يولۇچى قانچە كىلومېتىر مۇساپىگە سەپەر قىلسا نامىزىنى قىسقارتىپ ئوقۇيدۇ؟ 

يولۇچى قانچە كىلومېتىر مۇساپىگە سەپەر قىلسا نامىزىنى قىسقارتىپ ئوقۇيدۇ؟

ھەرەم ئالىملىرى يازغان «فىقھۇل مۇيەسسەر» ناملىق فىقھى ئەسىرىدىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

[100] ئۈچىنجى مەسىلە: سەپەردە ناماز قىسقارتىپ ئوقۇش مۇساپىسى ۋە نامازنى قىسقارتىدىغان سەپەرنىڭ تۈرى

نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇش دۇرۇس بولىدىغان مۇساپە تەخمىنەن سەكسەن كلومېتىردۇر. بۇ مۇساپە نورمال شارائىتتا يۈك بىلەن نورمال تېزلىكتە يۈرۈشتە ئىككى كۈنلۈك مۇساپە ھېسابلىنىدۇ. مۇنۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر كېچە-كۈندۈزلۈك يولۇچىلىقنى سەپەر دەپ ئاتىغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز ھالدا بىر كېچە-كۈندۈزلۈك سەپەر قىلىشى ھالال ئەمەس.»(بۇخارى 1088؛ مۇسلىم 1339)

ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما تەخمىنەن سەكسەن كلومېتر (ئون ئالتە فەرسەخ) لىك تۆت كېچىلىك سەپەرگە چىققاندا نامىزىنى قەسىر قىلاتتى ۋە روزا تۇتمايتتى.

ئادەتتە سەپەر ـــ تىجارەت ۋە ساياھەت مەقسىدىدە قىلىنغان مۇباھ ھېسابلىنىدىغان سەپەر؛ ھەج ۋە جىھاد ئۈچۈن قىلىنغان پەرز سەپەر؛ زىيارەت ئۈچۈن ۋە ئىككىنجى قېتىملىق ھەج قىلىش ئۈچۈن قىلىدىغان مۇستەھەب ۋە سۈننەت ھېسابلىدىغان سەپەر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھارام ئىش ئۈچۈن قىلىنغان سەپەردە نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس. بۇ كۆپچىلىك (جۇمھۇر) ئالىملارنىڭ قارىشى ھېسابلىنىدۇ.

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ