فىتىر زاكىتى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر
فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىغان
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أدوا صاعا من طعام في الفطر))«فىتىر سەدىقىسىنى يېمەكلىكتىن بىر سائ مىقداردا بېرىڭلار.» hedisim.com (ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر242؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 3305) ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن: «شەرئىي دەلىلگە ئاساسلانغان كۆز قاراش توغرۇلۇق ئىختىلاپلىشىش ھالال ئەمەس.» (فەتھۇل بارى، 14/379)
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پىتىر زاكىتىنى مۇسۇلمانلاردىن بولغان قۇلغا، ھۆرگە، ئەرگە، ئايالغا، كىچىك-چوڭلارغا خورمىدىن، ئارپىدىن بىر سادىن(ئۈچ كىلو ئەتراپىدا) پەرز قىلدى. hedisim.com [بۇخارى رىۋايىتى1503-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى984-ھەدىس]. رواه ابن عمر رضي الله عنهما قال : (فَرَضَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ زَكَاةَ الْفِطْرِ صَاعًا مِنْ تَمْرٍ ، أَوْ صَاعًا مِنْ شَعِيرٍ ، عَلَى الْعَبْدِ وَالْحُرِّ ، وَالذَّكَرِ وَالْأُنْثَى ، وَالصَّغِيرِ وَالْكَبِيرِ مِنْ الْمُسْلِمِينَ ) رواه البخاري ( 1503)، ومسلم ( 984) .
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: (فَرَضَ رَسُولُ اللَّهِ ﷺ زَكَاةَ الْفِطْرِ طُهْرَةً لِلصَّائِمِ مِنَ اللَّغْوِ وَالرَّفَثِ، وَطُعْمَةً لِلْمَسَاكِينِ) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتىنى روزا تۇتقان كىشىلەرنىڭ سۆزلىگەن يامان سۆزلەردىن ۋە قىلغان بىھۇدە ئىشلاردىن پاكلىنىشى؛ يوقسۇللارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن پەرز قىلغان.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 1609؛ ئىبنى ماجە 1827؛ ھاكىم 1-409، سەھىھ دېگەن؛ نەۋەۋى ‹ئەلمەجمۇئ› ناملىق ئەسىرىدە ‹ھەسەن› دېگەن. ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 1492-دە ‹ھەسەن› دېگەن)
ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ زامانىدا پىتىر زاكىتىنى (بىر جان ئۈچۈن) يېمەكلىكتىن ياكى خورمىدىن ياكى ئارپىدىن ياكى ئۈزۈمدىن ياكى پىشلاقتىن بىر سائ (تەخمىنەن ئۈچ كىلو) بېرەتتۇق.» hedisim.com(بۇخارى ۋە مۇسلىم)
فىتىر زاكىتىنى بېرشىتىكى پەزىلەتلىك ۋاقىت ـــ ھېيىت كۈنى تاڭ سۈزۈلۈشتىن ئېتىبارەن باشلىنىپ، ھېيىت نامىزى ئوقۇلۇشتىن ئازراق ۋاقىت ئىلگىرى ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنۇ ھەدىسىدۇر:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتىنىڭ كىشىلەر ھېيىت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى بېرىلىشىنى بۇيرۇدى.» (بۇخارى 1503؛ مۇسلىم 984)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«كىم فىتىر سەدىقىسىنى (روزى ھېيىت) نامازدىن ئاۋۋال بەرسە، بەرگىنى قوبۇل قىلىنغان زاكات ھېسابىدا بولىدۇ. كىم ئۇنى نامازدىن كېيىن بەرسە، بەرگىنى پەقەت سەدىقىلەردىن بىر سەدىقە ھېسابلىنىدۇ.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 1609؛ ئىبنى ماجە 1872؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 843-تە ‹ھەسەن› دېگەن.)
كۇۋەيت فىقھ ئىنسكلوپىدىيىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئەھلى سۈننەتنىڭ تۆت قانۇنىي فىقھىي مەزھىبىدىن ئۈچى، يەنى مالىكىي، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھىپىدە فىتىر زاكىتىغا ئاشلىق\ يېمەكلىك بەرمەستىن، پۇل بېرىشنى دۇرۇس ئەمەس، دەپ قارايدۇ. پەقەت ھەنەفىي مەزھىپىلا فىتىر زاكىتىغا ئاشلىق ئورنىغا پۇل بېرىشنى دۇرۇس دەپ قارايدۇ. (الموسوعة الفقهية الكويتية 23\344)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: پىتىر زاكىتىنىڭ مىقدارىنى كىشى بېشىغا بەلگىلەنگەن بىر سائ (ئۈچ كلوگرام ئەتراپىدا) دىن ئاشۇرۇپ بېرىش دۇرۇس. ئىمام شافىي، ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا كۆپ ساندىكى ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە بۇنداق قىلىش دۇرۇس. پۈتكۈل ئۆلىمالارنىڭ ئىجمائى بويىچە پىتىر زاكىتىنىڭ كىشى بېشى مىقدارىنى بىر سائ (ئۈچ كىلوگرام ئەتراپىدا) دىن ئاز بېرىش دۇرۇس ئەمەس.[مەجمۇئۇل فەتاۋا 25\70]
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: كۆپچىلىك ئالىم فىتىر زاكىتىغا يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىشكە رۇخسەت قىلمىغان، ئەمما ئەبۇ ھەنىفە رۇخسەت قىلغان. [وقال النووي -﵀-: «ولم يُجز عامّة الفقهاء إخراج القيمة، وأجازه أبو حنيفة» -«شرح النّووى» (٧/ ٦٠)]
ئىمام ئىبنى ھەزم فىتىر زاكىتى ھەققىدە توختىلىپ «قىممىتىنى بېرىش (يەنى يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىش) ئەسلا جائىز ئەمەس» دېگەن. قال ابن حزم -﵀- في «المُحلّى» (٦/ ١٩٣) مسألة (٧٠٨): «… ولا تجزئ قيمة أصلًا».
ئىبنى ھۇبەيرە رەھىمەھۇللاھ «اختلاف الأئمة العلماء» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئۇلار (يەنى مەزھەب پېشىۋالىرى) فىتىر زاكىتىنىڭ قىممىتىنى (يەنى پۇلىنى) بېرىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىدە ئىتتىپاق ئىچىدە بولۇپ، ئەبۇ ھەنىفە بۇنىڭ سىرتىدا، ئەبۇ ھەنىفە بۇنى دۇرۇس دېگەن. (واتَّفَقُوا على أنه لا يجوز إخْراج القيمَة فِي زَكاة الفطر.إلّا أبا حنيفَة فَإنَّهُ قالَ: يجوز.) [ختلاف الأئمة العلماء ١/٢١٤]
شەيخ مۇھەممەد نەئىم سائىي مۇنداق دېگەن: ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى فىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىك بېرىشنىڭ ئورنىغا پۇل-مال بېرىشنى دۇرۇس ئەمەس دېگەن بولۇپ، بۇ ئىمام مالىكنىڭ، ئىمام شاپىينىڭ ۋە ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىنىڭ ھۆكمىدۇر. جمهور الفقهاء على عدم جواز إخراج القيمة في زكاة الفطر وهو مذهب مالك والشافعي وأحمد— موسوعة مسائل الجمهور في الفقه الإسلامي ١/٢٩٠
مەشھۇر ھەرەم ئالىملىرىدىن شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم تۇۋەيجرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: فىتىر زاكىتىغا يېمەكلىك ئورنىدا پۇل-مال بېرىش دۇرۇس ئەمەس. (ولا يجوز إخراج القيمة بدل الطعام-مختصر الفقه الإسلامي في ضوء القرآن والسنة ١/٦٠٦)
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دېگەن: بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى توغرا دەپ تاللانغان ھۆكۈم شۇكى: پىتىر زاكىتىنىڭ قىممىتىنى بېرىش (يەنى يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىش) دۇرۇس ئەمەس. [القول الصحيح الراجح الذي لا شك فيه عندنا أن إخراج القيمة في زكاة الفطر لا يجزئ —جلسات رمضانية للعثيمين ١٤/٦]
شەيخ، دوكتور ئابدۇلئەزىم بەدەۋىي مۇنداق دېگەن: فەقىھلەرنىڭ كۆپچىلىكى فىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى ھۆكمىدە بولۇپ، ئەبۇ ھەنىفە (جۇمھۇرنىڭ ئەكسىچە) دۇرۇس دېگەن. بۇ ھۆكۈمنى ئىمام نەۋەۋى مۇسلىم شەرھىدە نەقىل قىلغان. دەيمەنكى: ئەبۇ ھەنىفەنىڭ بۇ كۆز قارىشى رەت قىلىنىدۇ. چۈنكى:«رەببىڭ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.» (سۈرە مەريەم 64-ئايەت) (شەيخ بۇ ئايەتنى بۇ يەرگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق — ئەگەر قىممىتىنى بېرىش دۇرۇس بولغان بولسا، ئاللاھ ياكى كىتابىدا يا رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي ئارقىلىق بۇنىڭ دۇرۇسلۇقى ھەققىدە سۆز قىلغان بولاتتى ، بۇنىڭ دۇرۇسلۇقىنى كىتابىدا ياكى رەسۇلىنىڭ سۈننىتىدە بايان قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان بولاتتى،دېمەكچى.) ئەگەر فىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىش دۇرۇس بولغان بولسا، ئاللاھ ۋە رەسۇلى بۇنى بايان قىلغان بولاتتى. شۇڭا، شەرئىي دەلىلنى تولغاپ، بۇرمىلىماستىن، شەرئىي دەلىلنىڭ ئاشكارا ھۆكمى تۇرغان يەردە تۇرۇش لازىم. [الوجيز في فقه السنة والكتاب العزيز ١/٢٣١ — عبد العظيم بدوي] — مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى