سەپەردە ۋە مۇساپىرلىقتا نامازلارنى قىسقارتىپ ئوقۇيمىزمۇ؟
«فىقھۇل مۇيەسسەر» ناملىق مۆتىۋەر فىقھى ئەسەردىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
[98] بىرىنجى مەسىلە: نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇشنىڭ (قەسىر قىلىشنىڭ) ھۆكمى
يولۇچىنىڭ (ۋە مۇساپىر ھۆكمىدىكى كىشىنىڭ) تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازنى ئىككى رەكئەتكە قىسقارتىپ ئوقۇيدىغانلىقىنىڭ شەرىئتتە بەلگىلەنگەنلىكى توغرىسىدا ئەھلى ئىلىم ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق. يولۇچىنىڭ نامىزىنى قىسقارتىپ ئوقۇشىنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەنلىكىگە قۇرئان، سۈننەت ۋە ئىجمائ دەلىلدۇر. قۇرئاندىن دەلىل:«يەر يۈزىدە سەپەرگە چىققىنىڭلاردا ئەگەر كاپىرلارنىڭ سىلەرگە يامانلىق قىلىشىدىن قورقساڭلار، نامىزىڭلارنى قىسقارتىپ ئوقۇشۇڭلاردا ھېچ گۇناھ يوق.»(سۈرە نىسا، 101-ئايەت)
قورقۇنچ ھالىتىدە بولسۇن ياكى بولمىسۇن، سەپەردە نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇش دۇرۇس. ساھابىلەر ئەمىنلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇش توغرىسىدا سوئال سورىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «(نامازنى قەسىر قىلىش) ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن سەدىقىسىدۇر. ئاللاھنىڭ سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىڭلار» دېدى.(مۇسلىم 686) ئەسلىدىنلا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، ئۇ زاتنىڭ خەلىپىلىرى ۋە ساھابىلىرى سەپەردە نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇشنى داۋام قىلغان. ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«مەن سەپەردە رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە ئىدىم. ئاللاھ ئۇ زاتنى ۋاپات تاپقۇزغۇچە ئۇ زات سەپەردە ئىككى رەكئەتتىن ئارتۇق ناماز ئوقۇمىدى. ئەبۇ بەكرى سىددىق بىلەنمۇ بىللە سەپەرلەردە بولدۇم، ئۇ زات دە ئاللاھ ۋاپات تاپقۇزغانغا قەدەر ئىككى رەكئەتتىن ئارتۇق ناماز ئوقۇمىدى…»(مۇسلىم 689) ئاندىن، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارنىمۇ بۇ قاتاردا تىلغا ئالدى.
بۇنىڭدىن سىرت، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنىڭ «ئاللاھ نامازنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تىلى بىلەن مۇقىم تۇرغاندا تۆت رەكئەت، سەپەر ھالىدە ئىكى رەكئەت قەسىر قىلىپ پەرز قىلدى» دېگەنلىكىمۇ بۇنىڭ دەلىلىدۇر.(مۇسلىم 687)
ھەدىسشۇناسلارنىڭ ۋە فەقىھلەرنىڭ پېشىۋاسى ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن نەقىل قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەقىقەتەن، ئاللاھ ئۆزىگە قارشى گۇناھ ئىشلارنىڭ قىلىنىشىنى يامان كۆرىدۇ، ئۆزى بەرگەن رۇخسەتلىرىنىڭ قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.»(ئەھمەد 5832؛ ئەلبانى ‹ئەل ئىرۋائ› 564-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
سەپەردە نامازنى قەسىر قىلىشنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەنلىكىگە ئىجمائتىن دەلىلگە كەلسەك: بۇ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەنلىكى كەسكىن بىلىنگەن ئىشتۇر. ئۈممەت، سەپەردە نامازنى قەسىر قىلىشتا ئىجمائقا كەلگەن. شۇ ۋەجىدىن، بۇ سۈننەتنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە رۇخسەتنى تۇتۇش ئۇنى تەرك قىلىشتىن ياخشى ۋە پەزىلەتلىك. ھەتتا، بەزى ئالىملار يولۇچىنىڭ نامىزىنى تولۇق ئوقۇشىنى مەكرۇھ دېگەن. بۇنداق بولۇشى، كىشىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ساھابىلەرنىڭ سۈننەتنى ئورۇنداشتا داۋاملىق بولۇشى ۋە بۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دائىملىق پېئىلى بولۇشىدۇر. (مەنبە: فىقھۇل مۇيەسسەر، ناماز بۆلۈمى) — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com