فىتىر سەدىقىسى (فىتىر زاكىتى) ئۈچۈن پۇل بېرىش ھەققىدە ئۆلىمالار نېمە دېگەن؟
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
كۇۋەيت فىقھ ئىنسكلوپىدىيىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئەھلى سۈننەتنىڭ تۆت قانۇنىي فىقھىي مەزھىبىدىن ئۈچى، يەنى مالىكىي، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھىپىدە فىتىر زاكىتىغا ئاشلىق\ يېمەكلىك بەرمەستىن، پۇل بېرىشنى دۇرۇس ئەمەس، دەپ قارايدۇ. پەقەت ھەنەفىي مەزھىپىلا فىتىر زاكىتىغا ئاشلىق ئورنىغا پۇل بېرىشنى دۇرۇس دەپ قارايدۇ. (الموسوعة الفقهية الكويتية 23\344)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: پىتىر زاكىتىنىڭ مىقدارىنى كىشى بېشىغا بەلگىلەنگەن بىر سائ (ئۈچ كلوگرام ئەتراپىدا) دىن ئاشۇرۇپ بېرىش دۇرۇس. ئىمام شافىي، ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا كۆپ ساندىكى ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە بۇنداق قىلىش دۇرۇس. پۈتكۈل ئۆلىمالارنىڭ ئىجمائى بويىچە پىتىر زاكىتىنىڭ كىشى بېشى مىقدارىنى بىر سائ (ئۈچ كىلوگرام ئەتراپىدا) دىن ئاز بېرىش دۇرۇس ئەمەس.[مەجمۇئۇل فەتاۋا 25\70]
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: كۆپچىلىك ئالىم فىتىر زاكىتىغا يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىشكە رۇخسەت قىلمىغان، ئەمما ئەبۇ ھەنىفە رۇخسەت قىلغان. [وقال النووي: «ولم يُجز عامّة الفقهاء إخراج القيمة، وأجازه أبو حنيفة» -«شرح النّووى» (٧/ ٦٠)]
ئىمام ئىبنى ھەزم فىتىر زاكىتى ھەققىدە توختىلىپ «قىممىتىنى بېرىش (يەنى يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىش) ئەسلا جائىز ئەمەس» دېگەن. قال ابن حزم في «المُحلّى» (٦/ ١٩٣) مسألة (٧٠٨): «… ولا تجزئ قيمة أصلًا».
ئىبنى ھۇبەيرە رەھىمەھۇللاھ «اختلاف الأئمة العلماء» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئۇلار (يەنى مەزھەب پېشىۋالىرى) فىتىر زاكىتىنىڭ قىممىتىنى (يەنى پۇلىنى) بېرىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىدە ئىتتىپاق ئىچىدە بولۇپ، ئەبۇ ھەنىفە بۇنىڭ سىرتىدا، ئەبۇ ھەنىفە بۇنى دۇرۇس دېگەن. (واتَّفَقُوا على أنه لا يجوز إخْراج القيمَة فِي زَكاة الفطر.إلّا أبا حنيفَة فَإنَّهُ قالَ: يجوز.) [ختلاف الأئمة العلماء ١/٢١٤]
شەيخ مۇھەممەد نەئىم سائىي مۇنداق دېگەن: ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى فىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىك بېرىشنىڭ ئورنىغا پۇل-مال بېرىشنى دۇرۇس ئەمەس دېگەن بولۇپ، بۇ ئىمام مالىكنىڭ، ئىمام شاپىينىڭ ۋە ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىنىڭ ھۆكمىدۇر. جمهور الفقهاء على عدم جواز إخراج القيمة في زكاة الفطر وهو مذهب مالك والشافعي وأحمد— موسوعة مسائل الجمهور في الفقه الإسلامي ١/٢٩٠
مەشھۇر ھەرەم ئالىملىرىدىن شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم تۇۋەيجرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: فىتىر زاكىتىغا يېمەكلىك ئورنىدا پۇل-مال بېرىش دۇرۇس ئەمەس. (ولا يجوز إخراج القيمة بدل الطعام-مختصر الفقه الإسلامي في ضوء القرآن والسنة ١/٦٠٦)
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دېگەن: بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى توغرا دەپ تاللانغان ھۆكۈم شۇكى: پىتىر زاكىتىنىڭ قىممىتىنى بېرىش (يەنى يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىش) دۇرۇس ئەمەس. [القول الصحيح الراجح الذي لا شك فيه عندنا أن إخراج القيمة في زكاة الفطر لا يجزئ —جلسات رمضانية للعثيمين ١٤/٦]
شەيخ، دوكتور ئابدۇلئەزىم بەدەۋىي مۇنداق دېگەن: فەقىھلەرنىڭ كۆپچىلىكى فىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى ھۆكمىدە بولۇپ، ئەبۇ ھەنىفە (جۇمھۇرنىڭ ئەكسىچە) دۇرۇس دېگەن. بۇ ھۆكۈمنى ئىمام نەۋەۋى مۇسلىم شەرھىدە نەقىل قىلغان. دەيمەنكى: ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ بۇ كۆز قارىشى رەت قىلىنىدۇ. چۈنكى:«رەببىڭ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.» (سۈرە مەريەم 64-ئايەت) (شەيخ بۇ ئايەتنى بۇ يەرگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق — ئەگەر قىممىتىنى بېرىش دۇرۇس بولغان بولسا، ئاللاھ ياكى كىتابىدا يا رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي ئارقىلىق بۇنىڭ دۇرۇسلۇقى ھەققىدە سۆز قىلغان بولاتتى ، بۇنىڭ دۇرۇسلۇقىنى كىتابىدا ياكى رەسۇلىنىڭ سۈننىتىدە بايان قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان بولاتتى،دېمەكچى.) ئەگەر فىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىش دۇرۇس بولغان بولسا، ئاللاھ ۋە رەسۇلى بۇنى بايان قىلغان بولاتتى. شۇڭا، شەرئىي دەلىلنى تولغاپ، بۇرمىلىماستىن، شەرئىي دەلىلنىڭ ئاشكارا ھۆكمى تۇرغان يەردە تۇرۇش لازىم. [الوجيز في فقه السنة والكتاب العزيز ١/٢٣١ — عبد العظيم بدوي]
ئىمام ئەبى ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:(إذا صح الحديث فهو مذهبي) «ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.» (ابن عابدين في «الحاشية» ١ / ٦٣)
ئىمام ئەبى ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (إذا قلت قولا يخالف كتاب الله تعالى وخبر الرسول ﷺ فاتركوا قولي) «ئەگەر مەن بىر ھۆكۈمنى بەرگەن بولۇپ، مېنىڭ بەرگەن بۇ ھۆكۈمۈم ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا ياكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە زىت بولۇپ قالغان بولسا، مېنىڭ بۇنداق ھۆكۈمىمنى چۆرۈپ تاشلاڭلار.» (الفلاني في الإيقاظ ص ٥٠، صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أدوا صاعا من طعام في الفطر))«فىتىر سەدىقىسىنى يېمەكلىكتىن بىر سائ مىقداردا بېرىڭلار.» hedisim.com (ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر242؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 3305)
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پىتىر زاكىتىنى مۇسۇلمانلاردىن بولغان قۇلغا، ھۆرگە، ئەرگە، ئايالغا، كىچىك-چوڭلارغا خورمىدىن، ئارپىدىن بىر سادىن(ئۈچ كىلو ئەتراپىدا) پەرز قىلدى. hedisim.com [بۇخارى رىۋايىتى1503-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى984-ھەدىس]. رواه ابن عمر رضي الله عنهما قال : (فَرَضَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ زَكَاةَ الْفِطْرِ صَاعًا مِنْ تَمْرٍ ، أَوْ صَاعًا مِنْ شَعِيرٍ ، عَلَى الْعَبْدِ وَالْحُرِّ ، وَالذَّكَرِ وَالْأُنْثَى ، وَالصَّغِيرِ وَالْكَبِيرِ مِنْ الْمُسْلِمِينَ) رواه البخاري ( 1503)، ومسلم ( 984) .
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (وجعل الذلة والصغار على من خالف أمري) «خار-زەبۇنلۇق ماڭا خىلاپ يول تۇتقۇچىلارغا بولىدۇ.» hedisim.com (ئىمام ئەھمەد؛ ئىمام ئىبنى قەييىم «زاد المعاد» تا سەھىھ دەپ نەقىل قىلغان؛ ھافىز ئىراقى ئىھيا تەخرىجىدە سەھىھ دېگەن؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر فەتھۇبارىدا ھەسەن دېگەن)
ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن: «شەرئىي دەلىلگە ئاساسلانغان كۆز قاراش توغرۇلۇق ئىختىلاپلىشىش ھالال ئەمەس.» (فەتھۇل بارى، 14/379)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر مەسىلىدە سەھىھ ھەدىس كەلگەن ۋە بۇ سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان باشقا سەھىھ ھەدىس بولمىغان تەقدىردە بىزگە ۋە ئۈممەتكە پەرز بولغىنى شۇ سەھىھ ھەدىسنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۆز قاراشلارنى تەرك ئېتىشتۇر.» (ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين 3/74)
فىتىر زاكىتى پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ باشقا ئېھتىياجى ئۈچۈن ئەمەس، بىر نەچچە كۈنلۈك يېمەك ئىچمەك ئېھتىياجى ئۈچۈن يېمەكلىكتىن بېرىش پەرز قىلىنغان ئىبادەتتۇر.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتىنى روزا تۇتقان كىشىلەرنىڭ سۆزلىگەن يامان سۆزلەردىن ۋە قىلغان بىھۇدە ئىشلاردىن پاكلىنىشى؛ يوقسۇللارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن پەرز قىلغان.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 1609؛ ئىبنى ماجە 1827؛ ھاكىم 1-409، سەھىھ دېگەن؛ نەۋەۋى ‹ئەلمەجمۇئ› ناملىق ئەسىرىدە ‹ھەسەن› دېگەن. ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 1492-دە ‹ھەسەن› دېگەن) پېقىر-مىسكىنلارنىڭ باشقا ئېھتىياجى ئۈچۈن زاكات پەرز قىلىنغان ۋە خەير-ئېھسان تەشۋىق قىلىنغان.
مېۋە شەربىتىنىڭ ئەسلى تەركىۋى سۇ، ئەمما، بارچە ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۇنىڭدا تاھارەت ئېلىشنى دۇرۇس ئەمەس دەپ قارايدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ سۇلۇق خۇسۇسىيىتى ئوخشاش دەپ قاراپ، مېۋە شەربىتىدە تاھارەت ئېلىشنى ھېچكىم دۇرۇس دېمەيدۇ. پىتىر زاكىتىمۇ دەل شۇنداق. يېمەكلىك بەرگەنمۇ ياردەم قىلغانلىق، پۇل بەرگەنمۇ ياردەم قىلغانلىق، پۇل بولسا ئۆزىگە ئېھتىياجلىق خالىغان نەرسىنى سېتىۋالىدۇ، شۇڭا پۇل بېرىمىز دېيىش، مېۋە شەربىتىنىڭ تەركىۋىمۇ سۇ بولغانلىقتىن، مېۋە شەربىتىدە تاھارەت ئالسىمۇ دۇرۇس، دېگەنگە ئوخشاش رەت قىلىنىدىغان، باتىل سۆزدۇر. شەھەرنىڭ بىر يېرىدىن يەنە بىر يېرىگە بېرىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسقا چىققان كىشى ئاپتوبۇس كارتىسىنى كارتا ئوقۇش ئۈسكىنىسىگە باسماي، ئاپتوبۇسقا لازىمى پۇلغۇ دەپ، شوپۇرغا پۇل تەڭلىسە، دۇرۇس شوپۇر پۇلنى ئالغىلى ئۇنىمايدۇ؟ پىتىر زاكىتىغا يېمەكلىك بېرىشنى شەرىئەت بەلگىلىگەن تۇرسا، پۇل بېرىشتە چىڭ تۇرۇۋېلىش رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ ئەھلى بىدئەتنىڭ ئالاھىدىلىكىن ىسۈپەتلەپ «ئەھلى بىدئەت ئەڭ ئوچۇق، كەڭرى تارقالغان سۈننەتلەرگىمۇ بىلىپ تۇرۇپ خىلاپ يول تۇتىدۇ» دېگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىم مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈسە مەندىن ئەمەس» دېگەن. پىتىر زاكىتى ئۈچۈن بېرىلىدىغان نەرسە پۇل ئەمەس يېمەكلىكتۇر. بۇنى ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇيرۇغان، پۇل بېرىشنىڭ قىلچىلىك دۇرۇس تەرىپى بولسا، ئۆز سۈننىتىدە بۇنىڭغا بىرەر ئىشارەت ياكى يوچۇق ياكى ئىشارەت بولسىمۇ قالدۇرۇپ قويغان بولاتتى. فىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش دۇرۇس بولمىغانلىقىتىن، شۇڭا، ئىمام ئەھمەد پىتىر زاكىتىغا پۇل بەرگۈچى ھەققىدە «ئۇنىڭ بەرگەن پىتىر زاكىتىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنماسلىقىدىن قورقىمەن» دېگەن. [فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى]