سەھىھ ئەقىدە | ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ دىن تۇتۇش پىرىنسىپى
فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىغان
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
ئىسلام ئۈممىتىگە پەرز بولغىنى، رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقلىرىغا رىئايە قىلىش، چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇشتۇر. بۇنداق قىلىش بۇ ئۈممەتكە تەۋە ھەر بىر ئەر ۋە ئايالغا، قېرى ۋە ياشقا، غەرپلىك ۋە شەقلىق، ئاق تەنلىك ياكى قارا تەنلىك بارچە مۇسۇلمانغا پەرزدۇر.
{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنكُمْ ۖ فَإِن تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلً} مەنە تەرجىمىسى: {ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ رەسۇلى (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە) ئىتائەت قىلىڭلار، ۋە ئۆزۈڭلاردەك مۇسۇلمان بولغان ئىسلام ھۆكۈمدارلارغا (گۇماھ بولمايدىغان ئىشلاردا ئىتائەت قىلىڭلار) ۋە ئىسلام ئۆلىمالىرىغا (يەنى ئۇلارنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتكە، ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن چاقىرىق ۋە ھۆكۈملىرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر بىر ئىشتا ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار، ئۇ ئىشنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە رەسۇلۇڭلارنىڭ سۈننىتىگە قايتۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولساڭلار. مانا مۇشۇنداق قىلىش (يەنى ئىختىلاپنى كىتاپ ۋە سۈننەتكە قايتۇرۇپ، شەخسىي كۆز قاراشتىن ۋە ئىختىلاپتىن يېنىش) ياخشىلىق ۋە نەتىجىدە جەھەتتىن ئەڭ ياخشىدۇر.} — نىسا سۈرىسى، 59-ئايەت
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ مۇنداق دېگەن: بىز (رەسۇلۇللاھقا) ئىتائەت قىلىمىز، (دىندا يېڭىلىق پەيدا قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆزىمىزگە) ئىتائەت قىلدۇرمايمىز. (رەسۇلۇللاھقا) ئەگىشىمىز، بىدئەت پەيدا قىلمايمىز. (رەسۇلۇللاھنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى بايان قىلىنغان سەھىھ) رىۋايەتلەرگە چىڭ ئېسىلغانلىكى تەقدىردە ئازمايمىز. hedisim.com (لالىكائى: ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنىڭ ئېتىقادى 93)
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەي ئەھلى (دىنىي مەسىلىلەردە سۈننەتكە تايانماي، ئۇنى تولغاش ياكى ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق كۆز قارىشىغا تايانغۇچىلار) سۈننەتنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. ھەدىسلەرنى ئاڭقىرىش ئۇلارغا قىيىن كېلىدۇ. ئۇلار ھەدىسلەرنى قولدىن قاچۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن چۈشىنەلمىگەن، ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ شەخسىي پىكىرى بويىچە سۆزلەپ ھەم ئۆزى ئازدى، ھەم باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ.» hedisim.com (ئەششەرھۇ ۋەلئىبانە 122؛ ناسىر ئىبنى ئەقىل: مەفھۇمۇس سۇننە ۋەلجامائە 37)
ئىبنى ئەتا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«كىم نەپسىنى سۈننەتنىڭ ئەدەبلىرىگە رىئايە قىلىشقا مەجبۇر قىلسا، ئاللا ئۇنىڭ قەلبىنى مەرىپەت نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرلىرىگە، پېئىللىرىغا، ئەمەللىرىگە ۋە ئەخلاقىغا ئەگىشىشتىنمۇ شەرەپلىك بىر ماقام يوقتۇر.» hedisim.com (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،875)
ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي مۇنداق دېگەن: مەيلى يۈكسەك ئىرادە تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردا بولسۇن، مەيلى رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردا بولسۇن ياخشىلىق دائىما رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتە بولىدۇ. (بۇخارى 7301-ھەدىسكە فەتھۇل بارى شەرھى) hedisim.com
خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە خەلىپىلىرىنىڭ سۈننىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ھۆكۈمنى قويۇشقا، شۇنداقلا بۇ سۈننەتكە زىت بولغان نەرسىلەرنىڭ ئارقىسىغا چۈشۈشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق. سۈننەتكە ئېسىلغان كىشى توغرا يولنى تاپىدۇ. سۈننەتكە ئەمەل قىلغان كىشى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. سۈننەتنى تاشلىغۇچى مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقا يول تۇتقان كىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بىرى سۈننەتتىن يۈز ئۆرىگەنلىكى مۇددەتتە ئاللاھمۇ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنى جەھەننەمگە تاشلايدۇ. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي. (حلية الأولياء 5\161) mujtehid.com
ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كېيىن ياشىغان ھەرقانداق بىرىنىڭ سۆزى قوبۇل قىلىنىشىمۇ، ياكى رەت قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. پەقەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىلا شەكسىز قوبۇل قىلىنىدۇ.» hedisim.com (ابن عبد البر في الجامع ٢ / ٩١)
ئىمام مالىك مۇنداق دېگەن: ئەسھابۇ رەيدىن ھەزەر ئەيلەڭلار، چۈنكى ئۇلار ئەھلى سۈننەتنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. (حلية الأولياء 5\163)
ئەسھابۇ رەي دېگەن: شەرئىي مەسىلىلەردە سەھىھ دەلىلگە ئەمەس، كۆز قاراشقا تايىنىپ، سەھىھ دەلىل كۆز قارىشىغا توغرا كەلسە تۇتىدىغان، توغرا كەلمىسە سەھىھ دەلىلنى تولغاپ بۇرمىلاپ، سەھىھ دەلىلگە ۋە ئۇنىڭ ئىگىلىرىگە ئاشكارا يوشۇرۇن دۈشمەنلىك قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىمام شافىينىڭ گېپى بولۇنىۋىدى، دادام (ئىمام ئەھمەد) ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى:«ئەگەر رەسۇلۇللاھقا تۇتىشىدىغانلىقىنى سىلەر بىلىدىغان بىر ھەدىس بولسا ماڭا دەڭلار، مەن ئۇ ھەدىس قايسى دىياردا (قايسى ھەدىس شەيخىنىڭ كىتابىدا يېزىغلىق ياكى زېھنىدە يادقا ساقلاقلىق) بولسا شۇ يەرگە بېرىپ ئۇ ھەدىسنى ئۆگىنىۋالاي.» hedisim.com (حلية الأولياء 7\34)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ شاگىرتى قازى ئەبۇ يۈسۈپ رەھىمەھۇللاھقا مۇنداق دېگەن: (ويحك يا يعقوب (هو أبو يوسف) لا تكتب كل ما تسمع مني فإني قد أرى الرأي اليوم وأتركه غدا وأرى الرأي غدا وأتركه بعد غد) «ۋاي ساڭا ئى ئەبۇ يۈسۈپ! مەندىن ئاڭلىغانلىكى سۆزنى يېزىۋەرمە. چۈنكى، مەن بۈگۈن بىر قاراشتا بولۇپ ئەتىسى ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن. ئەتە بىر قاراشتا بولۇپ، ئۆگۈنلۈككە ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن.» hedisim.com (صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام ئەبى ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (إذا قلت قولا يخالف كتاب الله تعالى وخبر الرسول ﷺ فاتركوا قولي) «ئەگەر مەن بىر ھۆكۈمنى بەرگەن بولۇپ، مېنىڭ بەرگەن بۇ ھۆكۈمۈم ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا ياكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە زىت بولۇپ قالغان بولسا، مېنىڭ بۇنداق ھۆكۈمىمنى چۆرۈپ تاشلاڭلار.» hedisim.com (الفلاني في الإيقاظ ص ٥٠، صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام ئەبى ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:(إذا صح الحديث فهو مذهبي)«ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.» hedisim.com (ابن عابدين في «الحاشية» ١ / ٦٣)
ئىمام شافىي، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام بۇخارىنىڭ زاماندىشى، مەشھۇر ھەدىس ئالىمى ئەھمەد ئىبنى سىنان (ھ 171-256) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «لَيْسَ فِي الدُّنْيا مُبْتَدِعٌ إلّا وهُوَ يُبْغِضُ أهْلَ الحَدِيثِ فَإذا ابْتَدَعَ الرَّجُلُ نُزِعَ حَلاوَةُ الحَدِيثِ مِن قَلْبِهِ»«دۇنيادا ئەھلى ھەدىسنى پەقەت بىدئەتچىلا ئۆچ كۆرىدۇ. كىشى بىدئەت پەيدا قىلسا، ئۇنىڭ قەلبىدىن ھەدىسنىڭ لەززىتى تارتىۋېلىنىدۇ.» hedisim.com (شرف أصحاب الحديث للخطيب، معرفة علوم الحديث للحاكم ١/٤، شرح لامية ابن تيمية ٢/٢٤)
دەمىر ئىبنى رەبىئە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ بىرەرسىگە ھەدىس سۆزلەپ بېرىپ بەزىدە «بۇ ھەدىسنى قولغا كەلتۈرگىنىڭ سەن ئۈچۈن ئەسقالان ۋە سۇر شەھەرلىرىگە ۋالىي بولغىنىڭدىن خەيرلىكتۇر» دەيتتى. hedisim.com (حلية الأولياء 5\200)
ئەھمەد ئىبنى ئەبۇل ھۇۋارى مۇنداق دېگەن:«كىمكى سۈننەتكە ئەگەشمەستىن بىر ئىشنى قىلسا، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى باتىلدۇر.» hedisim.com (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،875)
ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن: شەرئىي دەلىلگە ئاساسلانغان كۆز قاراش توغرۇلۇق ئىختىلاپلىشىش ھالال ئەمەس. (فەتھۇل بارى، 14/379) hedisim.com
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىر مەسىلىدە سەھىھ ھەدىس كەلگەن ۋە بۇ سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان باشقا سەھىھ ھەدىس بولمىغان تەقدىردە بىزگە ۋە ئۈممەتكە پەرز بولغىنى شۇ سەھىھ ھەدىسنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۆز قاراشلارنى تەرك ئېتىشتۇر. (ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين 3/74) hedisim.com
خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە خەلىپىلىرىنىڭ سۈننىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ھۆكۈمنى قويۇشقا، شۇنداقلا بۇ سۈننەتكە زىت بولغان نەرسىلەرنىڭ ئارقىسىغا چۈشۈشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق. سۈننەتكە ئېسىلغان كىشى توغرا يولنى تاپىدۇ. سۈننەتكە ئەمەل قىلغان كىشى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. سۈننەتنى تاشلىغۇچى مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقا يول تۇتقان كىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بىرى سۈننەتتىن يۈز ئۆرىگەنلىكى مۇددەتتە ئاللاھمۇ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنى جەھەننەمگە تاشلايدۇ. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي. (حلية الأولياء 5\161) hedisim.com
ئىمام ئەۋزائى مۇنداق دېگەن: ئىلىم دېگەن رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىدىن (سەھىھ يول بىلەن) كەلگەن نەرسىلەردۇر. ساھابىلەردىن يېتىپ كەلمىگەن نەرسىلەر ئىلىم ئەمەس. (فەتھۇلبارى، 14/371) hedisim.com
ئىمام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن: ئەھلى بىدئەت تولىمۇ ئوچۇق ۋە كەڭ تارقالغان سۈننەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىدۇ. hedisim.com (ئىبنى تەيمىييە مەجمۇئۇل فەتاۋا 19-71)
ئىمام ئەھمەدنىڭ دەۋردىشى، بۈيۈك ئالىم بىشىر ئەلھارىس مۇنداق دېگەن: «ئىسلام سۈننەتتۇر، سۈننەت بولسا ئىسلامدۇر.» hedisim.com (ئىمام بەربەھارى-شەرھۇس سۇننە،184-نومۇر)
بىشىر ئىبنى ئابدۇللاھ سۇلەمىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېدى: ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز خۇتبە ئوقۇدى ۋە مۇنداق دېدى: ئەي ئىنسانلار! قىيامەت كۈنىنىڭ كېلىشى بىزدىن يىراقتۇر، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. ھالبۇكى، كىم ئۆلسە ئۇنىڭ قىيامىتى قايىم بولغان بولىدۇ، ئۆلگەن كىشى ياخشىلىقىنى ئاشۇرالمايدۇ، گۇناھلىرىنىمۇ يوق قىلالمايدۇ. ئاگاھ بولغايسىلاركى، سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغۇچى (دۇنيانىڭ ۋە ئاخىرەتنىڭ مۇسىبەتلىرىدىن، ئاللاھنىڭ جازاسىدىن) سالامەت قالمايدۇ. ئاللاھقا ئىسيانكارلىق ھېسابلىنىدىغان ئىشلاردا ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىش يوقتۇر. سىلەر زالىم ھۆكۈمداردىن قاچقان كىشىنى ئاسىي دەپ ئاتاۋاتىسىلەر. بىلىڭلاركى، زالىم ھۆكۈمداردىن قاچقان كىشى بىلەن زالىم ھۆكۈمدار ئىككىسىدىن ئاسىي دەپ ئاتىلىشقا تېخىمۇ بەكراق لايىق بولغىنى زالىم ھۆكۈمداردۇر. (حلية الأولياء 4\238) hedisim.com
ئىمام ئەۋزائى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا ئەڭ ئاز تېپىلىدىغان نەرسە سەمىمىي دوست، ھالال كىرىم ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ئەمەلدۇر.» hedisim.com (ئىمام ئەھمەد: زۇھد كىتابى 964)
ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ سۆزىگە تايىنىپ تۇرۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ھېچكىمنىڭ ھەددى ۋە ھەققى ئەمەس.» hedisim.com (رەفئۇل مەلام 67)
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر ھەق ئەھلى ھەقنى سۆزلەپ بايان قىلمىسا، باتىل ئەھلى باتىل داۋاسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، باشقىلار بۇ باتىل داۋاغا قارىغۇلارچە ئەگىشىدۇ. ئاقىۋەتتە، ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ سۆزلەپ، بايان قىلماي يوشۇرۇشنىڭ گۇناھى سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق ھەقنى يوشۇرغانلارغا يېزىلىدۇ. — مەجمۇئۇل فەتۋا شەيخ ئىبنى باز (3\72) hedisim.com
ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: مەن بىرەر ھەدىسنى تاكى ئۆزۈم ئەمەل قىلمىغۇچە يېزىپ خاتىرلىمىدىم (يەنى مەن خاتىرىلىگەنلىكى ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزۈم ئەمەل قىلغان ھەدىسلەردۇر.) ھەتتا ماڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قان ئالدۇرۇپ، قان ئالغۇچىغا بىر دىنار بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھەدىس يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ قان ئالدۇرۇپ، قان ئالغۇچىغا بىر دىنار بەردىم. (سىيەر ئەئلام نۇبەلا، 11\296) hedisim.com
مۇھەددىس ئىمام ھاكىم نىساپۇرى ئەھلى ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ئىمام ئەھمەد سەھىھ ھەدىستىكى «قىيامەتكىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان پىرقە \ نىجات تاپقۇچى پىرقە \ ياردەمگە ئېرىشكۈچى پىرقە» دەپ ناملانغانلارنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەھلى ھەدىس ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ياخشى قىلغان. «ياردەمگە ئېرىشكۈچى پىرقە \ نىجات تاپقۇچى پىرقە» دەپ ئاتىلىشقا بىزدىن ئىلگىرى كەلگەن سەلەپ-سالىھىننىڭ ئىزىنى بېسىپ مېڭىپ، ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە ئەگەشكەن كىشىلەردىن لايىقراق باشقا كىم بار؟ «ياردەمگە ئېرىشكۈچى پىرقە \ نىجات تاپقۇچى پىرقە» دەپ ئاتىلىشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ باتىل يولىنى ئاشكارىلاپ بەرگۈچى مەزكۇر كىشىلەردىن لايىقراق كىم بار؟“ hedisim.com | معرفة علوم الحديث » للحاكم النيسابوري ( ص 2 ، 3 )
سەلەپ ئالىملىرىدىن ھەسەن ئىبنى ئەتىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ((رَكْعَتانِ يَسْتَنُّ فِيهِما العَبْدُ خَيْرٌ مِن سَبْعِينَ رَكْعَةً لا يَسْتَنُّ فِيها))«بەندىنىڭ سۈننەت ھېسابلىنىدىغان ئىككى رەكئەت نامازنى ئوقۇشى سۈننەتتە ئورنى يوق يەتمىش رەكئەت ناماز ئوقۇغاندىن ئەۋزەلدۇر.» hedisim.com (حلية الأولياء 7\75)
مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «يَأتِي أناس يُجادلونكُم بشُبُهات القرآن؛ خُذوهُم بالسنَنِ؛ فإن أصْحابَ السّنَنِ أعْلمُ بكتِاب اللهِ» «قۇرئاندىكى مۇتەشابىھ ئايەتلەر ئارقىلىق سىلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىشىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. سىلەر ئۇنداقلارنى سۈننەت بىلەن جىمىقتۇرۇڭلار. چۈنكى، سۈننەتكە ئەگەشكۈچى كىشىلەر ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان كىشىلەردۇر.» (أخرجهما الإمام اللالكائي في «شرح أصول اعتقاد أهل السنة والجماعة»، وابن بطة في«الإبانة») hedisim.com
ئىمام ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: سەلەف ئالىملىرى ئىلىم بىلەن رەي (كۆز قاراش) نى بىر-بىرىدىن ئايرىيتتى. سۈننەتنى «ئىلىم» دەيتتى، بۇنىڭ سىرتىدىكىلەرنى رەي دەيتتى. hedisim.com (فەتھۇلبارى، 14/372)
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دېگەن: «سىلەر سۈننەتنى يېيىشنىڭ پۇرسىتى بولسىلا سۈننەتنى يېيىڭلار. بۇ ئەمىلىڭلار ئارقىلىق سۈننەتكە ئەمەل قىلغانلىق ۋە شۇ سۈننەتكە قىيامەتكە قەدەر ئەگەشكەنلەرنىڭ ساۋابى سىلەرگە يېتىپ تۇرىدۇ.» hedisim.com (رىيازۇس سالىھىن شەرھى 4\215)
ئەسۋەد ئىبنى سالىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېدى: «ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ئۆرنەك ئىنسان ئىدى، سۈننەتنى بىلىش ۋە ئەمەل قىلىشتا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ساغلىمى ئىدى. ئەگەر بىرەرسى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەككە كۆز ئالايتقان تەقدىردە، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈڭلار.» (سىيەر ئەئلام نۇبەلا 18\395)
ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن:«قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ سىرتىدىكى كۆز قاراشلار پەيلاسوپلارنىڭ قىياسى، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ خىيالى، يولدىن چىققان ئازغۇنلارنىڭ پىكىرلىرى ۋە كالامچىلارنىڭ شۈبھەلىرىدىن ئىبارەتتۇر.» (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،876) hedisim.com
ئىمام ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: بەخىتكە ئېرىشىدىغان كىشى – سەلەف ئالىملىرىنىڭ يولىغا ئەگەشكەن، خەلەفنىڭ (كېيىنكى كىشىلەرنىڭ) ئويدۇرغانلىرىدىن قاچقان كىشىدۇر. (بۇخارى 7288-ھەدىسكە ئىبنى ھەجەر شەرھى، فەتھۇلبارى 14/334) hedisim.com
ئىمام بۇخارى مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ جامائەتتىن ئايرىلماسلىقنى بۇيرۇغان. جامائەت (رەسۇلۇللاھقا قەتئىي ئەگەشكەن) ئەھلى ئىلىملەردۇر.» (سەھىھۇل بۇخارى-قۇرئان سۈننەتكە ئېسىلىش كىتابى-19-بابنىڭ ماۋزۇسى) hedisim.com
ئىمام بۇخارىنىڭ (بۇ ماۋزۇ ئارقىلىق) دېمەكچى بولغىنى مۇنداق: ئالىمنىڭ (ھەر قانداق بىر مەسىلىدە) شەرئىي دەلىللەرنى بىلدۈرۈش ئىمكانى بار تۇرۇپ، ئۇنداق قىلماستىن ئۆز كۆز قارىشى ۋە قىياس بىلەن سۆز قىلىشىغا يول يوق. (فەتھۇلبارى، 14/373) hedisim.com
– مۇجتەھىد تورى تەييارلىدىئىزدەش كەلىمىلىرى:
— سەلەپ ئەقىدىسى
—سەلەف ئەقىدىسى
— ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسى
— ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ئەقىدىسى
— ئەھلى ھەدىس