بۇ ئىككى خىسلەتنى بار قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ئۈستۈن كىشىدۇر

وَمَنْ أَحْسَنُ قَوْلًا مِّمَّن دَعَا إِلَى اللَّهِ وَعَمِلَ صَالِحًا وَقَالَ إِنَّنِي مِنَ الْمُسْلِمِينَ

ئاللاھقا دەۋەت قىلىدىغان، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىدىغان ۋە «مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دەيدىغان كىشىدىنمۇ گۈزەل سۆزلۈك كىم بار؟

—سۈرە فۇسسىلەت، 33

ئاللاھقا دەۋەت قىلىش — سەلەف-سالىھىننىڭ ئەقىدىسىنى، فىقھىنى ۋە ئەخلاقىنى ئۆزىدە بار قىلغان ئاساستا كىشىلەرگە ئاللاھنى، رەسۇلۇللاھنى تونۇتۇش ۋە ياخشى كۆرگۈزۈش؛ ياخشىلىقلارغا بۇيرۇپ، يامانلىقلاردىن توسۇش؛ كىشىلەرنى قۇرئان-سۈننەتكە، تەۋھىدكە چاقىرىش؛ كۇفۇردىن، بىدئەتلەردىن، چوڭ-كىچىك گۇناھلاردىن ۋە جىمىي ئەخلاقسىز، ئەدەپسىزلىكلەردىن ئاگاھلاندۇرۇش؛ شىركتىن، بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇقتىن خالىي ھالدا كىشىلەرنى ھەقكە چاقىرىش — مەزكۇر ئايەتتىكى ئالللاھقا دەۋەت قىلىدىغان كىشىنىڭ مۇھىم سۈپەتلىرىدىندۇر. بۇنداق كىشى جاھىللارغا ئۆگىتىدۇ، غاپىللارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىدۇ، باتىل ئەھلىگە، يامانلىق ئەھلىگە قارشى نەبەۋىي مەنھەج ئاساسىدا مۇجادەلە قىلىدۇ. دىن دۈشمەنلىرى بىلەن تۇتۇشۇپ، ياخشىلىق ئەھلىگە ھەمدەم بولىدۇ. (تفسير السعدي) | mujtehid.com

سالىھ ئەمەل قىلىش — سالىھ ئەمەل رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈممىتىگە تەلىم بەرگەن بارچە پەرز ۋە مۇستەھەپ ئەمەلدۇر. بىر ئەمەلدە بىرلا ۋاقىتتا (1) ھەم پەقەت ئاللاھنىڭلا رازىلىقى كۆزلەنگەن، (2) ھەم ئۇ ئەمەل رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە پېئىلىغا ئۇيغۇن بولغاندىلا، يەنى بۇ ئىككى شەرت بىرلا ۋاقىتتا بىر ئەمەلدە تېپىلغاندا، ئاندىن ئۇ ئەمەل سالىھ ئەمەل ھېسابلىنىدۇ. ئايەتتىكى كىشى ھەم ئاللاھقا دەۋەت قىلىدۇ، ھەم سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. سۆز ۋە ئەمەل نۇقتىسىدىن مانا مۇشۇ ئىككى تەرەپنى ئۆزىدە تەڭ بار قىلغان كىشىدىنمۇ گۈزەل سۆزلۈك ۋە گۈزەل ئەمەللىك ھېچكىم يوق. (تفسير السعدي) | mujtehid.com

سەلەپ مۇپەسسىرلىرى بۇ ئايەتتىكى كىشىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دېگەن. (تەپسىر قۇرتۇبى، تەپسىر تەبەرى، تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىير)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ