ئىسلام بۈيۈكلىرىنىڭ سۈننەتكە زىت يول تۇتۇش ھەققىدە ئېيتقانلىرى
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
ئاللاھقا ھەمدۇلار بولسۇن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە سالات ۋە سالاملار بولسۇن.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((تركت فيكم شيئين لن تضلوا بعدهما: كتاب الله وسنتي، ولن يتفرقا حتى يردا على الحوض)) «ئاراڭلارغا ئىككى نەرسىنى قويۇپ قويدۇم، ئۇ ئىككىسىگە مەھكەم ئېسىلساڭلار ھەرگىز ئازمايسىلەر. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مېنىڭ سۈننىتىمدۇر. قۇرئان بىلەن سۈننىتىم ھەۋزى كۆلۈمدە ماڭا ئۇچراشقانغا قەدەر بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدۇ.» hedisim.com (سۇيۇتى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 2937؛ ئىبنى ھەزىم: ئۇسۇلىل ئەھكام 2\251، سەھىھ)
عَن أَبي نَجِيحٍ العربَاضِ بنِ سَاريَةَ رضي الله عنه قَالَ: وَعَظَنا رَسُولُ اللهِ مَوعِظَةً وَجِلَت مِنهَا القُلُوبُ وَذَرَفَت مِنهَا العُيون. فَقُلْنَا: يَارَسُولَ اللهِ كَأَنَّهَا مَوْعِظَةُ مُوَدِّعٍ فَأَوصِنَا، قَالَ: (أُوْصِيْكُمْ بِتَقْوَى اللهِ عز وجل وَالسَّمعِ وَالطَّاعَةِ وَإِنْ تَأَمَّرَ عَلَيْكُمْ عَبْدٌ، فَإِنَّهُ مَنْ يَعِشْ مِنْكُمْ فَسَيَرَى اخْتِلافَاً كَثِيرَاً؛ فَعَلَيكُمْ بِسُنَّتِيْ وَسُنَّةِ الخُلَفَاءِ الرَّاشِدِينَ المّهْدِيِّينَ عَضُّوا عَلَيْهَا بِالنَّوَاجِذِ وَإِيَّاكُمْ وَمُحْدَثَاتِ الأُمُورِ فإنَّ كلّ مُحدثةٍ بدعة، وكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلالَةٌ) رواه أبو داود والترمذي وقال : حديث حسن صحيح.
ئەبۇ نەجىھ ئىرباز ئىبنى سارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: (بىر كۈنى) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇنداق بىر ۋەز نەسىھەت قىلدىكى، بۇ سەۋەبلىك قەلىبلەر تىتىرەپ، كۆزلەردىن ياش ئاقتى. بىز «ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ ۋىدالاشقۇچى كىشىنىڭ نەسىھەتلىرىدۇر. بىزگە ۋەسىيەت قىلغايلا» دېدۇق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «سىلەرگە ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەگە تەقۋادارلىق قىلىشنى، بېشىڭلارغا بىر قۇل ھۆكۈمدار بولۇپ تەيىنلەنگەن تەقدىردىمۇ، ئەمرىنى ئاڭلاپ، ئىتائەت قىشىڭلارنى ۋەسىيەت قىلىمەن. سىلەردىن ھايات ياشايدىغانلار نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. (ئۇ ھالدا) سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە ھىدايەتكە ئېرىشكەن راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشىڭلار، سۈننىتىمگە مەھكەم ئېسىلىڭلار، سۈننىتىمنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن چىڭ چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. چۈنكى، دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق ئىش بىدئەتتۇر، بارچە بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4607؛ تىرمىزى 2676؛ ئەھمەد 17142، 17044؛ ئەھمەد شاكىر ۋە باشقا مۇھەددىسلەر سەھىھ دېگەن)
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ مۇنداق دېگەن: بىز (رەسۇلۇللاھقا) ئىتائەت قىلىمىز، (دىندا يېڭىلىق پەيدا قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆزىمىزگە) ئىتائەت قىلدۇرمايمىز. (رەسۇلۇللاھقا) ئەگىشىمىز، بىدئەت پەيدا قىلمايمىز. (رەسۇلۇللاھنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى بايان قىلىنغان سەھىھ) رىۋايەتلەرگە چىڭ ئېسىلغانلىكى تەقدىردە ئازمايمىز. hedisim.com (لالىكائى: ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنىڭ ئېتىقادى 93)
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەي ئەھلى (دىنىي مەسىلىلەردە سۈننەتكە تايانماي، ئۇنى تولغاش ياكى ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق كۆز قارىشىغا تايانغۇچىلار) سۈننەتنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. ھەدىسلەرنى ئاڭقىرىش ئۇلارغا قىيىن كېلىدۇ. ئۇلار ھەدىسلەرنى قولدىن قاچۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن چۈشىنەلمىگەن، ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ شەخسىي پىكىرى بويىچە سۆزلەپ ھەم ئۆزى ئازدى، ھەم باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ.» hedisim.com (ئەششەرھۇ ۋەلئىبانە 122؛ ناسىر ئىبنى ئەقىل: مەفھۇمۇس سۇننە ۋەلجامائە 37)
ئىبنى ئەتا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«كىم نەپسىنى سۈننەتنىڭ ئەدەبلىرىگە رىئايە قىلىشقا مەجبۇر قىلسا، ئاللا ئۇنىڭ قەلبىنى مەرىپەت نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرلىرىگە، پېئىللىرىغا، ئەمەللىرىگە ۋە ئەخلاقىغا ئەگىشىشتىنمۇ شەرەپلىك بىر ماقام يوقتۇر.» hedisim.com (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،875)
ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي مۇنداق دېگەن: مەيلى يۈكسەك ئىرادە تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردا بولسۇن، مەيلى رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردا بولسۇن ياخشىلىق دائىما رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتە بولىدۇ. (بۇخارى 7301-ھەدىسكە فەتھۇل بارى شەرھى) hedisim.com
خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە خەلىپىلىرىنىڭ سۈننىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ھۆكۈمنى قويۇشقا، شۇنداقلا بۇ سۈننەتكە زىت بولغان نەرسىلەرنىڭ ئارقىسىغا چۈشۈشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق. سۈننەتكە ئېسىلغان كىشى توغرا يولنى تاپىدۇ. سۈننەتكە ئەمەل قىلغان كىشى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. سۈننەتنى تاشلىغۇچى مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقا يول تۇتقان كىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بىرى سۈننەتتىن يۈز ئۆرىگەنلىكى مۇددەتتە ئاللاھمۇ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنى جەھەننەمگە تاشلايدۇ. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي. (حلية الأولياء 5\161) mujtehid.com
ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كېيىن ياشىغان ھەرقانداق بىرىنىڭ سۆزى قوبۇل قىلىنىشىمۇ، ياكى رەت قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. پەقەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىلا شەكسىز قوبۇل قىلىنىدۇ.» hedisim.com (ابن عبد البر في الجامع ٢ / ٩١)
{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنكُمْ ۖ فَإِن تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلً} مەنە تەرجىمىسى: {ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ رەسۇلى (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە) ئىتائەت قىلىڭلار، ۋە ئۆزۈڭلاردەك مۇسۇلمان بولغان ئىسلام ھۆكۈمدارلارغا (گۇماھ بولمايدىغان ئىشلاردا ئىتائەت قىلىڭلار) ۋە ئىسلام ئۆلىمالىرىغا (يەنى ئۇلارنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتكە، ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن چاقىرىق ۋە ھۆكۈملىرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر بىر ئىشتا ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار، ئۇ ئىشنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە رەسۇلۇڭلارنىڭ سۈننىتىگە قايتۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولساڭلار. مانا مۇشۇنداق قىلىش (يەنى ئىختىلاپنى كىتاپ ۋە سۈننەتكە قايتۇرۇپ، شەخسىي كۆز قاراشتىن ۋە ئىختىلاپتىن يېنىش) ياخشىلىق ۋە نەتىجىدە جەھەتتىن ئەڭ ياخشىدۇر.} — نىسا سۈرىسى، 59-ئايەت
ئىمام مالىك مۇنداق دېگەن: ئەسھابۇ رەيدىن ھەزەر ئەيلەڭلار، چۈنكى ئۇلار ئەھلى سۈننەتنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. (حلية الأولياء 5\163)
ئەسھابۇ رەي دېگەن: شەرئىي مەسىلىلەردە سەھىھ دەلىلگە ئەمەس، كۆز قاراشقا تايىنىپ، سەھىھ دەلىل كۆز قارىشىغا توغرا كەلسە تۇتىدىغان، توغرا كەلمىسە سەھىھ دەلىلنى تولغاپ بۇرمىلاپ، سەھىھ دەلىلگە ۋە ئۇنىڭ ئىگىلىرىگە ئاشكارا يوشۇرۇن دۈشمەنلىك قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىمام شافىينىڭ گېپى بولۇنىۋىدى، دادام (ئىمام ئەھمەد) ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى:«ئەگەر رەسۇلۇللاھقا تۇتىشىدىغانلىقىنى سىلەر بىلىدىغان بىر ھەدىس بولسا ماڭا دەڭلار، مەن ئۇ ھەدىس قايسى دىياردا (قايسى ھەدىس شەيخىنىڭ كىتابىدا يېزىغلىق ياكى زېھنىدە يادقا ساقلاقلىق) بولسا شۇ يەرگە بېرىپ ئۇ ھەدىسنى ئۆگىنىۋالاي.» hedisim.com (حلية الأولياء 7\34)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر مەسىلىدە سەھىھ ھەدىس كەلگەن ۋە بۇ سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان باشقا سەھىھ ھەدىس بولمىغان تەقدىردە بىزگە ۋە ئۈممەتكە پەرز بولغىنى شۇ سەھىھ ھەدىسنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۆز قاراشلارنى تەرك ئېتىشتۇر.» mujtehid.com (ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين 3/74)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ شاگىرتى قازى ئەبۇ يۈسۈپ رەھىمەھۇللاھقا مۇنداق دېگەن: (ويحك يا يعقوب (هو أبو يوسف) لا تكتب كل ما تسمع مني فإني قد أرى الرأي اليوم وأتركه غدا وأرى الرأي غدا وأتركه بعد غد) «ۋاي ساڭا ئى ئەبۇ يۈسۈپ! مەندىن ئاڭلىغانلىكى سۆزنى يېزىۋەرمە. چۈنكى، مەن بۈگۈن بىر قاراشتا بولۇپ ئەتىسى ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن. ئەتە بىر قاراشتا بولۇپ، ئۆگۈنلۈككە ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن.» hedisim.com (صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي مۇنداق دېگەن: «مەيلى يۈكسەك ئىرادە تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردا بولسۇن، مەيلى رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردا بولسۇن ياخشىلىق دائىما رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتە بولىدۇ.» mujtehid.com (بۇخارى 7301-ھەدىسكە فەتھۇل بارى شەرھى) ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي مۇنداق دېگەن: مەيلى يۈكسەك ئىرادە تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردا بولسۇن، مەيلى رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردا بولسۇن ياخشىلىق دائىما رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتە بولىدۇ. (بۇخارى 7301-ھەدىسكە فەتھۇل بارى شەرھى) hedisim.com
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَا مِنْ نَبِيٍّ بَعَثَهُ اللَّهُ فِي أُمَّةٍ قَبْلِي إِلَّا كَانَ لَهُ مِنْ أُمَّتِهِ حَوَارِيُّونَ وَأَصْحَابٌ يَأْخُذُونَ بِسُنَّتِهِ وَيَقْتَدُونَ بِهَا ثُمَّ يَخْلُفُ مِنْ بَعْدِهِمْ خُلُوفٌ يَقُولُونَ مَا لَا يَفْعَلُونَ وَيَفْعَلُونَ مَا لَا يُؤْمَرُونَ فَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِيَدِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ وَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِلِسَانِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ وَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِقَلْبِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ وَلَيْسَ وَرَاءَ ذَلِكَ مِنَ الْإِيمَانِ حَبَّةُ خَرْدَلٍ)) «ئاللاھ مەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە ئەۋەتكەن ھەربىر پەيغەمبەرنىڭ، ئۆز ئۈممىتى ئىچىدە ياردەمچىلىرى ۋە ساھابىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتى بىلەن ئەمەل قىلىپ، بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە بويسۇناتتى. ئۇلاردىن كېيىن قىلمايدىغان ئىشىنى سۆزلەيدىغان، (پەيغەمبىرى) ئەمر قىلمىغان ئىشنى (يەنى بىدئەتلەرنى) قىلىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كىم قولى ئارقىلىق بۇنداقلار بىلەن جىھاد قىلسا، ئۇ مۆمىندۇر؛ كىم تىلى ئارقىلىق بۇنداقلار بىلەن جىھاد قىلسا، ئۇ مۆمىندۇر؛ كىم بۇنداقلارغا قەلبى بىلەن جىھاد قىلسا، ئۇمۇ مۆمىندۇر. (پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن سۈننەتتىن باشقىسى بىلەن ئەمەل قىلىدىغانلارغا قارشى) قەلبى بىلەن بولسىمۇ جىھاد قىلمايدىغانلاردا قىچىنىڭ ئۇرۇقىچىلىكمۇ ئىمان يوقتۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 86)
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىتاب ۋە سۈننەتتىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئۇيغۇنلاشتۇرمىغان كىشىنىڭ ئىلىمى شەيتاندىندۇر. بىر ئىلىمنىڭ رەھمان تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكى پەقەت رەسۇلۇللاھنىڭ ئېلىپ كەلگىنىگە ئۇيغۇن بولۇش بىلەنلا بىلىنىدۇ.» mujtehid.com(ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،881)
ئىمام ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى بىلگەن كىشى ئۈچۈن- گەرچە سۈننەت قانچىلىك بۈيۈك ئىماملارنىڭ سۆزلىرىنىڭ قارشىسىدا بولغان تەقدىردىمۇ – سۈننەتنى ئۈممەتكە بىلدۈرۈش، باشقىلارنى سۈننەتكە مەھكەم ئېسىلىشقا بۇيرۇش ۋاجىبتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتى ھەرقانداق كىشىنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. قانچە بۈيۈك ئۆلىما بولۇپ كەتسۇن، سۈننەتكە زىت سۆزلەپ قويغان بولسا، ئۇ سۈننەتتىن خەۋەرسىز قېلىپ، خاتا سۆزلىگەن ھېسابلىنىدۇ.» mujtehid.com (إيقاظ همم 93)
ئەبۇ سەئلەبە ئەلكۇشانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: ((إِنَّ مِنْ وَرَائِكُمْ أَيَّامَ الصَّبْرِ، الصَّبْرُ فِيهِ مِثْلُ قَبْضٍ عَلَى الْجَمْرِ، لِلْعَامِلِ فِيهِمْ مِثْلُ أَجْرِ خَمْسِينَ رَجُلًا يَعْمَلُونَ مِثْلَ عَمَلِهِ، قَالَوا يَا رَسُولَ اللهِ! أَجْرُ خَمْسِينَ مِنْهُمْ؟! قَالَ: أَجْرُ خَمْسِينَ مِنْكُمْ)) «چوقۇمكى، كەلگۈسىدە سەبر زامانى كېلىدۇ. ئۇ چاغدىكى سەبر بەئەينى كۆيۈپ تۇرغان ئوتنى قاماللاپ تۇتۇپ تۇرغاندەك (قىيىن) بولىدۇ. ئۇ چاغدا (قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن) ئەمەل-ئىبادەتلەردە چىڭ تۇرغۇچىغا ئەللىك كىشىگە بېرىلىدىغان ساۋاب بېرىلىدۇ» دېۋىدى.
ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ! (شۇنداق بىرىگە) شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەللىك كىشىگە بېرىلىدىغان ئەجر بېرىلەمدۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «سىلەردىن (يەنى ساھابىلەردىن) ئەللىك كىشىنىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4341؛ تىرمىزى 3058؛ تىرمىزى سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» 494 دە سەھىھ دېگەن؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر تەخرىج مىشكات مەسابىھتا – 4\486-سەھىھ دېگەن)
ئىمام بۇخارى مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ جامائەتتىن ئايرىلماسلىقنى بۇيرۇغان. جامائەت (رەسۇلۇللاھقا قەتئىي ئەگەشكەن) ئەھلى ئىلىملەردۇر.» (سەھىھۇل بۇخارى-قۇرئان سۈننەتكە ئېسىلىش كىتابى-19-بابنىڭ ماۋزۇسى) hedisim.com
ئىمام بۇخارىنىڭ (بۇ ماۋزۇ ئارقىلىق) دېمەكچى بولغىنى مۇنداق: ئالىمنىڭ (ھەر قانداق بىر مەسىلىدە) شەرئىي دەلىللەرنى بىلدۈرۈش ئىمكانى بار تۇرۇپ، ئۇنداق قىلماستىن ئۆز كۆز قارىشى ۋە قىياس بىلەن سۆز قىلىشىغا يول يوق. (فەتھۇلبارى، 14/373) hedisim.com
ئەھمەد ئىبنى ئەبۇل ھۇۋارى مۇنداق دېگەن: «كىمكى سۈننەتكە ئەگەشمەستىن بىر ئىشنى قىلسا، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى باتىلدۇر.» hedisim.com (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،875)
ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ سۆزىگە تايىنىپ تۇرۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ھېچكىمنىڭ ھەددى ۋە ھەققى ئەمەس.» hedisim.com (رفع الملام 67)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ، پەقەت رەت قىلغۇچى جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېۋىدى، (ساھابىلەر) «ئى رەسۇلۇللاھ! رەت قىلغۇچى قانداق كىشى؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«كىم مېنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىمگە ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ، كىم بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىمگە ئاسىيلىق قىلسا رەت قىلغان بولىدۇ (نەتىجىدە دوزاخقا كىرىدۇ)» دېدى. (سەھىھۇل بۇخارى) [كل أمتي يدخلون الجنة إلا من أبى، قيل: يا رسول الله! من يأبى؟ قال: من أطاعني دخل الجنة، ومن عصاني فقد أبى]
ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەھلى بىدئەت تولىمۇ ئوچۇق ۋە كەڭ تارقالغان سۈننەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىدۇ.» hedisim.com (ئىبنى تەيمىييە مەجمۇئۇل فەتاۋا 19-71)
ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن: «شەرئىي دەلىلگە ئاساسلانغان كۆز قاراش توغرۇلۇق ئىختىلاپلىشىش ھالال ئەمەس.» hedisim.com (فەتھۇل بارى، 14/379)
تابىئىنلاردىن مۇئاۋىيە ئىبنى قۇررە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «يەتمىش ساھابە بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇلار بۈگۈن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا كەلسە، ئەزاندىن باشقا ئىشىڭلارنى تونۇمىغان بولاتتى.» hedisim.com (ئىمام زەھەبى، سىيەر ئەئلام نۇبەلا 5\154) بۇ بۈيۈك تابىئىن ئىمام كۈنىمىزگە كەلگەن بولسا يەنە نېمىلەرنى دەر بولغۇيتتى-ھە؟!