھەدىسنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۆز قاراشلارنى تەرك ئېتىشتۇر.» mujtehid.com (ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين 3/74)
ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي مۇنداق دېگەن: «مەيلى يۈكسەك ئىرادە تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردا بولسۇن، مەيلى رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردا بولسۇن ياخشىلىق دائىما رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتە بولىدۇ.» mujtehid.com (بۇخارى 7301-ھەدىسكە فەتھۇل بارى شەرھى)
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىتاب ۋە سۈننەتتىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئۇيغۇنلاشتۇرمىغان كىشىنىڭ ئىلىمى شەيتاندىندۇر. بىر ئىلىمنىڭ رەھمان تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكى پەقەت رەسۇلۇللاھنىڭ ئېلىپ كەلگىنىگە ئۇيغۇن بولۇش بىلەنلا بىلىنىدۇ.» mujtehid.com(ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،881)
ئىمام ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى بىلگەن كىشى ئۈچۈن- گەرچە سۈننەت قانچىلىك بۈيۈك ئىماملارنىڭ سۆزلىرىنىڭ قارشىسىدا بولغان تەقدىردىمۇ – سۈننەتنى ئۈممەتكە بىلدۈرۈش، باشقىلارنى سۈننەتكە مەھكەم ئېسىلىشقا بۇيرۇش ۋاجىبتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتى ھەرقانداق كىشىنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. قانچە بۈيۈك ئۆلىما بولۇپ كەتسۇن، سۈننەتكە زىت سۆزلەپ قويغان بولسا، ئۇ سۈننەتتىن خەۋەرسىز قېلىپ، خاتا سۆزلىگەن ھېسابلىنىدۇ.» mujtehid.com (إيقاظ همم 93)
ئىمام بۇخارى مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ جامائەتتىن ئايرىلماسلىقنى بۇيرۇغان. جامائەت (رەسۇلۇللاھقا قەتئىي ئەگەشكەن) ئەھلى ئىلىملەردۇر.» (سەھىھۇل بۇخارى-قۇرئان سۈننەتكە ئېسىلىش كىتابى-19-بابنىڭ ماۋزۇسى) hedisim.com
ئەھمەد ئىبنى ئەبۇل ھۇۋارى مۇنداق دېگەن: «كىمكى سۈننەتكە ئەگەشمەستىن بىر ئىشنى قىلسا، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى باتىلدۇر.» (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،875) hedisim.com
ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ سۆزىگە تايىنىپ تۇرۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ھېچكىمنىڭ ھەددى ۋە ھەققى ئەمەس.» hedisim.com (رفع الملام 67)
ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەھلى بىدئەت تولىمۇ ئوچۇق ۋە كەڭ تارقالغان سۈننەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىدۇ.» hedisim.com (ئىبنى تەيمىييە مەجمۇئۇل فەتاۋا 19-71)
ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن: «شەرئىي دەلىلگە ئاساسلانغان كۆز قاراش توغرۇلۇق ئىختىلاپلىشىش ھالال ئەمەس.» (فەتھۇل بارى، 14/379) hedisim.com
ساھابىلەر، تابىئىنلار ۋە قەدىمدىن يېقىنقى بىر ئىككى يۈز مابەنىگىچە قەدەر ياشىغان ئىسلام ئۆلىمالىرى ئارىسىدا (ئىككى ئۈچ سانتا) ئاتالمىش كالتە ساقال قويىدىغان، ياكى ساقىلىنى پاك پاكىز چۈشۈرۈۋېتىپ ئايال كىشىگە ئوخشىۋالغان ھېچكىم يوق ئىدى.
تابىئىنلاردىن مۇئاۋىيە ئىبنى قۇررە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «يەتمىش ساھابە بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇلار بۈگۈن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا كەلسە، ئەزاندىن باشقا ئىشىڭلارنى تونۇمىغان بولاتتى.» hedisim.com (ئىمام زەھەبى، سىيەر ئەئلام نۇبەلا 5\154) بۇ بۈيۈك تابىئىن ئىمام كۈنىمىزگە كەلگەن بولسا يەنە نېمىلەرنى دەر بولغۇيتتى-ھە؟!
مۇناسىۋەتلىك پەتىۋالار:
ساقالنى بىر تۇتامدىنمۇ پەسەيتىۋېتىش دۇرۇسمۇ؟ | ھەنەفىي ئالىم مۇھەممەد ئەلھەسكافى
ساقال چۈشۈرۈشنىڭ ۋە قىسقارتىۋېتىشنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئەلبانى
خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبلىك ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ ھۆكمى | ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
ساقال چۈشۈرۈشنىڭ، ئەر كىشىنىڭ كىيىمىنى ئۇزۇن كىيىۋېلىشىنىڭ ۋە تاماكا چېكىشنىڭ ھۆكمى | ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي