نامەھرەم ئايالغا قارىسام گۇناھ بولامدۇ؟

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

ئىمام سۇيۇتى (ۋاپاتى: ھ 864) رەھىمەھۇللاھ ئۆز تەپسىرىدە  {وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا} {(ئايال كىشى) زىننىتىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغىنىدىن باشقىسىنى ئاشكارىلىمىسۇن} ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەقتىكى ئىككىنچى ھۆكۈم بويىچە، ئەركىشى پىتنىدىن قورقسۇن قورقمىسۇن،  يات ئايالغا قارىشى ھارام. چۈنكى، ئەر كىشىنىڭ يات ئايالغا قارىشى سەۋەبلىك پىتنىگە چۈشۈرۈش ئېھتىماللىقى مەۋجۇتتۇر. پىتنىگە پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن، بۇ (يەنى يات ئايالغا شەھۋەتسىز ھالدا بولسىمۇ قاراش ھارام دېگەن ھۆكۈم) تاللىنىدىغان توغرا ھۆكۈمدۇر. (تفسير الجلالين 462)

پىتنە — ئۇ يات ئايالغا قاراش سەۋەبلىك ئۇنىڭ يا يۈزىدىن، يا قولىدىن ياكى باشقا ھەر قانداق يېرىدىن لەززەت ھېس قىلسا؛ ياكى شەھۋىتى ئويغانسا، ياكى ئۇ ئايالغا دىلى مايىل بولسا، ئۇ ئايال بىلەن ئۇچرىشىش، پاراڭلىشىش ئۈمىدىدە بولسا؛ ھەتتا ئۇ ئايالنى تۇتۇشنى، سۆيۈشنى ياكى زىنا قىلىشنى خىيالىدىن ئۆتكۈزسە، ۋەياكى مۇشۇنىڭغا پۇرسەت ئىزدەشكە چۈشسە؛ ياكى قارىغاندىن كېيىنكى چاغلاردا ئۇ ئايال خىيالىغا كىرىۋېلىپ قەلبىنى مەشغۇل قىلسا … مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى پىتنىدۇر. يات ئايالغا ئۆزى خالاپ تۇرۇپ قەستەن قارىغان قايسى بىر ئەر بۇ پىتنىلەرنىڭ ھېچقايسى بىرىگە چۈشۈپ قالمايمەن دەپ ھۆددە قىلالايدۇ؟ بۇ ۋەجىدىن، ئەر كىشى يات ئايالغا قاراشتىن تامامەن ئۆزىنى تارتىش بىلەن بىرگە، ئايال كىشىمۇ يات ئەرنىڭ ئۆزىنى كۆرمەسلىكى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارچە يوللۇق سەۋەپلەرگە مۇراجىئەت قىلىشى پەرزدۇر. بۇ سەۋەپلەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى، ئايال كىشىنىڭ چوققىسىنىڭ ئۇچىدىن تىرنىقىغا قەدەر بەدىنىنىڭ ھېچ يېرىنى نامەھرەم كۆرەلمەيدىغان شەكىلدە كامىل ھىجاپلىنىشىدۇر؛ يەنە بىرى ئۆز ئۆيىنى لازىم تۇتۇشى، جىددىي زۆرۈرىيەتسىز ھالدا سىرتلاردا يۈرۈشتىن ساقلىشىنىدۇر. ھەر ئىككىسىنى ئاللاھ قۇرئاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سۈننىتىدە بۇيرۇغان.

ئىمام رەملى ئەششافىي رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 957) مۇنداق دېگەن: (حرم النظر إلى المنتقبة التي لا يبين منها غير عينيها ومحاجرها ، ولا سيما إذا كانت جميلة ، فكم في المحاجر من خناجر) كۆزى ۋە كۆز چانىقىدىن باشقا يېرىنى كۆرسەتمەي ئورانغان نىقابلىق ئايالغا يات ئەر كىشىنىڭ قارىشى ھارام. بۇ ئايال گۈزەل ئايال بولغان تەقدىردە تېخىمۇ شۇنداق. نۇرغۇنلىغان كۆزلەر خەنجەر جۈملىسىدىندۇر. (يەنى خەنجەر ئىنساننى ئۆلتۈرگەندەك، نامەھرەم ئايال كىشىنىڭ قاش-كۆزىگە قاراش كىشىنىڭ ئىپپىتىنى ۋە دىنىنى ئۆلتۈرىدۇ.) نهاية المحتاج (6/188)

ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەر كىشى پىتنىدىن قورقمىغان تەقدىردىمۇ ئايال كىشىنىڭ يۈزىگە، ياكى قولىغا ياكى باشقا ئەزاسىغا شەۋھەتسىز قارىشىمۇ ئوخشاشلا دۇرۇس ئەمەس.» (شرح صحيح المسلم)

ئاللاھ تائالا ئەرلەرنىڭ نامەھرەم ئاياللارغا ۋە باشقا ھارام نەرسىلەرگە قاراشنى چەكلىگەن.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

﴿قُل لِّلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَزْكَىٰ لَهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ﴾

{مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى كۆزلىرىنى يىغسۇن، ئەۋرەتلىرىنى قوغدىسۇن. بۇ ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ پاكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.} — سۈرە نۇر، 30-ئايەت

بۇ ئايەتنىڭ «زادۇل مەسىير» تەپسىرى بويىچە قىلىنغان قىسقىچە، چۈشىنىشلىك تەپسىر تەرجىمىسى:

{مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى كۆزلىرىنى (ھارامدىن1) يىغسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (ھالال بولمىغان شەخسلەردىن، نەرسىلەردىن ياكى ئىشلاردىن2) قوغداپ مۇھاپىزەت قىلسۇن. بۇ (يەنى كۆزنى ھارامدىن يۇمۇش، ئەۋرەتلەرنى ھارامدىن مۇھاپىزەت قىلىپ قوغداش3) ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ پاكتۇر. (تېخىمۇ خەيرلىكتۇر ۋە پەزىلەتلىكتۇر.4) شەكسىزكى ئاللاھ، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدىن (يەنى كۆزلىرى ۋە ئەۋرەتلىرى ئارقىلىق قىلغانلىرىدىن5) خەۋەرداردۇر.} [1.2.3.4.5-زادۇل مەسىير تەپسىرى]

ئىمام بەغەۋى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:
ئاللاھنىڭ بۇ ئايەتتە كۆزىنى ھارامغا قاراشتىن توسۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى — ھارامغا قاراشنىڭ قەلبنىڭ بۇزۇلۇشىغا يول ئاچىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. بەزى سەلەپ ئالىملىرى «ھارامغا قاراش قەلبكە تېگىدىغان زەھەرلىك ئوقتۇر» دېگەن. بۇ ۋەجىدىن، ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئىپپەت-نومۇسنى قوغداشقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە، ئىپپەت-نومۇس چەك-چېگىراسىدىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكنىڭ سەۋەبلىرىدىن بولغان — كۆزلەرنى ھارامدىن ساقلاشقىمۇ بۇيرۇغان. (تفسير البغوي)

ئىمام مۇسلىم سەھىھۇل مۇسلىمدا مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان:

جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلبەجەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن (يات ئايالغا ياكى قارىشى ھارام بولغان ئىشلارغا، نەرسىلەرگە) توساتتىن قاراپ قېلىش توغرىسىدا سورىغان ئىدىم، رەسۇلۇللاھ (بۇنداق ئەھۋالدا) كۆزۈمنى باشقا تەرەپكە قارىتىۋېلىشىمنى بۇيرۇدى. hedisim.com (مۇسلىم 2159؛ ئەبۇ داۋۇد 2148؛ تىرمىزى 2776؛ ئەھمەد 6\358؛ ئىبنى ھىببان 5571)

بۇ ھەدىسنى مۇشۇ لەۋز بىلەن ئىمام ئەھمەد ھۇشەيمدىن، ئۇ يۇنۇس ئىبنى ئۇبەيدتىن رىۋايەت قىلغان. ئەبۇ داۋۇد، نەسائىي ۋە تىرمىزىمۇ بۇنى ھۇشەيمدىن نەقىل قىلغان. بۇ ھەدىسنى تىرمىزى «ھەسەن سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىس باشقا بەزى ھەدىس ئىماملىرىنىڭ رىۋايىتىدە «بېشىڭنى ئېگىپ ئالدىڭغا قارىۋال، دېدى» شەكلىدىمۇ كەلگەن بولۇپ، مەنىسى: (يات ئايالغا ئىختىيارسىز قاراپ قالساڭ) يەرگە قارىۋال، دېگەنلىكتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، (قەستەنسىز ھالدا قارىشى ھارام بولغانلارغا قاراپ قالغاندا) كۆزنى باشقا ياققا ئېلىپ قېچىش تېخىمۇ ئومۇمىي ئىپادە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، كۆزنى باشقا ياققا ئېلىپ قېچىش — يەرگە قارىۋېلىشنىمۇ، باشقا ياققا قارىۋېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشىسىنى بىلگىچىدۇر.

ئىمام ئەبۇ داۋۇد ھەدىس نەقىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئابدۇللاھ ئىبنى بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «ئى ئەلىي! (ھارامغا قەستەنسىز ھالدا) بىر قاراپ قېلىشنىڭ ئارقىسىدىن، يەنە بىر قېتىم قارىما. چۈنكى، بىرىنچىسى گۇناھ بولمىغان بىلەن، ئىككىنچىسى گۇناھتۇر» دېدى. hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 2149؛ تىرمىزى 2777؛ ئەھمەد 5\351؛ ھاكىم 2\194؛ ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىسنى «مۇسلىمنىڭ شەرتىگە بىنائەن سەھىھ» دېگەن)

سەھىھۇل بۇخارىدا ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «يول بويىدا ئولتۇرۇۋالماڭلار» دېۋىدى، ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ! يول بويىدا ئولتۇرۇپ قېلىش بىزلەر ئۈچۈن ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىشتۇر» دېدى. نەتىجىدە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «يول بويىدا ئولتۇرۇۋالماسلىقنى قوبۇل قىلمىدىڭلار، ئۇ ھالدا يولنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار» دېدى. ساھابىلەر «يولنىڭ ھەققى نېمە؟ ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «يولنىڭ ھەققى — كۆزنى (ھارامغا قاراشتىن) ساقلاش، يولدا ماڭغۇچىلارنى راھەتسىز قىلىدىغان نەرسىلەرنى يولدىن نېرى قىلىش، بېرىلگەن سالامغا جاۋاب قايتۇرۇش، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇشتۇر» دېدى. hedisim.com (بۇخارى 6229؛ ئەھمەد 3\36؛ ئىبنى ھىببان 595)

ئىمام ئەبۇل قاسىم بەغەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەبۇ ئۇمامە ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ماڭا ئالتە ئىشنى قىلماسلىققا كېپىل بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشىڭلارغا كېپىل بولاي: سىلەردىن ھەركىم سۆزلىگەندە يالغان سۆزلىمىسۇن؛ ئۇنىڭغا بىر نەرسە ئامانەت قىلىنسا، ئامانەتكە خىيانەت قىلمىسۇن؛ ۋەدە قىلسا، ۋەدىسىدە تۇرسۇن؛ كۆزۈڭلارنى ھارامدىن ساقلاڭلار، قوللىرىڭلارنى (ھارامدىن) ئۇزاق تۇتۇڭلار ۋە ئىپپىتىڭلارنى ساقلاڭلار.» hedisim.com (تەبرانى: ئەلكەبىر 8018؛ تەبرانى: ئەلئەۋسەت 2560؛ ھەيسەمى 10\301؛ سەنەدىدە فەددال ئىبنى زۇبەير بار؛ فەددال ئىبنى جۇبەير ئىكەنلىكىمۇ سۆزلەنگەن، زەئىپ راۋىي دېيىلگەن؛ لېكىن ھەدىسنىڭ شاھىدى بار.-ئابدۇرازاق مەھدى: تەپسىر ئىبنى كەسىر تەخرىجى)

ئىمام بۇخارى سەھىھۇل بۇخارىدا مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: ((من يكفل لي ما بين لحييه وما بين رجليه ، أكفل له الجنة)) «كىم ماڭا ئىككى پاچىقى ئارىسىدىكى بىلەن (يەنى ئەۋرىتى بىلەن) ئېڭىكى ئارىسىدىكىنى (يەنى تىلىنى ھارامدىن) ساقلاشقا كېپىل بولسا، مەن ئۇنىڭ جەننەتكە كېرىشىگە كېپىل بولىمەن.» hedisim.com (بۇخارى 6474؛ تىرمىزى 3408)

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎﴿مَنْ يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ﴾‏ «كىم رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.» (سۈرە نىسا، 80)

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: {وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ} «سىلەرگە رەسۇلۇللاھ نېمە ھۆكۈمنى بەرسە شۇنى تۇتۇڭلار. سىلەردىن نېمىنى چەكلىسە، ئۇنىڭدىن يېنىڭلار. (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىسىگە بويسۇنۇش ئارقىلىق) ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شەكسىزكى، (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلماسلىق يولىنى تۇتقۇچىلارغا) ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.» (سۈرە ھەشر، 7)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: {فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ} «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپ يول تۇتقۇچىلار (دۇنيادا) بىر بالا-قازاغا مۇپتىلا بولۇشتىن، ۋەياكى (ئاخىرەتتە) قاتتىق جازاغا ئۇچراشتىن قورقسۇن.» (سۈرە نۇر، 63)

ئىمام ئىبنى كەسىر {مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، كۆزلىرىنى يىغسۇن} ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:
كۆپلىگەن سەلەپ ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: ئۇلار (يەنى ئۆزى ئىلىم ئالغان ئۆزىدىن چوڭ سەلەپ ئىماملىرى) ئەر كىشىنىڭ يۈزىگە ساقال بۇرۇت چىقمىغان ئۆسمۈر بالىغا تىكىلىپ، دىققەت قىلىپ نەزەر سېلىشىنى چەكلەيتتى. بۇ جەھەتتە سوپىلارنىڭ باشلامچىلىرىدىن نۇرغۇنى ئىشنى ناھايىتى چىڭىتقان. بىر گۇرۇپپا ئەھلى ئىلىم يۈزىگە ساقال بۇرۇت چىقمىغان ئۆسمۈر بالىغا (بۇ شەكىلدە) قاراشنى ھارام دېگەن. چۈنكى، بۇ كىشىنىڭ پىتنىگە چۈشىشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. باشقا ئالىملارمۇ ئەر كىشىنىڭ يۈزىگە ساقال-بۇرت چىقمىغان ئوغۇل بالىغا تىكىلىپ قارىشىنى يامان كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن توسقان. (تفسير ابن كثير)
ئۆلىمالار ئەرلەرنىڭ يات ئايالغا قارىشى ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بۇرۇتى خەت تاتمىغان ياش ئوغۇل بالىغا تىكىلىپ قاراشىنىمۇ چەكلىگەن تۇرسا، ئەر كىشىنىڭ يات ئايالغا قارىشى قانداقمۇ دۇرۇس بولسۇن؟
يۇقىرىقى ئايەت ھەدىسلەرنىڭ ئۆزىلا ئەر كىشىنىڭ يات ئايالغا قارىشىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىدۇ.

نامەھرەم ئايالغا قاراش ھارام دېگەن ئالىملار ئىلگىرىكى سائادەت دەۋرىدە ياشىغان ئالىملار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. دىنىدىكى ھاراملار زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھاراملىق دائىرىسىدىن چىقىپ ھالال بولۇپ قالمايدۇ. ئەكسىچە، كۈنىمىزدىكى بەك كۆپ ئالىممۇ ئەر كىشىنىڭ يات ئايالغا قارىشىنى ئوخشاشلا ھارام دېگەن. زامانىمىزدا ھايات ياشاۋاتقان مەشھۇر ئالىم سالىھ ئەلفەۋزان «ئايال كىشىگە شەھۋەتسىز قاراش دۇرۇسمۇ؟» دەپ سورالغان سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
دۇرۇس ئەمەس. (ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە) {قُل لِّلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ} «مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، كۆزلىرىنى (نامەھرەم ئاياللارغا ۋە باشقا تۈردىكى ھاراملارغا قاراشتىن) ساقلىسۇن.» (سۈرە نۇر، 30-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) (بۇ سەۋەبلىك) نامەھرەم ئاياللارغا قاراش ھارام. 
(مصدر الفتوى: المنتقى من أخبار المصطفى لمجد الدين ابن تيمية رحمه الله/ السبت/٢١- جمادي الآخرة -١٤٤١هـ)
— مۇجتەھىد تورى تارقاتتى

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ