ئايال كىشىنىڭ مەسجىدكە چىقىشى ھەققىدە ئىسلام بۈيۈكلىرى نېمە دېگەن؟

ئايال كىشىنىڭ مەسجىدكە چىقىشى ھەققىدە ئىسلام بۈيۈكلىرى نېمە دېگەن؟

فۇرقان دەۋەت مەركىزى

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

قازى ئەبۇ بەكرى ئىبنۇل ئەرەبىي رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى:ھ 543) مۇنداق دېگەن: ئايال كىشىنىڭ مەسجىدكە چىقىش چىقماسلىق مەسىلىسى ساھابىلەر ئىختىلاپلاشقان ئىختىلاپلىق مەسىلىدۇر.
ساھابىلەردىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە بىر بۆلۈك سەلەپ ئالىملىرى ئاياللارنىڭ مەسجىدكە چىقىشىنى چەكلەپ، ئاياللارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچكىرىسىنى لازىم تۇتۇشىنى تەكىتلىگەن. ئۇلار بۇ ھۆكۈمگە مۇنۇ ھەدىسنى دەلىل قىلغان: ئۇممۇ ھۇمەيد سائىدىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((صلاةُ المرأة في بيتها أفضل من صلاتها في حُجرَتِها، وصلاتُها في حُجْرَتِهَا خيرٌ من دَارِهَا، ودارها خير لها من مسجِدِهَا. ومسجدُ عَشِيرَتهَا خيرٌ لها من مَسْجِدِي)) «ئايال كىشىنىڭ ئۆز ھۇجرىسىدا ئوقۇغان نامىزى ئۆيىدە (يەنى ئۆيىنىڭ ھۇجرىسىدىن باشقا خانىسىدە) ئوقۇغان نامىزىدىن ئەۋزەلدۇر. ئۆيىدە ئوقۇغان نامىزى ھويلىسىدا ئوقۇغان نامىزىدىن ئەۋزەلدۇر. ھويلىسىدا ئوقۇغان نامىزى (مەھەللە) مەسجىدىدە ئوقۇغان نامىزىدىن ئەۋزەلدۇر. ئۆز قەۋمىنىڭ مەسجىدىدە ئوقۇغان نامىزى مېنىڭ مەسجىدىمدە ئوقۇغان نامىزىدىن ئەۋزەلدۇر.» hedisim.com [أخرجه أحمد ٤٥/ ٣٧؛ وابن خزيمة (١٦٨٩) وابن عبد البرّ في التمهيد: ٢٣/ ٣٩٨؛ الألباني صحيح الترغيب 342، حسن]

ئىمام ئىبنى ئەبى شەيبە مۇسەننەفتە مۇنداق نەقىل قىلغان: چوڭ تابىئىن ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھتىن: بىر ئايال ئەگەر ئېرى تۈرمىدىن چىقسا، بەسىرەدىكى ھەربىر مەسجىدتە ئىككى رەكئەتتىن ناماز ئوقۇپ چىقىشنى ئۆزىگە نەزىر قىپتۇ، دەپ بۇنىڭ ھۆكمى سورىلىۋىدىن، ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ «ئۆز قەۋمىنىڭ مەسجىدىدە ئوقۇسۇن، ئۇ بۇ نەزرىنى ئادا قىلالمايدۇ. ئەگەر بۇ ئايال ئۆمەر ئىبنى خەتتاب زامانىدا بولغان بولسا، ئۆمەر ئۇنىڭ بېشىغا ساۋىغان بولاتتى.» دېگەن. (مصنف ابن أبي شيبة ٧٦١٨) * ساۋىماق — براۋنى قامچا قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئۇرماق، دېگەن مەنىدە.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((المَرْأَةُ عَوْرَةٌ فَإِذَا خَرَجَتْ اسْتَشْرَفَهَا الشَّيْطَانُ)) «ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر. ئەگەر ئۇ سىرتقا چىقسا، شەيتان ئۇنى تاماشا قىلىدۇ.» hedisim.com (تىرمىزى 1173؛ سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە 1685؛ مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 5\138؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 9174؛ سەھىھ ھەدىس)

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر. ئايال كىشىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن ھالىتى ئۆيىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى ھالىتىدۇر. ئەگەر ئايال كىشى سىرتقا چىقسا، ئۇنى شەيتان تاماشا قىلىدۇ. (أخرجه ابن أبي شيبة ٧٦١٦)
ئىمام سۇفيان سەۋرى
رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشىنىڭ (مەسجىدكە) چىقىشى يامان كۆرۈلىدۇ. چۈنكى، ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر.» ئىمام سۇفيان سەۋرى يەنە مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى گەرچە قېرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ئۆيىدىنمۇ ياخشىراق يەر يوق.» (المسالك في شرح موطأ مالك لأبو بكر ابن العربي 3\359) 
ئىبراھىم نەخەئىي رەھىمەھۇللاھ ئاياللىرىنى جۈمە نامىزىغا ۋە جامائەت نامىزىغا قاتنىشىشتىن توساتتى. (المسالك في شرح موطأ مالك لأبو بكر ابن العربي 3\359) 
ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ ئايال كىشىنىڭ مەسجىدكە چىقىشىنى ۋە ھېيت نامىزىغا قاتنىشىشىنى مۇباھ (جائىز \ دۇرۇس) دېگەن. ئىمام مالىكنىڭ «ئاياللار مەسجىدكە چىقىشتىن توسۇلمايدۇ» دېگەنلىكىنى «ئەلمەبسۇت» ناملىق ئەسەردە نەقىل قىلىنغان. (المسالك في شرح موطأ مالك لأبو بكر ابن العربي 3\359)
ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ «مۇۋەتتا»دا مۇنۇ ئەسەرنى نەقىل قىلغان: يەھيا ئىبنى سەئىد بىزگە مۇنداق نەقىل قىلدى: (مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى) ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خانىمى ئاتىكە بىنتى زەيد* رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەزىرتى ئۆمەردىن مەسجىدكە چىقىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىۋىدى، ئۆمەر سۈكۈت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاتىكە «ۋاللاھى، سىز مېنى چەكلىمىگەنلا تەقدىردە، مەن مەسجىدكە چىقىمەن» دېدى. ئۆمەر ئۇنى چىقىشتىن توسمىدى.  mujtehid.com (الموطَّأ ٥٣٢)
ئىمام ئەبۇ نۇئەيم رەھىمەھۇللاھ مۇسا ئىبنى ئۇقبە يولى بىلەن سالىمدىن مۇنداق نەقىل قىلغان: «ئاتىكە بىتنى زەيد ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ خانىمى ئىدى. مەسجىدكە چىقىش مەسلىسىدە ھەزىرتى ئۆمەر بىلەن كۆپ قارشىلىشىپ قالاتتى، ئۆمەر ئۇنىڭ مەسجىدكە چىقىشىنى ياقتۇرمايتتى. ئۆمەر ئۆزىنىڭ بۇنى يامان كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئاتىكە ئۆمەرگە <سىز مېنى چەكلىمىگۈچە مەن مەسجىدكە چىقىۋېرىمەن> دېدى. ئۆمەر ئۇنى مەسجىدكە چىقىشنى چەكلەشنى خالىمىغاندەك ئىدى.» سالىم داۋامەن مۇنداق دېدى: «ئاتىكە ئۆمەردىن كېيىن باشقا بىر زاتقا تۇرمۇشقا چىقتى، ئۇ زات ئۇنى مەسجىدكە چىقىشتىن چەكلىدى.» مۇسا ئىبنى ئۇقبە مۇنداق دەيدۇ: مەن سالىمدىن «ئۇ زات كىم ئىدى؟» دەپ سورىۋىدىم «زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام ئىدى» دېدى. (معرفة الصحابة لأبي نعيم 7767) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ئاتىكە بىنتى زەيد (ئۆمەردىن ئاۋۋال دادام ئەبۇ بەكرىنىڭ ئوغلى) ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ خانىمى ئىدى. (معرفة الصحابة لأبي نعيم 7767)
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 256) سەھىھۇل بۇخارىدا مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: (لو أدرك رسول الله صلى الله عليه وسلم ما أحدث النساء لمنعهن كما منعت نساء بني إسرائيل) «ئەگەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۈگۈنكى ئاياللارنىڭ پەيدا قىلغانلىرىغا ئۇچراشقان بولسا، بەنى ئىسرائىل ئاياللىرى ئىبادەت ئورۇنلىرىدىن چەكلەنگىنىدەك، (مۇسۇلمان) ئاياللارنى چوقۇم (مەسجىدكە چىقىشتىن) چەكلىگەن بولاتتى.» hedisim.com (بۇخارى 831؛ مۇسلىم 445)
* ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئاياللارنىڭ مەسجىدكە چىقىشىنى يامان كۆرۈشى يۈزلەر ئېچىلمىغان، كىيىملەر تارىيىپ قىسقارمىغان، مەسجىدلەردە ياكى كوچىلاردا ئەر ئاياللار ئارىلىشىپ كەتمىگەن، نىفاق كۆپەيمىگەن، گۇناھلار ئاشكارا بولمىغان، ئىپپەت-ھايا يوقىمىغان، مەسجىدكە ئەرلەر باشقا ئىشىكتىن، ئاياللار باشقا ئىشىكتىن كىرىدىغان سائادەت دەۋرلىرىدىكى ئاياللارغا قارىتا ئىدى. بۈگۈنكى ئاياللارنى ئەرلىرى مەسجىدكە چىقىشتىنغۇ چەكلىمىسۇن، ئەمما، نامەھرەم ئەرلەر بىلەن بىر ئۆينىڭ ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاتالمىش دەرس، يىغىن ۋە سۆھبەتلەرگە ھېچ ئىككىلىنىپ يۈرمەيلا يولغا سېلىپ قويىدىغان ناچار ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئۇ سورۇنلاردا يات ئەرلەر بىر نەچچە مېتىر يەردىنلا يات ئايالنى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن گەپلىشىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن يانمۇ يان ئولتۇرىدۇ. ئائىشە ئانىمىز ياكى سائادەت دەۋرىدىكى ئىسلام بۈيۈكلىرى بۇ خىل پەسكەش رېئاللىقىمىزنى كۆرسە نېمىلەرنى دەر، نېمىلەرنى قىلار بولغۇيتتى ھە!
شەيخ ئەزىم ئابادى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: نېمە ئۈچۈن ئايال كىشىنىڭ ئۆيىدە ئوقۇغان نامىزى نېمىشقا (مەسجىدتە ئوقۇغان نامىزىدىن) ئەۋزەل دېگەندە، چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ نامىزىنى ئۆيىدە ئوقۇشى ئۇنىڭ پىتنىدىن (يەنى يات ئايال كىشىنى كۆرۈپ كۆز ياكى قەلب زىناسى قىلىشىدىن، ياكى ئايال كىشىنىڭ بۇ جەرياندا بىرەر گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشتىن) ئەمىن قالىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئاياللار ئارىسىدا كامىل ھىجاپلىنىشنىڭ چېكىنىپ، زىننەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغاندىن كېيىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يۇقىرىقى سۆزنى قىلغان. [عون المعبود » ( 2 / 193 )]
ئىمام شافي رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 204) مۇسنەدىدە مۇنداق نەقىل قىلغان: ئەبۇ سۇلايمان ئانىسىدىن مۇنداق نەقىل قىلىدۇ: ئەبۇ سۇلايماننىڭ ئانىسى، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدا ئىدى. بۇ پەيتتە ئۇنىڭ يېنىغا ئۇ قۇللۇقتىن ئازاد قىلغان ئاياللاردىن بىرى كىرىپ مۇنداق دېدى: «ئى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى! كەبىنى يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلدىم، (ھەجرۇلئەسۋەد) رۇكنىنى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم سىلىدىم» دېۋىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ئاللاھ ساڭا ئەجىر بەرمىسۇن، ئاللاھ ساڭا ئەجر بەرمىسۇن. (ئەرلەرگە ئارىلىشىپ رۇكنغا يېقىنلىشىشنىڭ ئورنىغا) ئەرلەردىن ساقلىنىپ، (رۇكنىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ) تەكبىر ئېيتىپ (ھەجرۇل ئەسۋەدكە سالام قىلىپ)، ئاندىن ئۆتۈپ كېتىۋەرسەڭ بولمامتى؟» hedisim.com (مۇسنەد شافىي، معرفة السنن والآثار ٧/٢٢٠ — أبو بكر البيهقي، السنن الكبرى – البيهقي – ط العلمية ٥/١٣١، السنن الكبرى للبيهقي برقم (٩٣٤٩)

ھەجرۇل ئەسۋەتنى سىلايمەن سۆيىمەن دەپ ئەرلەرنىڭ ئارىسىغا قوشۇلۇپ، قىستاشقاننىڭ گۇناھى — ھەجرۇل ئەسۋەتنى سۆيگەننىڭ ساۋابىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولۇپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ئايالغا «ئاللاھ ساڭا ئەجر بەرمىسۇن» دەپ تەنبىھ بېرىپ، بۇ قىلمىشىنىڭ ئاياللار ئۈچۈن تولىمۇ نالايىق، مۇنكەر قىلمىش ئىكەنلىكىنى بۇ سۆزى ئارقىلىق بىلدۈرۈپ، تەلىم بەرگەن. ھەجرۇلئەسۋەدنى سۆيۈش، سىيلاش مۇستەھەپ سۈننەت، ئەمما ئەرلەرنىڭ يات ئاياللاردىن، ئاياللارنىڭ يات ئەرلەردىن ئۇزاق تۇرۇشقا تىرىشىشى پەرزدۇر. مۇستەھەپ ئەمەلنى قىلىمەن دەپ، پەرزنى ئورۇنمىدمىغۇچى گۇناھكار بولىدۇ.
كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ھەجرۇل ئەسۋەدنى سىلاپ-سۆيگەن ئايالغا ئائىشە ئانىمىز (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) «ئاللاھ ساڭا ئەجىر بەرمىسۇن» دەپ كايىدى. ئائىشە ئانىمىز ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن ئۇزاق تۇرۇشىنى، ئىپپەت ھايانى قۇرئاندىن ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بىۋاستە تەلىم ئالغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بىۋاستە ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئەر ۋە ئايال ساھابىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىم ئىدى. ئىپپەت-ھايانىڭ ۋە تەقۋالىق نەمۇنىسى ئىدى. ھالال-ھارامنى، قايسى ئىشنىڭ چوڭ پىتنىلەرگە ۋە ھاراملارغا يول ئېچىشىنى ئەڭ ياخشى بىلەتتى. ئەرلەر ئارىسىدىن ئارىلاپ ئۆتۈپ، ھەجرۇل ئەسۋەدنى سىلاپ-سۈيىمەن دەپ يېقىنلىشىپ بۇ قىلمىشىنى تەكرارلىغان ۋە بۇنىڭدىن پەخىرلەنگەن ئايالغا  ئائىشە ئانىمىز يۇقىرىقىدەك قاتتىق ئېغىر تەنبىھ بەردى. كۈنىمىزدە، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ئۆزىنى خېلى بەك ئالىم، ئالىمە سانايدىغان؛ دىندار، تەقۋا سانايدىغان كىشىلەرمۇ يات ئاياللار ۋە يات ئەرلەر بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قوپۇشۇپ، بۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ، ئۇنى ئاز كەلدى دەپ تورلاردا تەشۋىق قىلىپ يۈرۈشمەكتە. بۇ جەھەتتە ئاللاھتىن ھايا قىلىشنى، دىننىڭ ھالال-ھاراملىرىغا رىئايە قىلىشنى تامامەن ئۇنتۇپ، دىنغا زىت يول تۇتماقتا. ئائىشە ئانىمىز كۈنىمىزدە ھايات بولسا بۇنداقلارغا نېمە دەر بولغۇيتتى-ھە؟

— فۇرقان دەۋەت مەركىزى (mujtehid.com | hedisim.com)

مۇناسىۋەتلىك پەتىۋا: 
ئاياللارنىڭ  نامىزىنى مەسجىدتە ئوقۇشى ئەۋزەلمۇ ياكى ئۆيىدىمۇ؟

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ