تىلغا ھېزى بولۇش، ھەق ۋە توغرا سۆز قىلىش توغرىسىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر

تىلغا ھېزى بولۇش، ھەق ۋە توغرا سۆز قىلىش توغرىسىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر

فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:

«يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَقُولُوا قَوْلًا سَدِيدًا (٧٠) يُصْلِحْ لَكُمْ اَعْمَالَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْۜ وَمَنْ يُطِعِ اللّٰهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ فَازَ فَوْزًا عَظ۪يمًا(٧١)» [سورة الأحزاب]

«ئى ئىمان ئېيتقان مۆمىنلەر، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە توغرا سۆز قىلىڭلار.(70) (تەقۋادارلىقنى ۋە ياخشى سۆزنى لازىم تۇتقىنىڭلاردا ئاللاھ) ئىشلىرىڭلارنى ئوڭشاپ بېرىدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ. كىم ئالللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلسا (يەنى، ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلسا)، بەك بۈيۈك بەخت-سائادەتكە نائىل بولىدۇ.(71)» (ئەھزاب سۈرىسى، 70 ئايەت)

ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ ئۆز تەپسىرىدە بۇ ئايەتتىكى «القول السداد» نى، يەنى «توغرا سۆز» نى —كىشىنىڭ ئىچى بىلەن تېشى ئوخشاش ھالدا ئېيتىلغان، ھەقكە ئۇيغۇن بولغان، پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىلا كۆزلەنگەن، ھەممىلا خىل ئەھۋالدا ياخشى ھېسابلانغان سۆز، دەپ تەپسىرلىگەن.

ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:

وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنسَانَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِ نَفْسُهُ ۖ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ الْوَرِيدِ

16. ئىنساننى شەكسىزكى بىز ياراتتۇق، نەپسىنىڭ  ئىنساننى قانداق ۋەسۋەسىلەرگە سېلىۋاتقانلىقىنى (يەنى ئىنساننىڭ ئىچىدە ئويلاۋاتقان ياخشىلىق ۋە يامانلىقلىرىنى1) بىز بىلىپ تۇرىمىز. بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز2 ئىنسانغا  ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىن. 

إِذْ يَتَلَقَّى الْمُتَلَقِّيَانِ عَنِ الْيَمِينِ وَعَنِ الشِّمَالِ قَعِيدٌ

17. بىرى ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى ئىنساننىڭ سول تەرىپىدە (ھېچبىر زامان ئىنساندىن ئايرىلماي) ئۇنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان1 (ۋە قىلغان ھەر بىر ئىشىنى، ئېيتقان ھەر بىر سۆزىنى  خاتىرلەپ تۇرىدىغان2) ئىككى پەرىشتە بار.

مَّا يَلْفِظُ مِن قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ

18. ئىنسان قانداقلا بىر سۆزنى قىلسا، ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان، ئىنساندىن ئەسلا ئايرىلمايدىغان2 (بۇ ئىككى) پەرىشتە ھازىر ھالەتتە (ئېيتقانلىرىدىن بىر ھەرپنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي خاتىرىلەپ1) تۇرىدۇ.

ھەسەن ئىبنى ئەتىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:  (بَيْنا رَجُلٌ راكِبًا حِمارًا إذْ عَثَرَ بِهِ فَقالَ: تَعِسْتَ، فَقالَ صاحِبُ اليَمِينِ: ما هِيَ بِحَسَنَةٍ فَأكْتُبُها، وقالَ صاحِبُ الشِّمالِ: ما هِيَ بِسَيِّئَةٍ فَأكْتُبُها فَأُوحِيَ إلى صاحِبِ الشِّمالِ ما تَرَكَ صاحِبُ اليَمِينِ فاكْتُبْهُ فَكُتِبَتْ فِي السَّيِّئاتِ) بىر كىشى ئۇلىغىغا مىنىپ كېتىۋاتاتتى ئۇلىغى مۈدۈرۈپ كەتتى. ئۇ كىشى «مۈدۈرۈپ كەتتىڭ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئوڭ مۈرىسىدىكى  كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى يازىدىغان پۈتۈكچى پەرىشتە «يازاي دېسەم بۇ ياخشى سۆز ئەمەس» دېدى. سول مۈرىسىدىكى يامانلىقىنى يازىدىغان پۈۈتۈكچى پەرىشتە «يازاي دېسەم بۇ سۆز يامانلىق ئەمەس» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ سول تەرەپتىكى پۈتۈكچى پەرىشتىگە «ئوڭ تەرەپتىكى پەرىشتە يازمىغاننى سەن ياز» دەپ ۋەھىي قىلدى، نەتىجىدە ئۇنىڭ بۇ سۆزى يامانلىق سۈپىتىدە ئۇ كىشىنىڭ ئەمەل دەپتىرىگە يېزىلدى.  hedisim.com (حلية الأولياء 6\76)

تابىئىن ئىمام ئەھنەف ئىبنى قەيس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«مەن (ئېيتقان ھەر بىر ئېغىز سۆزۈمدىن) ھېساب ئېلىنىشىدىن قورققانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى كۆپ گەپ قىلىشتىن چەكلەيمەن.» hedisim.com (ئىمام ئەھمەد: زۇھد كىتابى 1299)

 فەزل ئىبنى مۇھەممەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئابدۇللاھ ئىبنى سالىھنى يا ھەدىس سۆزلەۋاتقان ۋەياكى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىۋاتقان ھالەتتىلا كۆردۈم.»  hedisim.com (سىيەر ئەئلام نۇبەلا، 10\405) 

ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنۇ نەقىللەرنى كەلتۈرگەن:

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتى، بۈيۈك تابىئىن مۇپەسسىر ئالىم ئەلى ئىبنى ئەبۇ تەلھە — ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇنىڭ بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: پەرىشتە ئىنساننىڭ مەيلى ياخشىلىق تۈرىدىن، مەيلى يامانلىق تۈرىدىن سۆزلىگەن ھەر قانداق سۆزىنى يازىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ «يېدىم، ئىچتىم، كەلدىم، كەتتىم، كۆردۈم…» دېگەن سۆزلىرىنىمۇ خاتىرىلەپ ماڭىدۇ. ئاقىۋەتتە، ھەر پەيشەنبە كۈنى پەرشىتىلەر ئىنساننىڭ ئەمەل دەپتىرىدىكى سۆزلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ياخشىلىق تۈرىدىكى ۋە يامانلىق تۈرىدىكى سۆزلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇپ، باشقا (مۇباھ) سۆزلىرىنى ئۇنىڭ ئەمەل دەپتىرىدىن ئۆچۈرىۋېتىدۇ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنۇ سۆزىدە مۇشۇ ئىشنى بايان قىلغان: «ئاللاھ خالىغىنىنى ئۆچۈرىدۇ، خالىغىنىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ. ئانا كىتاب ئۇنىڭ يېنىدىدۇر.» (سۈرە رەئد 39-ئايەت)

نەقىل قىلىنىشىچە، ئىمام ئەھمەد كېسەل كارىۋىتىدا ياتقىنىدا ئىڭرىغان ئىدى. بۈيۈك تابىئىن مۇپەسسىرلەردىن تاۋۇس رەھىمەھۇللاھنىڭ «پەرىشتىلەر ئىنساننىڭ ئىڭرىغىنىنىمۇ خاتىرىلەپ ماڭىدۇ» دېگەن سۆزى ئىمام ئەھمەد يەتكۈزۈلىۋىدى، شۇ ھامان ئىڭراشتىن توختاپ، قايتا ئىڭراپمۇ سالمىدى. [تەپسىر ئىبنى كەسىردىن ئېلىنغان نەقىل تۈگىدى.]

ئائىشە ئانىمىز ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن ئىدى:«ئى ئائىشە! («ھېچنېمە بولمايدىغۇ» دەپ) كىچىك كۆرىلىدىغان ئىشلاردا دىققەتلىك بولۇڭ. چۈنكى، ئاشۇ ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن (ۋەزىپىگە قويۇلغان پۈتۈكچى) پەرىشتە باردۇر.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 35487؛ ئىبنى ماجە 4243؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 5568؛ مۇسنەد ئەھمەد 6\70)

بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: «سۆز قىلغىنىڭدا ئاللاھنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېسىڭدە تۇت. سۈكۈتتە تۇرغىنىڭدا ئاللاھنىڭ سېنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېسىڭدە تۇت.» (جامىئۇل ئۇلۇم ۋەلھىكەم، 1\294) hedisim.com

    ئىمام ئىبنى كەسىر تەپسىرىدە مۇنۇ نەقىلنى كەلتۈرگەن:

    ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ «ئىساننىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە كۆزىتىپ خاتىرىلەپ تۇرىدىغان ئىككى پەرىشتە بار» ئايىتىنى ئوقۇپ مۇنداق دېگەن:
    ئەي ئادەم بالىسى! سېنىڭ ئالدىڭدا بىر سەھىپە (يەنى ئەمەل دەپتىرىڭ) ئېچىغلىقتۇر. سەن ئۈچۈن ئىككى شەرەپلىك پەرىشتە ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن. پەرىشتىلەرنىڭ بىرى ئوڭ تەرىپىڭدە، يەنە بىرى سول تەرىپىڭدىدۇر. ئوڭ تەرىپىڭدىكى پەرىشتە ياخشىلىقلىرىڭنى يېزىپ تۇرىدۇ، سول تەرىپىڭدىكى پەرىشتە يامانلىقلىرىڭنى يېزىپ تۇرىدۇ. ئىش مانا مۇشۇنداقتۇر، ئۇنداقتا خالىغىنىڭنى قىل، خالىساڭ ئاز، خالىساڭ كۆپ ئەمەل قىل. ئاقىۋەتتە ئۆلگىنىڭدە، ئەمەل دەپتىرىڭ قاتلىنىپ، (پەرىشتىلەر تەرىپىدىن) بوينىڭغا يۆگىلىدۇ ۋە سەن بىلەن بىللە قەبرىگە قويۇلىدۇ. (ئەمەل دەپتىرىڭ) قىيامەت كۈنى قەبرىڭدىن چىققانغا قەدەر سەن بىلەن قەبرەڭدە قالىدۇ. شۇڭىلاشقا، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: «ھەر ئىنساننىڭ ئەمىلىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئاسىمىز. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ قارشىسىدا ئېچىلغان ھالەتتە كىتابىنى قويىمىز. كىتابىڭنى ئوقۇ! بۈگۈن، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكسەن.» (سۈرە ئىسرا، 13-،14-ئايەت) [تەپسىر ئىبنى كەسىر، يۇقىرىقى ئايەتنىڭ تەپسىرى]

* ياخشى سۆز قىلىشنىڭ ئىسلامدىكى مۇھىم ۋاجىباتلاردىن بىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. يوللارنىڭ ئەڭ خەيرلىكى مۇھەممەدنىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردۇر. ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» hedisim.com (مۇسلىم، بۇغۇلمەرام 439)

وعن أبي هريرة رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «من كان يؤمن بالله واليوم الآخر، فليقل خيرًا، أو ليصمت.»((متفق عليه)).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتسا ياخشى سۆز قىلسۇن، بولمىسا جىم تۇرسۇن.» (بۇخارى 5994؛ مۇسلىم 67؛ رىيازۇس سالىھىن 1511) hedisim.com

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سۆزنى ساڭا دەپ بېرەيمۇ؟ شەك-شۈبىھسىزكى، ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سۆز <سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى> دۇر.» (مۇسلىم 4911؛ رىيازۇس سالىھىن 1412) hedisim.com

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إنَّ اللهَ تعالى جَميلٌ يحبُّ الجمالَ)) «ئاللاھ تائالا گۈزەلدۇر. (سۆزدە، ھەرىكەتتە ۋە ئەخلاقتا) گۈزەل بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.» (جامىئۇس سەغىر 1720؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1741) hedisim.com

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (مَن أقَرَّ بِعَيْنِ مُؤْمِنٍ، أقَرَّ اللَّهُ بِعَيْنِهِ يَوْمَ القِيامَةِ)«كىم بىر مۆمىننى خۇش قىلسا، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنى خۇش قىلىدۇ.» (ئىبنى مۇبارەك: زۇھد 637) *مۇسۇلمان خوش بولىدىغان ياخشى ۋە راست سۆزنى قىلىش ئارقىلىق ئۇنى خوش قىلىشمۇ مۇشۇ ھەدىسنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە، تىلى بىلەن مۇسۇلماننىڭ دىلىغا ئازار بېرىدىغان كىشى گۇناھ قىلغان، مۇسۇلمانغا تىلى بىلەن ئازار بېرىش ئارقىلىق ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ.

فەقىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ «گۈزەل ئەخلاق» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن: «بارچە گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئاساسى — كىشىلەرگە سۆز، تىل ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق ئازار بېرىشتىن ساقلىنىشتۇر. ھەممە گۈزەل ئەخلاق باشقىلارغا ئازار بېرىش، زىيان سېلىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.»  hedisim.com (ئىبنى ئۇسەيمىن: گۈزەل ئەخلاق)

* راست سۆزلەشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

عَلَيْكُمْ بِالصِّدْقِ فَإِنَّ الصِّدْقَ يَهْدِي إِلَى الْبِرِّ وَإِنَّ الْبِرَّ يَهْدِي إِلَى الْجَنَّةِ وَمَا يَزَالُ الرَّجُلُ يَصْدُقُ وَيَتَحَرَّى الصِّدْقَ حَتَّى يُكْتَبَ عِنْدَ اللَّهِ صِدِّيقًا وَإِيَّاكُمْ وَالْكَذِبَ فَإِنَّ الْكَذِبَ يَهْدِي إِلَى الْفُجُورِ وَإِنَّ الْفُجُورَ يَهْدِي إِلَى النَّارِ وَمَا يَزَالُ الرَّجُلُ يَكْذِبُ وَيَتَحَرَّى الْكَذِبَ حَتَّى يُكْتَبَ عِنْدَ اللَّهِ كَذَّابًا

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «راست سۆزلەشتە چىڭ تۇرۇڭلار. چۈنكى، راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق بولسا جەننەتكە باشلايدۇ. كىشى راست سۆزلەشنى داۋام قىلىپ، راستچىل بولۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋېرىپ، ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا <راستچىل كىشى> دەپ يېزىلىدۇ. سىلەر يالغان سۆزلەشتىن ساقلىنىڭلار. يالغان سۆزلەش گۇناھقا باشلايدۇ، گۇناھ بولسا دوزاخقا باشلايدۇ. كىشى يالغان سۆزلەشنى داۋام قىلىپ، يالغان سۆزلەشتە چىڭ تۇرىۋېرىپ، ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا <يالغانچى> دەپ يېزىلىدۇ.» (مۇسلىم 2607؛ ئوخشاش مەزمۇندىكى ھەدىس سۇنەن ئەبۇ داۋۇدتىمۇ خاتىرىلەنگەن؛ ئەبۇ داۋۇد 4989)

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: يالغان سۆزلەش ھارام. ھەتتا بەزى ئۆلىمالار يالغان سۆزلەشنى گۇناھى كەبىرە دېگەن. يالغان سۆزنىڭ ھەر قاندىقى ھارام، ھەر قانداق يالغان سۆز كىشىنى ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىككە باشلايدۇ.

إن أحببتم أن يحبكم الله تعالى ورسوله فأدوا إذا ائتمنتم، واصدقوا إذا حدثتم، وأحسنوا جوار من جاوركم

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سىلەرنى ياخشى كۆرۈشىنى ئارزۇلايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتنى ئېگىسىگە تاپشۇرۇڭلار، سۆزلىگەندە راست سۆزلەڭلار، قوشنىلىرىڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار.» (جامىئۇس سەغىر 2657؛ ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر،1409)

ئەبۇ ئۇمامە ئەلباھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن ئۆزىنىڭ ھەق تۇرۇپ (باشقىسى بىلەن) تالاش-تارتىش قىلىشنى تەرك ئەتكەن كىشى ئۈچۈن جەننەتنىڭ بۇلۇڭىدىن بىر ئۆي بېرىلىشىگە كېپىلمەن. چاقچاق قىلسىمۇ يالغان سۆزلەشتىن ئۇزاق تۇرغان كىشى ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر ئۆي بېرىلىشىگە كېپىلمەن. ئەخلاقى گۈزەل بولغان مۆمىن ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈن يېرىدىن بىر ئۆي بېرىلىشىگە كېپىلمەن.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4800؛ رىيازۇس سالىھىن 630 ؛ تەبراني: ئەلئەۋسەت 5\68) أنا زَعِيمٌ بِبَيْتٍ فِي رَبَضِ الجَنَّةِ لِمَن يَتْرُكِ المِراءَ وإنْ كانَ مُحِقًّا، وبَيْتٍ فِي وسَطِ الجَنَّةِ لِمَن تَرَكَ الكَذِبَ وإنْ كانَ مازِحًا، وبِبَيْتٍ فِي أعْلى الجَنَّةِ لِمَن حَسُنَ خُلُقُهُ

* خەتەر ئالدىدىمۇ ھەق سۆزنى سۆزلەيدىغان كىشىنىڭ ئۈستۈن پەزىلىتى توغرىسىدا

ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: أَفْضَلُ الْجِهَادِ كَلِمَةُ عَدْلٍ عِنْدَ سُلْطَانٍ جَائِرٍ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جىھادنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى — زالىم ھۆكۈمدار ئالدىدا ھەقنى سۆزلەشتۇر.» hedisim.Com (ئەبۇ داۋۇد 4344؛ تىرمىزىي بەغەۋى: شەرھۇس سۇننە؛ بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان؛ تەبرانى: ئەلكەبىير؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن) تىرمىزىنىڭ لەۋزىدە مۇنداق كەلگەن: إنَّ مِن أعْظَمِ الجِهادِ كَلِمَةَ عَدْلٍ عِنْدَ سُلْطانٍ جائِرٍ «جىھادنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى — زالىم ھۆكۈمدارنىڭ ئالدىدا ھەقنى سۆزلەشتۇر.» (ئەلبانى سەھىھ دېگەن)

ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((منْ ردَّ عَنْ عِرْضِ أخيهِ، ردَّ اللَّه عنْ وجْههِ النَّارَ يوْمَ القِيَامَةِ)) «كىم دىنىي قېرىندىشىنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى (تۆھمەتتىن ياكى غەيۋەتتىن) قوغدىسا، ئاللاھ قىيامەت كۈنى بۇنداق قىشىنىڭ يۈزىنى دوزاخ ئوتىدىن قوغدايدۇ.» hedisim.com (مۇسنەد ئەھمەد 6\450؛ تىرمىزى 1854؛ رىيازۇس سالىھىن 1528)

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سۆزلىرىنىڭمۇ ئەمەل جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپ بولىدۇ.» hedisim.com (حلية الأولياء، 4\169)

 

* تىلنى يامان سۆزلەردىن ساقلاشنىڭ پەرزلىكى توغرىسىدا

عن أبي سعيد الخدري رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «إذا أصْبَح ابن آدَم، فإن الأعضاء كلَّها تَكْفُرُ اللِّسان، تقول: اتَّقِ الله فِينَا، فإنَّما نحن بِك؛ فإن اسْتَقَمْتَ اسْتَقَمْنَا، وإن اعْوَجَجْت اعْوَجَجْنَا». 

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم بالىسى تاڭ ئاتقۇزغاندا بارلىق ئەزالىرى تىلغا يېلىنىپ مۇنداق دەيدۇ دەيدۇ: ئى تىل! بىزنىڭ ھەققىمىزدە ئاللاھدىن قورققىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا باغلىقمىز. ئەگەر سەن دۇرۇست بولساڭ، بىزمۇ دۇرۇست بولىمىز، ئەگەر سەن ئەگرى بولساڭ بىزمۇ ئەگرى بولىمىز.» (تىرمىزى، سەھىھ)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەندە ئويلاشماستىنلا (ئاللاھنى نارازى قىلىدىغان) بىر سۆزنى دەۋېتىدۇ، ئاقىۋەتتە (مۇشۇ سۆزى سەۋەبلىك) چوڭقۇرلۇقى شەرق بىلەن غەرپنىڭ ئارىسىدىكى مۇساپىدەك چوڭقۇر بولغان دوزاخ چوڭقۇرلۇقىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 5996؛ مۇسلىم 5304؛ رىيازۇس سالىھىن 1514)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ ئاڭلىغانلىكى ھەر سۆزنى سۆزلەپ يۈرۈشى ئۇنىڭغا يالغانچىلىقتا يېتىپ ئاشىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 6؛ رىيازۇس سالىھىن 1548)

سەھل ئىبنى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىم ماڭا ئىككى كالپۇكى ئارىسىدىكى (يەنى تىلى) بىلەن ئىككى پاچىقى ئارىسىدىكىنى (يەنى جىنسىي ئەزاسىنى يامان سۆزلەردىن ۋە زىنادىن) ساقلاشقا ۋەدە بەرسە، مەن ئۇنىڭغا جەننەتنى ۋەدە قىلىمەن.» hedisim.com (بۇخارى 5993؛ رىيازۇس سالىھىن 1513)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بىر تۈركۈم مۇھىم مەسىلىلەردە تەلىم بەرگەن ھەدىستە مۇنۇ مەزمۇن مەۋجۇت:
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئىشنىڭ بېشى ئىسلامدۇر، ئۇنىڭ تۈۋرۈكى نامازدۇر، يۇقىرى پەللىسى جىھادتۇر» دېدى. ئاندىن «ساڭا بۇلاردىن ھەممىسىنىڭ ئاساسىنى دەپ بېرەيمۇ؟» دېدى. مەن «شۇنداق قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى» دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «بۇنى ساقلا» دېۋىدى، مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، سۆزلىگەن سۆزلىرىمىز سەۋەبلىكمۇ ھېسابقا تارتىلامدۇق؟» دەپ سورىدىم. «ئاناڭ ساڭا يىغلاپ قالسۇن! ئىنسانلارنىڭ يۈزىچىلەپ (ياكى بۇرنىچىلاپ) دوزاخقا چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىش ئۇلارنىڭ تىللىرى ئارقىلىق قىلغان گۇناھلىرى بولماي نېمە؟» دېدى. (تىرمىزى 2616؛ ئەھمەد 22016؛ مۇھەددىسلەردىن ئەھمەد شاكىر ۋە باشقىلار سەھىھ دېگەن) hedisim.com

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشى كىچىك ئىش چاغلاپ يامان سۆزدىن بىرنى دەيدۇ. شۇ سۆزى ئۇنىڭ دوزاخنىڭ يەتمىش يىللىق چوڭقۇرىغا چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.» (تىرمىزى 2314) hedisim.com

ئىرباز ئىبنى سارىيە ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر-بىرىنى تىللىغان ئىككى كىشى — بىر-بىرىگە يامان سۆز ۋە يالغان سۆز قىلىۋاتقان ئىككى شەيتاندۇر.» (ئىبنى ھىببان، سەھىھ؛ فەتھۇلبارى 12\133)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر-بىرى بىلەن تىللاشقان ئىككى كىشىنىڭ تىللاشقان گۇناھى — مەزلۇم ھەددىدىن ئاشمىغان تەقدىردە تىللاشنى باشلىغۇچىغا بولىدۇ.» (مۇسلىم 4688، رىيازۇس سالىھىن 1562)

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((سِباب المُسْلِمِ فُسوقٌ، وقِتَالُهُ كُفْرٌ)) «مۇسۇلماننى تىللاش پاسىقلىق، مۇسۇلمانغا قارشى ئۇرۇشۇش كاپىرلىقتۇر.» (بۇخارى 46؛ مۇسلىم 97؛ رىيازۇس سالىھىن 1560)

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى باشقا بىرىنى پاسىقلىق بىلەن ياكى كاپىرلىق بىلەن ھاقارەتلىسە، ھاقارەتلەنگەن كىشى پاسىق ياكى كاپىر بولمىسا، ئۇ ھالدا بۇ سۈپەت ھاقارەتلىگۈچىگە قايتىدۇ.» (بۇخارى 5585؛ رىيازۇس سالىھىن 1561) بۇ ھەدىستە كۆزدە تۇتۇلغان كىشىنىڭ كاپىر بولۇشى تىلى ئارقىلىق بولىدۇ. تىلغا ئىگە بولماسلىقنىڭ خەتىرى مانا مۇشۇنداق چوڭدۇر.

* ئايالىغا يامان سۆز قىلماسلىق ھەققىدە

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ائت حرثك أنى شئت، وأطعمها إذا طعمت، واكسها إذا اكتسيت، ولا تقبح الوجه، ولا تضرب)) «ئايالىڭ بىلەن خالىغىنىڭچە يېقىنچىلىق قىل؛ ئۆزۈڭ يېسەڭ ئۇنىڭغىمۇ يېگۈز، ئۆزۈڭ كەيسەڭ ئۇنىڭغىمۇ كەيگۈز، ئۇنىڭ يۈزىگە يامان سۆز قىلما، ئۇنى ئۇرما.» (سەھىھ جامىئۇس سەغىر 17؛ سەھىھ ئەبۇ داۋۇد 2143؛ ھەسەن سەھىھ)

* يالغان سۆزلەشنىڭ خەتىرى

جەمئىيەتتە ئەڭ كەڭرى تارقالغان تىلنىڭ ئاپەتلىرىدىن بىرى يالغان سۆزلەشتۇر. يالغان سۆزلەش مۇناپىقلىق ئالامىتىدۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((آيَةُ الُمنافِقِ ثَلَاثٌ: إذا حَدَّثَ كَذَبَ وإذا وعد أَخْلَفَ وإِذا ائْتُمِنَ خَانَ.))«مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچتۇر: سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ، ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ.» (مۇتتەفەقۇن ئەلەيھى ھەدىس؛ بۇخارى 33-نومۇرلۇق، مۇسلىم 59-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇلۇغۇلمەرام 1467-نومۇرلۇق ھەدىس)

 ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«كىشىنىڭ نامىزىغا ۋە روزىسىغا قارىماڭلار. ھالبۇكى، كىشىنىڭ سۆز قىلغاندا توغرا سۆز قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىغا، ئامەتكە خىيانەت قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىغا ۋە  گۇناھلاردىن ساقلىنىپ ساقلانمايدىغانلىقىغا قاراڭلار.» hedisim.com (شۇئبۇل ئىيمان 4895)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أفْرَى الفِرَى أنْ يُرِيَ الرجُلُ عيْنَيْهِ مَا لَمْ تَرَيا)) «يالغاننىڭ ئەڭ يامىنى — كىشىنىڭ كۆرمىگەن ئىشنى (ياكى نەرسىنى) كۆردۈم دەپ، ئۆزىنىڭ ئىككى كۆزىگە يالغان چاپلىشىدۇر.» hedisim.com (بۇخارى 6521؛ رىيازۇس سالىھىن 1545)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «تۆت يامان خىسلەت بولۇپ، كىمدە بۇ  يامان خىسلەتنىڭ ھەممىسى تېپىلسا ئۇ سېپى ئۆزىدىن مۇناپىقتۇر. كىمدە بۇ تۆت يامان خىسلەتنىڭ بىرى بولسا، ئۇنىڭدا مۇناپىقلىق خىسلەتلىرىدىن بىرى بولغان بولىدۇ. (بۇ تۆت يامان خىسلەت شۇكى) ئۇنىڭغا ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ، سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ۋاپا قىلمايدۇ، جاڭجاللىشىپ قالسا ئېغزىنى بۇزىدۇ.» (بۇخارى 34؛ مۇسلىم 58)

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: (قالَ رسولُ اللَّه صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم: «ألا أُنبِّئكُم بِأكْبَرِ الكَبائِر؟ قُلنَا: بَلَى يَا رسولَ اللَّهِ. قَالَ:»الإشراكُ باللَّه، وعُقُوقُ الوالِديْنِ»وكان مُتَّكِئا فَجلَس، فَقَالَ:»ألاَ وقَوْلُ الزُّورِ، وشهادةُ الزورِ»فَمَا زَالَ يُكَرِّرُهَا حَتَّى قلنا: لَيْتَهُ سكَت.) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزگە «چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭىنى سىلەرگە دەپ بەرمەيمۇ؟» دېۋىدى، بىز «شۇنداق قىلغايلا، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى» دېدۇق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «(چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى) ئاللاھقا شىرىك قوشۇش؛ ئاتا-ئانىنى قاقشىتىپ، ئاتا-ئانىغا ۋاپاسىزلىق قىلىش» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (بۇلارنى دەۋاتقاندا) يۆلىنىپ ئولتۇرغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (دەرھال) رۇسلىنىپ ئولتۇرۇپ «ئاگاھ بولۇڭلار، (گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى يەنە) يالغان سۆزلەش ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش» دەپ، بۇ سۆزىنى شۇنچە كۆپ قېتىم تەكرار-تەكرار ئېيتتىكى، ئاقىۋەتتە بىز «كاشكى ئەمدى توختاپ قالغان بولسىچۇ» دەپ كېتىشتۇق. hedisim.com (بۇخارى 5519؛ مۇسلىم 126؛ رىيازۇس سالىھىن 1551)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازدا (ئاخىرقى تەشەھھۇددا تەشەھھۇد دۇئاسىنى ۋە سەللى بارىك دۇئاسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن) ((اللَّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بكَ مِن عَذَابِ القَبْرِ، وَأَعُوذُ بكَ مِن فِتْنَةِ المَسِيحِ الدَّجَّالِ، وَأَعُوذُ بكَ مِن فِتْنَةِ المَحْيَا وَالْمَمَاتِ، اللَّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بكَ مِنَ المَأْثَمِ والْمَغْرَمِ)) «ئاللاھىم، ساڭا سېغىنىپ قەبىر ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن، دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن، ھاياتلىقنىڭ ۋە ئۆلۈمنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن، گۇناھ قىلىشتىن ۋە قەرزدار بولۇپ قېلىشتىن پاناھ تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلاتتى. (ساھابىلەردىن) بىرەيلەن «قەرزگە چۈشۈپ قېلىشتىن ھەجەپ كۆپ پاناھ تىلەيدىكەنلا» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«كىشى قەرزگە چۈشۈپ قالغاندا سۆزلىسە يالغان سۆزلەپ قالىدۇ، ۋەدە بەرسە سۆزىدە تۇرالماي قالىدۇ.» (بۇخارى 883؛ مۇسلىم 589؛ مىشكات 939؛ مۇسنەد ئەھمەد 26075؛ نەسائى: سۈنەن كۇبرا 7\217؛ نەسائى: سۈنەن نەسائى 5472؛ تەبرانى: ئەلئەۋسەت 4613)
نەسائىنىڭ لەۋزىدە «يُكْثِرُ التَّعَوُّذَ مِنَ المَغْرَمِ، والمَأْثَمِ»«قەرزگە ۋە گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشتىن كۆپ پاناھ تىلەيتتى» دەپ كەلگەن.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان بىر ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: « ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى، قېرىنداش بولۇشۇڭلار! مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ئۇنى ياردەمسىز تاشلاپ قويمايدۇ، ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئۇنى تۆۋەن كۆرمەيدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 2564؛ رىيازۇس سالىھىن 234)

* يالغان سۆزلەش كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ

كەئىب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەۋبىسى ھەققىدىكى ئۇزۇن ھەدىستە، كەئىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان: « ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ تائالانىڭ مېنى مۇسۇلمان قىلىپ ھىدايەت قىلغانلىقىدىن قالسىلا، ماڭا بەرگەن ئەڭ چوڭ نېئمىتى مېنى رەسۇلۇللاھقا راست سۆزلەيدىغان قىلغانلىقىدۇر. ئەگەر مەن ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىگەن بولسام، بۇرۇن يالغان سۆزلەپ ھالاك بولغانلاردەك ھالاك بولغان بولاتتىم.» (بۇخارى 4418؛ مۇسلىم 2769؛ رىيازۇس سالىھىن 21) hedisim.com

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلىگۈچىنىڭ ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي.» (مۇسنەد ئەھمەد 5\7؛ ئەبۇ داۋۇد 4388؛ تىرمىزى 2237) hedisim.com

رىفائە ئىبنى رافىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((التُّجَّارُ يُحْشَرُونَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فُجَّارًا إِلَّا مَنِ اتَّقَى وَبَرَّ وَصَدَقَ))«تىجارەتچىلەر قىيامەت كۈنى فاجىرلار ھالىتىدە تىرىلدۈرۈلىدۇ. پەقەتلا تىجارىتىدە ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمىر پەرمانلىرىغا دائىما رىئايە قىلىدىغان، دۇرۇست، راست سۆزلۈك تىجارەتچىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا.» (تىرمىزى 1210، ئىبنى ماجە 2146، مىشكات مەسابىھ 2800، سەھىھۇت تەرغىب 1785، سەھىھ؛ بۇ ھەدىسنى ئىمام بەيھەقى «شۇئبۇل ئىيمان»دا بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان)

* سۆزمەنلىك قىلىپ، تىلى ئارقىلىق نۇرغۇن ھاراملارنى ھالال، ھالاللارنى ھارام قىلىدىغان كىشىنىڭ خەتىرى توغرىسىدا

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إنَّ أخوَفَ ما أخافُ على أمَّتي كلُّ مُنافقٍ عَليمِ اللِّسانِ)) «ئۈممىتىم ئۈچۈن ئەڭ قورقىدىغىنىم بارچە سۆزمەن مۇناپىقلاردۇر.» (جامىئۇس سەغىر 2191؛ ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1554؛زەھەبى-سىيەر 11\445، ئەھمەد شاكىر-تەخرىج مۇسنەد ئەھمەد 1\86؛سەھىھ ھەدىس)

* تىل زىناسىدىن ساقلىنىش ھەققىدە

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئادەم بالىسىنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى پۈتۈۋېتىلگەن. ئۇ بۇنى مۇتلەق ئورۇندايدۇ. كۆزنىڭ زىناسى قاراش، قۇلاقنىڭ زىناسى ئاڭلاش، تىلنىڭ زىناسى سۆزلەش، قولنىڭ زىناسى تۇتۇش، پۇتنىڭ زىناسى مېڭىشتۇر. قەلب ئارزۇلاپ-تەلەپ قىلىدۇ. جىنسىي ئەزا بۇنى ياكى قوبۇل قىلىدۇ، ياكى رەت قىلىدۇ.» (بۇخارى 5774؛ مۇسلىم 4802؛ رىيازۇس سالىھىن 1623)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بولسا، سۆزلىسە ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى گەپ قىلماي سۈكۈت قىلسۇن. كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بولسا، قوشنىسىنى ھۆرمەتلىسۇن. كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بولسا، مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن.» (بۇخارى 5672؛ مۇسلىم 48) hedisim.com

وعن سفيان بن عبد الله رضي الله عنه قال: قلت يا رسول الله حدثني بأمر أعتصم به قال: «قل ربي الله ثم استقم» قلت: يا رسول الله ما أخوف ما تخاف علي؟ فأخذ بلسان نفسه، ثم قال: «هذا». رواه الترمذي وقال حديث حسن صحيح.

سۇفيان ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مەن (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە) ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ماڭا مەھكەم ئېسىلىشىم كېرەك بولغان بىر ئىشنى دەپ بەرگەن بولسىلا» دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «رەببىم ئاللاھتۇر دېگىن. ئاندىن توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرغىن» دېدى. مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، مەن ئۈچۈن ھەممىدىن بەك قورقىدىغانلىرى قايسى» دەپ سورىۋىدىم، تىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «مانا بۇ» دېدى. (مۇسنەد ئەھمەد 3\413؛ تىرمىزى 2334؛ ئىبنى ماجە؛ ئىمام نەۋەۋى بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلىپ ھەسەن سەھىھ دېگەن دەپ قەيت قىلغان؛ رىيازۇس سالىھىن 1517-نومۇرلۇق ھەدىس) hedisim.com

وعن أبي موسى رضي الله عنه قال: قلت: يا رسول الله أي المسلمين أفضل؟ قال:  «من سلم المسلمون من لسانه ويده». ((متفق عليه)).

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قايسى مۇسۇلمان ئەڭ ئۈستۈن؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىلىدىن ۋە قولىدىن سالامەت قالغان مۇسۇلمان (ئەڭ ئۈستۈن)» دېدى. (بۇخارى 10؛ مۇسلىم 57؛ رىيازۇس سالىھىن 1512) hedisim.com

وعن سهل بن سعد قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:  «من يضمن لي ما بين لحييه، وما بين رجليه أضمن له الجنة»((متفق عليه)). 

سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ماڭا ئىككى ئېڭىكى ئارىسىدىكى (يەنى تىلى) بىلەن ئىككى پاچىقى ئارىسىدىكى (جىنسىي ئەزاسىنى) ساقلاشقا ۋەدە بەرسە، مەن ئۇنىڭغا جەننەتنى ۋەدە بېرىمەن.» (بۇخارى 5993؛ رىيازۇس سالىھىن 1514) hedisim.com

عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ ﷺ : (كُلُّ سُلامَى مِنَ النَّاسِ عَلَيْهِ صَدَقَةٌ كُلُّ يَومٍ تَطْلُعُ فِيْهِ الشَّمْسُ: تَعْدِلُ بَيْنَ اثْنَيْنِ صَدَقَةٌ، وَتُعِيْنُ الرَّجُلَ في دَابَّتِهِ فَتَحْمِلُ لَهُ عَلَيْهَا أَو تَرْفَعُ لَهُ عَلَيْهَا مَتَاعَهُ صَدَقَةٌ، وَالكَلِمَةُ الطَّيِّبَةُ صَدَقَةٌ، وَبِكُلِّ خُطْوَةٍ تَمْشِيْهَا إِلَى الصَّلاةِ صَدَقَةٌ، وَتُمِيْطُ الأَذى عَنِ الطَّرِيْقِ صَدَقَةٌ) رواه البخاري ومسلم.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«كۈن چىققانلىكى ھەر بىر كۈندە ئىنسانغا ئۆز بەدىنىدىكى ھەر بىر بۇغۇم ئۈچۈن سەدىقە بېرىشى كېرەك بولىدۇ. ئىككى كىشى ئارىىسدا ئادالەتلىك بولۇش سەدىقىدۇر. براۋنىڭ ئۇلىقىغا مىشىنىگە ياردەملىشىشىڭ ياكى ئۇنىڭ ئەشياسىنى ئۇلىقىغا ئېلىشىپ بېرىشىڭ سەدىقىدۇر. گۈزەل سۆز سەدىقىدۇر، ناماز ئۈچۈن باسقان ھەر بىر قەدىمىڭ سەدىقىدۇر. يولدىن ئەزىيەت بېرىدىغان نەرسىنى نېرى قىلىشىڭ سەدىقىدۇر.» (بۇخارى 2734، 2827) hedisim.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ