سۈرە ئەھزاب، 59-ئايىتىنىڭ چۈشىنىشلىك تەرجىمىسى ۋە يېتەرلىك تەپسىرى | ھىجاپ، جىلباب، ئورىنىش ھەققىدە

سۈرە ئەھزاب، 59-ئايىتىنىڭ چۈشىنىشلىك تەرجىمە تەپسىرى

فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
﴿يأيها النَّبِيّ قُلْ لِأَزْوَاجِك وَبَنَاتك وَنِسَاء الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ ذَلِكَ أَدْنَى أَنْ يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ وَكَانَ اللَّه غَفُورًارَحِيمًا﴾

{ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، (چۆرىلەرنىڭ ئەكسىچە) جىلبابلىرى بىلەن ئورانسۇن. بۇ  (يەنى جىلباب بىلەن ئورىنىشى) ئۇلارنىڭ (ھۆر ئاياللار سۈپىتىدە) تونۇلۇشى ۋە ئەزىيەتكە ئۇچرىماسلىقى جەھەتتىن ئەڭ ئۇيغۇندۇر. (چۈنكى، چۆرىلەر جىلباب بىلەن يۈزلىرىنى ياپمايتتى، شۇ ۋەجىدىن مۇناپىقلار ئۇلارغا چېقىلاتتى.) ئاللاھ (ھۆر ئاياللارنىڭ ئىلگىرىكى چاغلاردىكى تولۇق ئورانماي يۈرۈشىنى) بەك مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا جىلبابنى ئەمىر قىلىپ مۇناپىقلارنىڭ ۋە قەلبى كېسەل كىشىلەرنىڭ ئازار بېرىشىدىن ساقلاش ئارقىلىق) بەك رەھىم قىلغۇچىدۇر.} (سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەت) (جالالەين تەپسىرىگە بىنائەن تەرجىمە قىلىندى)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەت ئارقىلىق مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنى ھاجىتى ئۈچۈن ئۆيلىرىدىن چىققاندا جىلباپلىرى بىلەن بېشىنىڭ ئۈستى بىلەن قوشۇپ يۈزلىرىنى يېپىشقا بۇيرۇدى، ئايال كىشى بۇ شەكىلدە يۈزىنى يېپىپ (يولنى كۆرەلىشى ئۈچۈن) بىر كۆزىنى ئوچۇق قويىدۇ. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/‏٣١٥٤)

ئەللامە مۇھەممەد ئەمىين شىنقىتىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: بىردىن كۆپ ئەھلى ئىلىم بۇ ئايەتتىكى {يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ} {جىلبابلىرى بىلەن ئورانسۇن} ئايەتنى شەرھلەپ: (ئايەتتىن كۆزدە تۇتۇلغىنى ھۆر) ئايال كىشىنىڭ يۈزىنىڭ ھەممە يېرىنى يېپىپ، كۆرەلىشى ئۈچۈن پەقەت بىر كۆزنىلا ئوچۇق قالدۇرۇپ قويۇشىنى كۆرسىتىدۇ، دېگەن. بۇ ساھابە ئىبنى مەسئۇدنىڭ، ئىبنى ئابباسنىڭ ۋە (تابىئىن) ئۇبەيدە سەلمانىينىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سۆزىدۇر. (أضواء البيان في إيضاح القرآن بالقرآن 2\243)

دېدەك ئاياللارنىڭ ھۆر ئاياللاردەك يۈزىنى يېپىشى دۇرۇس ئەمەس. ئۇلارنىڭ يۈزى ئوچۇق تۇرىدۇ. ئايەتتىكى تونۇلۇش ۋە ئەزىيەتكە ئۇچرىماسلىق دېدەك ئەمەس ھۆرلىكى تونۇلۇشنى، ھاجەت ئۈچۈن چىققاندا مۇناپىقلارنىڭ شەھۋەت ۋە زىنا مەقسىتىدە ئازار بېرىشىدىن ساقلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ھىجاپ ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئاۋۋال ھۆر ئايال بىلەن دېدەكنىڭ كىيىنىش شەكلى ئوخشاش ئىدى. بۇ ۋەجىدىن مۇناپىقلار ھاجەت ئۈچۈن چىققان ھۆر ئاياللار بىلەن دېدەكلەرنى ئايرىيالماي، ھۆر ئاياللارغا چاقچاق قىلغان ئەھۋاللار بولغان. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چۈمبەلگە چۈمكىلىۋالغان بىر دېدەكنى «ھۆر ئاياللارغا ئوخشىۋالماقچىمۇسەن؟» دەپ چۈمپەردىسىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇپ، قامچا بىلەن ئەدەپلىگەن. (بۇ ئەسەرنى ئىبنى مۇنزىر ۋە ئەلبانى سەھىھ دېگەن) ئالىملار ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا ھېچبىر ساھابە قارشى چىقمىغان، دېدەكنىڭ باش كۆزىنى يېپىۋالمايدىغانلىقى ئىجما بىلەن سابىت دېگەن. ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ئالىملار دېدەك ئەگەر چىرايلىق بولۇپ، ئەرلەرنى پىتنىگە سالىدىغان ئەھۋال مۇستەسنا، بۇ چاغدا يۈزىنى ياپىدۇ دېگەن. بۇنى ئىمام ئىبنى تەيمىييەمۇ نەقىل قىلغان.

جىلباب قانداق كىيىم؟
ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ ئۆز تەپسىرىدە سۈرە ئەھزابنىڭ، 59-ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە  {يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ} {جىلبابلىرى بىلەن ئورانسۇن} ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان جىلبابقا ئېنىقلىما بېرىپ مۇنداق دېگەن: (وهي الملاءة التي تشتمل بها المرأة، أي يرخين بعضها على الوجوه إذا خرجن لحاجتهن إلا عينا واحدة) جىلباب ئايال كىشىنى پۈتۈنلەي ئوراپ تۇرىدىغان ئورىغۇچى كىيىمدۇر. يەنى، ھاجىتى سەۋەبلىك سىرتقا چىققاندا ئۇ ئورانچىسىنىڭ بىر قىسىمى بىلەن بىر كۆزىنى ئوچۇق قويغان ھالدا يۈزىنى ئورىسۇن. (تفسير الجلالين 560)
سەلەپ مۇپەسسىرلىرىدىن يەھيا ئىبنى سالام رەھىمەھۇللاھ جىلبابقا تەبىر بېرىپ مۇنداق دېگەن: جىلباب — ئۈستى بېشىنى يېپىپ تۇرىدىغان پۈركەنجىدۇر. ئايال كىشى ئۇنىڭ بىلەن يۈزىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى، ئوڭ كۆزىنى ۋە بۇرنىنى ياپىدۇ. (يەنى يولنى كۆرۈشى ئۈچۈن بىرلا كۆزىنى ئوچۇق قويۇپ، يۈز كۈزىنىڭ باشقا ھەممە قىسىمىنى ياپىدۇ، دېمەكچى.) (تفسير يحيى بن سلام ٢/‏٧٣٨) مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

چوڭ تابىئىنلاردىن سەئىد ئىبنى جۇبەير رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: {يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ} {جىلبابلىرى بىلەن ئورانسۇن} ئايىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: يەنى ئاياللار جىلبابلىرى بىلەن پۈركەنسۇن. جىلباب — لېچەكنىڭ ئۈستىگە ئارتىلىدىغان چۈمبەلدۇر. مۇسۇلمان ئايالنىڭ لېچەكلىرىنى ئۈستىگە چۈمبەل ئارتىپ ئۈستى بېشىنى، يۈز-كۆزىنى ۋە كۆكرەكلىرىنى (بىلنەشمەيدىغان شەكىلدە) يېپىپ ئۆرتۈنمەي تۇرۇپ يات ئەرگە كۆرۈنۈشى ھالال ئەمەس. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/‏٣١٥٥)

(مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى، ئىشەنچىلىك ھەدىس راۋىيسى، سەلەپ مۇھەددىسلىرىنىڭ ئۇستازلىرىدىن) يۇنۇس ئىبنى يەزىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىز زۇھرىيدىن توي قىلغان ياكى توي قىلمىغان دېدەك ئايال لېچەك كىيەمدۇ؟ دەپ سورىساق، زۇھرىي مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۇ توي قىلغان دېدەك بولسا، لېچەك كىيىدۇ، لېكىن جىلباب كەيمەيدۇ، چۈنكى دېدەك ئايالنىڭ جىلباپ كىيىپ ھۆر ئاياللارغا ئوخشىۋېلىشى چەكلىنىدۇ. زۇھرىي مۇشۇنداق دەپ بولۇپ مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى ﴿يأيها النَّبِيّ قُلْ لِأَزْوَاجِك وَبَنَاتك وَنِسَاء الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ ذَلِكَ أَدْنَى أَنْ يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ وَكَانَ اللَّه غَفُورًارَحِيمًا﴾. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/‏٣١٥٤) * يۇنۇس ئىبنى يەزىد ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئىمام ئەۋزائى قاتارلىق سەلەپ ئىماملىرىنىڭ ئۇستازلىرىدىن ئىدى.

تابىئىنلارنىڭ ئەڭ چوڭ تەپسىرشۇناس ئالىمى سۇددى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەدىنىنىڭ پاسىقلىرى (بۇلار مۇناپىقلاردۇر) قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن ئاياللارنى كۆزلەپ مەدىنىنىڭ كوچىلىرىغا چىقاتتى. مەدىنىلىكلەرنىڭ ئۆيلىرى تار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاياللىرى كەچ بولغاندا (جاڭگاللارغا بېرىپ) ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن سىرتقا ئۆيىدىن كوچىغا چىقاتتى. پاسىقلارنىڭ كۈتكۈنى دەل مۇشۇ ئىدى. ئەگەر پاسىقلار كوچىغا چىققان ئايالنىڭ جىلباب بىلەن چۈمكەلگەن ئاياللىقىنى بايقىسا «بۇ ھۆر ئايالكەن» دېيىشىپ، بۇنداق ئايالدىن قولىنى تارتاتتى. ئەگەر جىلباب كىيمەستىن چىققان ئايالنى كۆرسە «بۇ دېدەك ئىكەن» دېيىشىپ، ئۇنىڭغا ئېتىلاتتى. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/‏٣١٥٥) يەنە باشقا بايانلاردا، دېدەك ئاياللارغا چاقچاق قىلىپ، ھاجىتىنى قاندۇرۇپ قويسا پۇل بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇناتتى، دېيىلگەن.

كۈنىمىزدىمۇ ئىش مۇشۇنداق. پاسىقلار ۋە كاپىر-مۇشرىكلار ياسىنىپ تارانغان، مودا «ھىجاپ»لىنىۋالغان قىز-ئاياللارنى كۆرسە، ۋە ئۇ ئاياللار ئۇنى كىيىنىشى ۋە چىراي تۇرىقى بىلەن جەلپ قىلسا، ئۇلارغا ھەر خىل ئۇسۇلدا يېقىنلىشىشقا، ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئەمما، بېشىنىڭ چوققىسىدىن تىرنىقىنىڭ ئۇچىغىچە كامىل ئورانغان مۆمىنە قىز-ئاياللارنى كۆرسە، مۇناپىقلار بۇنداق ئاياللاردىن يىرگىنىدۇ، كاپىر-مۇشرىكلار بۇنداق ئاياللاردىن قورقىدۇ، مۆمىن مۇسۇلمانلار بۇنداق ئاياللاردىن ھېيىقىدۇ ۋە قەلبىدە ھۆرمەتلەپ ئۇلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيدۇ.

— مۇجتەھىد تورى | mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ