سۈرە نۇر، 31-ئايىتىنىڭ تەپسىرى | مۆمىنە ئاياللارغا ئېيتقىنكى زىننەتلىرىنى كۆرسەتمىسۇن

سۈرە نۇر، 31-ئايىتىنىڭ تەپسىرى

مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:

‎﴿وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا ۖ وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ ۖ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ أَوْ نِسَائِهِنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُولِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا عَلَىٰ عَوْرَاتِ النِّسَاءِ ۖ وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِن زِينَتِهِنَّ ۚ وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَ الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ﴾‏

{مۆمىنە ئاياللارغا ئېيتقىنكى، (قارىشى ھالال بولمايدىغان كىشىلەرگە ياكى نەرسىلەرگە قاراشتىن1)  كۆزلىرىنى يىغسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن ۋە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا قارىشىدىن2) مۇھاپىزەت قىلىپ قوغدىسۇن. (يوشۇرۇن3) زىننەتلىرىنى (نامەھرەملەرگە4) كۆرسەتمىسۇن، ئۆزلىكىدىن كۆرۈپۈنۈپ تۇرىدىغان زىننەتلىرى (يەنى تېشىغا كىيىدىغان كىيىم-كېچىكى بۇنىڭدىن5) مۇستەسنا. لېچەكلىرىنى ياقىسىدىن چۈشۈرۈپ ئارتسۇن. (ئىچكى6) زىننەتلىرىنى ئېرىدىن، دادىلىرىدىن، ئېرىنىڭ دادىلىرىدىن، ئوغۇللىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئاكا-ئۇكىلىرىدىن، ئاكا ئۇكىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئۆز ئاياللىرىدىن (مۇسۇلمان ئاياللاردىن ۋە مۇسۇلمان قۇللاردىن7)، ئايال دېدەكلىرىدىن (ئايال خىزمەتكارلىرىدىن)، ئاياللارغا ئارزۇسى قالمىغان (يەنى بەك قېرىپ كەتكەن) ئەرلەردىن ۋە ئاياللارنىڭ ئەۋرەت جايلىرىنى بىلمەيدىغان يېشى كىچىك ئوغۇل بالىلاردىن باشقىسىغا كۆرسەتمىسۇن. يوشۇرغان زىننەتلىرىنىڭ (يەنى پۇتىغا تاقىۋالىدىغان بىلەيزۈكلىرىنىڭ8) بىلنىشىشى ئۈچۈن (ۋە بۇ ئارقىلىق يات ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن9) پۇتلىرىنى (بىر-بىرىگە10) ئۇرمىسۇن. (ئىمان ئېيتىپ، سالىھ ئەمەلنى لازىم تۇتقان11) ئەي مۆمىنلەر! (قىيامەت كۈنى ماڭا ھېساپ بېرىش ئۈچۈن كەلگىنىڭلاردا قىلغان گۇناھلىرىڭلار سەۋەبلىك جازالىمىشىمدىن قۇتۇلۇپ12، جەننەتكە كىرىش ئارقىلىق13) نىجاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن، ھەممىڭلار (گۇناھلاردىن يېنىپ14) ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار.}

سۈرە نۇر، 31-ئايەت—

[1. تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى ئەبى ھاتىم؛ 2.7.11. ئىبنى ئەبى ھاتىم تەپسىرى 3. زادۇل مەسىير، يەھيا ئىبنى سالام تەپسىرى؛ 4. زادۇل مەسىير 5.6.8.14 يەھيا ئىبنى سالام تەپسىرى 6. قۇرتۇبى تەپسىرى 9. مۇقاتىل ئىبنى سۇلايمان تەپسىرى 10. زادۇل مەسىير 11. تەپسىرۇل مۇيەسسەر 13. ئىبنى ۋەھب تەپسىرى]

* يەھيا ئىبنى سالام (ۋاپاتى: ھ 200) سۇفيان سەۋرىنىڭ شاگىرتلىرىدىندۇر. ئىمام شافىي بىلەن زامانداش مۇھەددىس ۋە مۇپەسسىر ئالىم.

ئىمام ئىبنى ئەبى ھاتىم تەپسىرىدە مۇنداق كەلگەن:

«ئەۋرەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ قوغدىسۇن» ئايىتىنى، تابىئىن ئىمام ئەبۇ ئالىيە، ھەمدە ئىمام سۇفيان سەۋرى «ئەۋەتلىرىنى ھەر قانداق بىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارىشىدىن قوغدىسۇن» دەپ تەپسىرلىگەن. تابىئىن ئىمام سەئىد ئىبنى جۇبەير، شۇنداقلا ئىمام مۇقاتىل ئىبنى ھەييان «زىنادىن ساقلىسۇن» دەپ تەپسىرلىگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئۆزلىكىدىن كۆرىنىپ تۇرىدىغان زىننىتى»نى «بەدىنىنى ئوراپ تۇرىدىغان تاشقى كىيىمى» دېگەن؛ ھەسەن بەسرى، ئىبنى سىرىن قاتارلىق تابىئىن ئالمىلارمۇ «ئۆزلىكىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان زىنىتى»نى «كىيىمى» دېگەن. ئايىتىنى تابىئىن ئالىملارنىڭ ئەڭ كاتتلىرىدىن بولغان سەئىد ئىبنى جۇبەير رەھىمەھۇللاھ «لېچەكلىرىنى ياقىسىدىن چۈشۈرۈپ ئارتسۇن» ئايىتىنى «كۆكرىكىنىڭ ئۈستى قىسىمىنى كۆكرىكى بىلەن قوشۇپ، ئۇلاردىن ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدىغان ۋە بىلنەشمەيدىغان ھالەتتە لېچىكى بىلەن ياپسۇن» دەپ تەپسىرلىگەن. مۇقاتىل ئىبنى ھەييان رەھىمەھۇللاھ «وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ» ئايىتىدىكى «جيوب»نى «كۆكرەكلىرى» دەپ تەپسىرلىگەن. (يەنى، مەنىسى «لېچىكى بىلەن كۆرەكلىرىنى ئورىسۇن» دېگەنلىك بولىدۇ.) تابىئىن ئىمام سەئىد ئىبنى جۇبەير «وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ» «زىننەتلىرىنى كۆرسەتمىسۇن» ئايىتىنى «جىلبابىنى سېلىۋەتمىسۇن» دەپ تەپسىرلەپ، جىلباب — خمارنىڭ (لېچەكنىڭ) ئۈستىگە ئارتىلىدىغان پۈركەنجىدۇر، دېگەن. سەئىدىن ئىبنى جۇبەير «نِسَائِهِنَّ» «ئۆز ئاياللىرىدىن» ئايىتىنى «مۇسۇلمان ئاياللاردىن» دەپ تەپسىرلىگەن. مۇجاھىد «بۇ يەردە دېيىلگىنى مۇسۇلمان ئايالنىڭ مۇسۇلمان ئايالغا ئىچكى زىننىتى كۆرسىتىشىدۇر. مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشىگە رۇخسەت قىلىشنىڭ دائىرىسىگە كاپىر-مۇشرىك ئاياللار كىرمەيدۇ. مۇسۇلمان ئايال كاپىر ئاياللارغا بەدىنىنى كۆرسەتمەيدۇ» دېگەن. ئايەتتىكى «أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ» ئايىتىنى تابىئىن ئالىم سەئىد ئىبنى مۇسەييىب «ئايال دېدەك \ خىزمەتكارلىرى» دېگەن. سەئىد ئىبنى جۇبەير «مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئۆز ئېرىنىڭ ئەر قۇلى بار يەردە جىلبابىنى سېلىۋېتىشى ھالال ئەمەس» دېگەن. {أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُولِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ} ئايىتىنى ئىبنى ئابباس «ئەقلى ئاجىزلاپ كەتكەن، ئاياللارغا ھېچقانداق مەيلى بولمىغان  كىشى» دەپ تەپسىرلىگەن. قەتادە «ئاياللارغا ھاجىتى بولمىغان، ئەقلى جايىدا ئەمەس ئەخمەق كىشى» دېگەن. بۇسر ئىبنى سەئىد رەھىمەھۇللاھ «بەك قېرىپ كەتكەن بوۋاي» دەپ تەپسىرلىگەن. مۇجاھىد ۋە سەئىد جۇبەير {أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا عَلَىٰ عَوْرَاتِ النِّسَاءِ} «ئاياللارنىڭ ئەۋرەت جايلىرىنى بىلمەيدىغان يېشى كىچىك ئوغۇل بالىلار» ئايىتىنى «ئايال كىشىنىڭ ئەۋرەتلىرىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان، ئېھتىلام يېشىدىن ئىلگىرىكى كىچىك بالىلار» دەپ تەپسىرلىگەن. (ئىمام ئىبنى ئەبى ھاتىم تەپسىرىدىن ئالغان نەقىللەر ئاياقلاشتى.)

جىلباب قانداق كىيىم؟
ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ ئۆز تەپسىرىدە سۈرە ئەھزابنىڭ، 59-ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە  {يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ} {جىلبابلىرى بىلەن ئورانسۇن} ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان جىلبابقا ئېنىقلىما بېرىپ مۇنداق دېگەن: (وهي الملاءة التي تشتمل بها المرأة، أي يرخين بعضها على الوجوه إذا خرجن لحاجتهن إلا عينا واحدة)  جىلباب — ئايال كىشىنى پۈتۈنلەي ئوراپ تۇرىدىغان ئورىغۇچى كىيىمدۇر. يەنى، ئاياللار ھاجىتى سەۋەبلىك سىرتقا چىققاندا ئۇ ئورانچىسىنىڭ بىر قىسىمى بىلەن بىر كۆزىنى ئوچۇق قويغان ھالدا يۈزىنى ئورايدۇ. (تفسير الجلالين 560)
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: جىلباب — ئاياللار بېشىدىن باشلاپ، كىيىمىنىڭ ئۈستىگە كىيىدىغان، ئاياللارنىڭ بېشىنى، يۈزىنى ۋە بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى ئوراپ تۇرىدىغان كىيىمدۇر. خىمار بولسا، پەقەت باشنىلا يېپىپ تۇرىدىغان (لېچەك تۈرىدىكى) كىيىمدۇر.  يۇقىرىقى ئايەتتە بۇيرۇلغىنىدەك، ئاياللار كىيىمىنىڭ ئۈستىگە جىلباب كىيىپ، ئۇنىڭ بىلەن بېشىنى، يۈزىنى ۋە بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى ياپىدۇ. (ئەللامە ئىبنى باز پەتىۋالىرى، 5-جىلد، 46-بەت) 

تابىئىننىڭ يەتتە مەشھۇر فەقىھ ئالىمىدىن بىرى بولغان ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئابدۇراھمان (ۋاپاتى: ھ. 94) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «(ھۆر) ئايال كىشىنىڭ بارچە ئەزاسى (نامەھرەم ئەرلەرگە نىسبەتەن) ئەۋرەتتۇر. ھەتتا، تىرنىقىمۇ شۇنداق.» (ابن عبد البر:  التمهيد 4\327 التهذيب في اختصار المدوّنة ٢/ ١٠٧)

ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
﴿يأيها النَّبِيّ قُلْ لِأَزْوَاجِك وَبَنَاتك وَنِسَاء الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ ذَلِكَ أَدْنَى أَنْ يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ وَكَانَ اللَّه غَفُورًارَحِيمًا﴾

{ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، (چۆرىلەرنىڭ ئەكسىچە) جىلبابلىرى بىلەن ئورانسۇن. بۇ  (يەنى جىلباب بىلەن ئورىنىشى) ئۇلارنىڭ (ھۆر ئاياللار سۈپىتىدە) تونۇلۇشى ۋە ئەزىيەتكە ئۇچرىماسلىقى جەھەتتىن ئەڭ ئۇيغۇندۇر. (چۈنكى، چۆرىلەر جىلباب بىلەن يۈزلىرىنى ياپمايتتى، شۇ ۋەجىدىن مۇناپىقلار ئۇلارغا چېقىلاتتى.) ئاللاھ (ھۆر ئاياللارنىڭ ئىلگىرىكى چاغلاردىكى تولۇق ئورانماي يۈرۈشىنى) بەك مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا جىلبابنى ئەمىر قىلىپ مۇناپىقلارنىڭ ۋە قەلبى كېسەل كىشىلەرنىڭ ئازار بېرىشىدىن ساقلاش ئارقىلىق) بەك رەھىم قىلغۇچىدۇر.} (سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەت) (جالالەين تەپسىرىگە بىنائەن تەرجىمە قىلىندى)

ئىمام بەغەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: يۇقىرىقى ھايەت «ھىجاب ئايىتى» دەپ ئاتىلىدىغان مەشھۇر ئايەت بولۇپ، ئايەتتە «جلابيب» كەلىمىسى تىلغان ئېلىنغان بولۇپ، بۇ «جىلباب» كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. (تەپسىر بەغەۋى)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەت ئارقىلىق مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنى ھاجىتى ئۈچۈن ئۆيلىرىدىن چىققاندا جىلباپلىرى بىلەن بېشىنىڭ ئۈستى بىلەن قوشۇپ يۈزلىرىنى يېپىشقا بۇيرۇدى، ئايال كىشى بۇ شەكىلدە يۈزىنى يېپىپ (يولنى كۆرەلىشى ئۈچۈن) بىر كۆزىنى ئوچۇق قويىدۇ. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/‏٣١٥٤)

چوڭ تابىئىنلاردىن سەئىد ئىبنى جۇبەير رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: {يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ} {جىلبابلىرى بىلەن ئورانسۇن} ئايىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: يەنى ئاياللار جىلبابلىرى بىلەن پۈركەنسۇن. جىلباب — لېچەكنىڭ ئۈستىگە ئارتىلىدىغان چۈمبەلدۇر. مۇسۇلمان ئايالنىڭ لېچەكلىرىنى ئۈستىگە چۈمبەل ئارتىپ ئۈستى بېشىنى، يۈز-كۆزىنى ۋە كۆكرەكلىرىنى (بىلنەشمەيدىغان شەكىلدە) يېپىپ ئۆرتۈنمەي تۇرۇپ يات ئەرگە كۆرۈنۈشى ھالال ئەمەس. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/‏٣١٥٥)

تابىئىنلارنىڭ ئەڭ چوڭ تەپسىرشۇناس ئالىمى سۇددى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەدىنىنىڭ پاسىقلىرى (بۇلار مۇناپىقلاردۇر) قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن ئاياللارنى كۆزلەپ مەدىنىنىڭ كوچىلىرىغا چىقاتتى. مەدىنىلىكلەرنىڭ ئۆيلىرى تار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاياللىرى كەچ بولغاندا (جاڭگاللارغا بېرىپ) ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن سىرتقا ئۆيىدىن كوچىغا چىقاتتى. پاسىقلارنىڭ كۈتكۈنى دەل مۇشۇ ئىدى. ئەگەر پاسىقلار كوچىغا چىققان ئايالنىڭ جىلباب بىلەن چۈمكەلگەن ئاياللىقىنى بايقىسا «بۇ ھۆر ئايالكەن» دېيىشىپ، بۇنداق ئايالدىن قولىنى تارتاتتى. ئەگەر جىلباب كىيمەستىن چىققان ئايالنى كۆرسە «بۇ دېدەك ئىكەن» دېيىشىپ، ئۇنىڭغا ئېتىلاتتى. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/‏٣١٥٥) يەنە باشقا بايانلاردا، دېدەك ئاياللارغا چاقچاق قىلىپ، ھاجىتىنى قاندۇرۇپ قويسا پۇل بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇناتتى، دېيىلگەن.

(مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى، ئىشەنچىلىك ھەدىس راۋىيسى، سەلەپ مۇھەددىسلىرىنىڭ ئۇستازلىرىدىن) يۇنۇس ئىبنى يەزىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىز زۇھرىيدىن توي قىلغان ياكى توي قىلمىغان دېدەك ئايال لېچەك كىيەمدۇ؟ دەپ سورىساق، زۇھرىي مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۇ توي قىلغان دېدەك بولسا، لېچەك كىيىدۇ، لېكىن جىلباب كەيمەيدۇ، چۈنكى دېدەك ئايالنىڭ جىلباپ كىيىپ ھۆر ئاياللارغا ئوخشىۋېلىشى چەكلىنىدۇ. زۇھرىي مۇشۇنداق دەپ بولۇپ مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى ﴿يأيها النَّبِيّ قُلْ لِأَزْوَاجِك وَبَنَاتك وَنِسَاء الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ ذَلِكَ أَدْنَى أَنْ يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ وَكَانَ اللَّه غَفُورًارَحِيمًا﴾. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/‏٣١٥٤) * يۇنۇس ئىبنى يەزىد ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئىمام ئەۋزائى قاتارلىق سەلەپ ئىماملىرىنىڭ ئۇستازلىرىدىن ئىدى.

ئىمام سۇيۇتى (ۋاپاتى: ھ 864) رەھىمەھۇللاھ ئۆز تەپسىرىدە  {وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا} {(ئايال كىشى) زىننىتىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغىنىدىن باشقىسىنى ئاشكارىلىمىسۇن} ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەقتىكى ئىككىنچى ھۆكۈم بويىچە، ئەركىشى پىتنىدىن قورقسۇن قورقمىسۇن،  يات ئايالغا قارىشى ھارام. چۈنكى، ئەر كىشىنىڭ يات ئايالغا قارىشى پىتنىگە چۈشۈرۈش ئېھتىمالى مەۋجۇتتۇر. پىتنىگە پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن، بۇ تاللىنىدىغان توغرا ھۆكۈمدۇر. (تفسير الجلالين 462)

مۇپەسسىر، فەقىھ ئابدۇرراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ ئايەتتىكى {يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبِهِنَّ} {جىلبابلىرى بىلەن ئۈستى-بېشىنى ئورىسۇن} ئايىتىنى {جىلبابلىرى بىلەن يۈزلىرىنى ۋە كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن} دەپ تەپسىر قىلغان. (تەپسىر سەئدى، 33-سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەتنىڭ تەپسىرى)

* پىتنە — ئۇ يات ئايالغا قاراش سەۋەبلىك ئۇنىڭ يا يۈزىدىن، يا قولىدىن ياكى باشقا ھەر قانداق بىرىدىن لەززەت ھېس قىلسا، ياكى شەھۋىتى ئويغانسا، ياكى ئۇ ئايالغا دىلى مايىل بولسا، ئۇ ئايال بىلەن ئۇچرىشىش، پاراڭلىشىش ئۈمىدىدە بولسا؛ ھەتتا ئۇ ئايالنى تۇتۇشنى، سۆيۈشنى ياكى زىنا قىلىشنى خىيالىدىن ئۆتكۈزسە، ۋەياكى مۇشۇنىڭغا پۇرسەت ئىزدەشكە چۈشسە؛ ياكى قارىغاندىن كېيىنكى چاغلاردا ئۇ ئايال خىيالىغا كىرىۋېلىپ قەلبىنى مەشغۇل قىلسا … مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى پىتنىدۇر. يات ئايالغا ئۆزى خالاپ تۇرۇپ قەستەن قارىغان قايسى بىر ئەر بۇ پىتنىلەرنىڭ ھېچقايسى بىرىگە چۈشۈپ قالمايمەن دەپ ھۆددە قىلالايدۇ؟ بۇ ۋەجىدىن ئەر كىشى يات ئايالغا قاراشتىن تامامەن ئۆزىنى تارتىش بىلەن بىرگە، ئايال كىشىمۇ يات ئەرنىڭ ئۆزىنى كۆرمەسلىكى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارچە يوللۇق سەۋەپلەرگە مۇراجىئەت قىلىشى پەرزدۇر. بۇ سەۋەپلەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى، ئايال كىشىنىڭ چوققىسىنىڭ ئۇچىدىن تىرنىقىغا قەدەر بەدىنىنىڭ ھېچ يېرىنى نامەھرەم كۆرەلمەيدىغان شەكىلدە كامىل ھىجاپلىنىشىدۇر؛ يەنە بىرى ئۆز ئۆيىنى لازىم تۇتۇشى، جىددىي زۆرۈرىيەتسىز ھالدا سىرتلاردا يۈرۈشتىن ساقلىشىنىدۇر. ھەر ئىككىسىنى ئاللاھ قۇرئاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سۈننىتىدە بۇيرۇغان.

(ئىمام مالىكنىڭ شاگىرتلىرىدىن) ئىمام ئىبنى ۋەھب رەھىمەھۇللاھ (ئىمام زەھەبى بۇ زاتنى شەيخۇل ئىسلام دەپ سۈپەتلىگەن) مۇنداق نەقىل قىلغان: ئىبنى سىيرىن مۇنداق دېگەن: مەن ئۇبەيدە ئىبنى سەلمانىيدىن «وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ» ئايىتى توغرۇلۇق سورىۋىدىم، ئۇبەيدە (جاۋابەن) كىيىمى بىلەن يۈزىنى ئوراپ، بىر كۆزىنى ئوچۇق قويدى. (يەنى بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى مۇشۇنداق يېپىشىدۇر، دېمەكچى). ( تفسير القرآن من الجامع لابن وهب 2\40) ئۇبەيدە ئىبنى سالمان — كۇفىلىك تابىئىن بولۇپ، بۈيۈك ساھابە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتىدۇر، زامانىسىنىڭ تەپسىر، ھەدىس ۋە پەتىۋا پېشىۋالىرىدىن.

كۇفىلىك تابىئىنلاردىن ئەبۇ ئىسھاق سەبىيئىي (ۋاپاتى ھ.127) مۇنداق دېگەن: ساھابە ئىبنى مەسئۇد (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) «إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا» «يەنى زىننەتلىرى ئىچىدىن پەقەت ئاشكارا كۆرىنىپ تۇرىدىغان زىننىتىدىن باشقىسىنى (كۆرسەتمىسۇن)» ئايىتىدىكى ئاشكارالاشقا رۇخسەت قىلىنغان زىننەتنى «ئۇ ئايال كىشىنىڭ كىيىم-كېچىكىدۇر» دېگەن. چوڭ تابىئىن ئەبۇ ئىسھاق سەبىيئىي مۇشۇنى نەقىل قىلىپ بولۇپ، ئاللاھنىڭ {خُذُوا زِينَتَكُمْ عِنْدَ كُلِّ مَسْجِدٍ} {يەنى ھەر ناماز ئۈچۈن مەسجىدكە ماڭغاندا زىننىتىڭلارنى كىيىڭلار} دېگىنىنى بىلمەمسەن؟ دېگەن. (تفسير عبد الرزاق 2\433) بۇ ئايەتتىكى زىننەت كىيىمنى كۆرسەتكىنىدەك، سۈرە نۇرنىڭ 31-ئايىتىدىكى {وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا} {ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان زىننەتلىرىدىن باشقىسىنى ئاشكارىلىمىسۇن} ئايىتىدىكى {ئاشكارا زىننەت}مۇ دەل شۇ كىيىمنى كۆرسىتىدۇ، دېمەكچى. بۇ تابىئىن ئالىم ئايەتنى ئايەت بىلەن نەقەدەر گۈزەل تەپسىرلىگەن-ھە!

ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ على جيوبهن﴾ {لېچەكلىرىنى ياقىسىدىن چۈشۈرۈپ ئارتسۇن}  يەنى، لېچىكى بىلەن بېشىنى، بوينىنى ۋە كۆرىكىنى ياپسۇن. (تفسير الجلالين)

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: {وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ} «زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن» دېگەن بۇ ئايەتتىكى زىننەتلەر بىلەيزۈك، خالخال، زىرە، زەنجىر قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئاشكارا زىننىتى بولسا، كىيىم-كېچىكى، جىلبابىدۇر. (سنن سعيد بن منصور – تكملة التفسير 2\417) ئىمام ئەبۇ ئۇبەيد قاسىم ئىبنى سەللام (ۋاپاتى: ھ 224) مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى ئۆز زىننىتىدىن پەقەت كىيىم-كېچىدىن (يەنى سىرتىغا كىيىدىغان، پۈتۈن بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدىغان جىلبابىدىن) باشقا نەرسىنى ئاشكارىلمايدۇ.» (غريب الحديث 4\ 318)

بۈيۈك ئالىم، ئىمام ئىبنى قۇتەيبە (ۋاپاتى: ھ 272) {وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ} «زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن» دېگەن بۇ ئايەتتىكى زىننەتلەر بىلەيزۈك، زەنجىر قاتارلىقلاردۇر، دېگەن. (غريب القرآن لابن قتيبة 303)

ئىمام ئىبنۇل جەۋزى «زادۇل مەسىير»دە بۇ ئايەتنى مۇنداق تەپسىرلىگەن:

(ولا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ) «زىننەتلىرىنى كۆرسەتمىسۇن» — يەنى نامەھرەملەرگە ئاچمىسۇن.

ئاياللارنىڭ زىننىتى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى ئاشكارا زىننەت، يەنە بىرى يوشۇرۇن زىننەتتۇر. يوشۇرۇن زىننەت: بىلەيزۈك، زەنجىر، بۇلاپكا، ھالقا قاتارلىلاردۇر.

ئايەتتىكى «ئاشكارا زىننەت» ھەققىدە يەتتە خىل سۆز مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچىسى «ئاشكارا زىننەت ئايال كىشىنىڭ تېشىغا كىيىدىغان كىيىمىدۇر.» ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئاشكارا زىننەت»نى ئايال كىشىنىڭ تېىشىغا كىيىدىغان كىيىمى، دېگەن. قازى ئەبۇ يەئلا ئاشكارا زىننەتنىڭ ئايال كىشىنىڭ سىرتىغا كيىدىغان كىيىمى ئىكەنلىكىنى ئەڭ كۈچلۈك قاراش دېگەن. ئىمام ئەھمەدمۇ بۇنى ئوچۇق بايان قىلغان بولۇپ، ئىمام ئەھمەد «ئاشكار زىننەت — كىيىمدۇر. (يات ئەرگە نىسبەتەن) ئايال كىشىنىڭ ھەممە يېرى، ھەتتا تىرنىقىمۇ ئەۋرەتتۇر» دېگەن. بۇ يات ئايالغا شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان بىرەر شەرئىي ئۆزۈرىسىز ھالەتتە قاراشنىڭ ھاراملىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەر كىشى بىر ئايالغا ئۆيلىنىش ياكى (قازى ئالدىدا) ئۇنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىش دېگەندەك ئۆزرىلەر بولسا، مۇشۇ ئىككى ئەھۋالدا (تونۇش ئۈچۈن) ئايال كىشىنىڭ يۈزىگە قارىشى دۇرۇس بولىدۇ. لېكىن، بۇ خىل شەرئىي ئۆزرىسىز، ئايال كىشىگە قاراش مەيلى شەھۋەت بىلەن قارىسۇن، مەيلى شەھۋەتسىز ھالەتتە قارىسۇن دۇرۇس ئەمەس. ئەر كىشى يات ئايال كىشىنىڭ يۈزىگە، قولىغا ۋەياكى بەدىنىنىڭ باشقا قىسىمىغا مەيلى شەھۋەتسىز، مەيلى شەھۋەتلىك ھالدا قارىشى دۇرۇس ئەمەس.

«ولْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ» «لېچەكلىرىنى ياقىسىدىن چۈشۈرۈپ ئارتسۇن» — «خُمُرِ» — «خِمار» نىڭ كۆپلۈكىدۇر. خىمار — ئايال كىشىنىڭ بېشىغا كىيىدىغان لېچەكتۇر. ئايەتنىڭ مەنىسى: لېچىكىنى بېشىغا ئارتىپ ئۇنىڭ بىلەن چاچلىرىنى، ھالقىلىرىنى ۋە بوينىنى ياپسۇن، دېگەنلىكتۇر. «وَلا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ» «زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن» يەنى يوشۇرۇن زىننەتلىرىنى يات ئەرلەرگە كۆرسەتمىسۇن، دېگەنلىكتۇر. «إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ» «پەقەتلا ئەرلىرىگە»؛ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئايال كىشى جىلبابى بىلەن لېچىكىنى پەقەت ئەرلىرىنىڭ ئالدىدىلا سېلىۋەتسە بولىدۇ، دېگەن.

(بَعْل — ئايال كىشىنىڭ ئېرى، دېگەن مەنىدە؛ كۆپلۈكى «بعولة\ بعول\ بعال» دۇر.-ت)

«او نِسَائِهِنَّ» «ئاياللاردىن» — يەنى مۇسۇلمان ئاياللانى كۆرسىتىدۇ. ئايال كىشىنىڭ پەقەت ئايال دېدەك \ خىزمەتكارىغىلا يۈز كۆزىنى كۆرسىتىش دۇرۇس، ئەر قۇل \ ئەر خىزمەتكارىغا كۆرسىتىشى دۇرۇس ئەمەس.

ئىمام قۇرتۇبىنىڭ بۇ ئايەتكە قىلغان تەپسىرى:

ئايەتتە ئەۋرەتلەرنىڭ قوغدىلىپ مۇھاپىزەت قىلىنىشىدىن ئاۋۋال كۆزنىڭ ھارامدىن ساقلاشقا ئەمر قىلىنىشى — قاراشنىڭ قەلب ئەلچىسى ئىكەنلىكىدىندۇر.

مۇجاھىد مۇنداق دېگەن: ئايال كىشى چىقىپ كەلسە شەيتان ئۇنىڭ بېشىدا ئولتۇرىدۇ ۋە قارىغان كىشىلەرگە ئۇ ئايالنى جەلىپكار كۆرسىتىدۇ. ئايال كىشى ئۆتۈپ كەتسە، بۇ قېتىم شەيتان ئايال كىشىنىڭ كاسىسى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، قارىغۇچىلارغا ئۇنى زىننەتلىك كۆرسىتىدۇ.

خالىد ئىبنى ئەبى ئىمران رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھارامغا قاراشنى داۋام قىلما. چۈنكى، بەندە بەزىدە ھارامغا بىر قېتىم قاراپ قېلىشى سەۋەبلىك  قەلب بەئەينى تاماقنىڭ بوزۇلۇپ، يېگىلى بولمىغۇدەك ھالغا كەلگىنىگە ئوخشاش بۇزۇلىدۇ.

مانا مۇشۇ سەۋەبلىك ئاللاھ تائالا مۆمىن ئەرلەرگە ۋە مۆمىنە ئاياللارغا قارىشى ھالال بولمىغانلارغا قاراشتىن كۆزىنى يىغىشقا بۇيرۇدى. ئەر كىشىنىڭ يات ئايالغا قارىشى ھالال ئەمەس، ئايال كىشىنىڭ يات ئەر كىشىگە قارىشىمۇ ھالال ئەمەس. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ يات ئەرگە بولغان مەيلى، ئەر كىشىنىڭ يات ئايال كىشىگە بولغان مەيلىگە ئوخشاش. ئەر كىشى يات ئايالغا نېمە مەقسەدتە قارىسا، يات ئايال كىشىمۇ ئەر كىشىگە شۇ مەقسەدتە قارايدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئادەم بالىسىنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى پۈتۈۋېتىلگەن. ئۇ بۇنى مۇتلەق ئورۇندايدۇ. كۆزنىڭ زىناسى قاراش…» (بۇخارى 5774؛ مۇسلىم 4802؛ رىيازۇس سالىھىن 1623)

ئىمام زۇھرى ھەيز كۆرۈش يېشىغا يەتمىگەن كىچىك قىزلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: كىچىك بولغان تەقدىردىمۇ، نەپسىڭ قاراشقا مەيلەتكۈزگەن كىشىلەرنىڭ ھەر قانداق يېرىگە قارىشىڭ دۇرۇس ئەمەس.

ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم نەقىل قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم  ئۆزىگە خەئسەملىك ئايال سوئال سوراشقا كەلگەندە، ئۇ ئايالغا قارىغان فەزل ئىبنى ئابباسنىڭ يۈزىنى باشقا تەرەپكە قارىتىپ قويغان. (بۇخارى-ئىستىھزان 12، قەدەر 9؛ مۇسلىم-قەدەر 20،21؛ ئەبۇ داۋۇد، ئەھمەد)

ئايال كىشىنىڭ يات ئەر كىشىگە كۆرسىتىشى دۇرۇس بولمايدىغان زىننىتى:

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد: زىننەتنىڭ كۆرۈنگەن قىسىمى ئايال كىشىنىڭ تېشىغا كىيىدىغان كىيىمىدۇر، دېگەن.

ئىبنى ئەتىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئايەتنىڭ لەۋزىنىڭ ھۆكمىگە بىنائەن مېنىڭ توغرا كۆرگىنىم شۇكى: ئايال كىشى زىننىتىنى كۆرسەتمەسلىككە بۇيرۇلدى. زىننىتى ھېسابلىنىدىغان ھەر قانداق يېرىنى ياكى نەرسىسىنى يوشۇرۇشقا غەيرەت قىلىشى لازىم. «كۆرۈنگەن قىسىم» ئايال كىشىنىڭ (مېڭىش) قاتارلىق ساقلانغىلى بولمايدىغان ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك، ياكى ئۈستى بېشىنى تۈزۈتىشى قاتارلىق ئەھۋاللاردىكى زۆرۈرىي ھاللىرى بولۇپ، بۇنىڭ كۆرۈنۈشى مۇستەسنا قىلىنغان. بۇنىڭغا بىنائەن، «كۆرۈنگەن قىسىم» ئاياللار ئۈچۈن زۆرۈرىيەت سەۋەبلىك ساقلانغىلى بولمايدىغان (تېشىغا كىيىدىغان كىيىم كېچىكى قاتارلىق) يەرلەردۇر.

بىزنىڭ (مالىكىي مەزھىپىمىزگە مەنسۇپ) ئەھلى ئىلىملەردىن ئىبنى خۇۋەيزىمەنداد مۇنداق دېگەن: ئايال كىشى گۈزەل ئايال بولۇپ، يۈزى ۋە قوللىرى سەۋەبلىك پىتنىدىن ئەنسىرىسە، بۇنداق ئايالنىڭ قولى ۋە يۈزىنى يېپىشى كېرەك بولىدۇ. ئەگەر قېرىپ كەتكەن ياكى چىرايى سەت دەپ قارىلىدىغان ئايال بولسا، ئۇ ھالدا يۈزى ۋە قوللىرىنى ئېچىشى دۇرۇس بولىدۇ.

زىننەتنىڭ قىسىملىرى

زىننەت ئىككى قىسىم بولۇپ، بىرىنچىسى — يارىتىلىش زىننىتىدۇر، بۇ ئايال كىشىنىڭ يۈزىدۇر. ئىككىنچىسى — قولغا كەلتۈرۈلگەن زىننەت بولۇپ، ئايال كىشىنىڭ (ئېرىگە) ئۆزىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان زىننەتتۇر. بۇلار كىيىم-كېچەك، زىنەت ئەشيالىرى، (كۆزىگە سۈرۈلگەن) سۈرمە، (پۇتىغا ياكى قولىغا قويغان) خىنە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتىمۇ (سۈرە ئەئراف 31-ئايەت) مۇشۇ زىننەت جۈملىسىدىندۇر.]

مۆمىن ئايالنىڭ مۇشرىك ئايالنىڭ ئالدىدا بەدىنىنىڭ ھەر قانداق يېرىنى ئېچىشى ھالال ئەمەس. دېدىكى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. (قۇرتۇبى) (قۇرتۇبى 12\365-بەتلەر مۇھىم)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: يەھۇدى ياكى خىرسىتىيان ئايالنىڭ مۇسۇلمان ئايالنى كۆرۈشى — ئۇ مۇسۇلمان ئايالنى يولدىشىغا سۈپەتلەپ بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن — ھالال ئەمەس.

بۇ مەسىلىدە، فۇقاھا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلاردا بولغان. ئەگەر، كاپىر ئايال مۇسۇلمان ئايالنىڭ دېدىكى بولسا، ئۇ ھالدا بۇ كاپىر قۇلنىڭ مۇسۇلمان ئايال خوجايىنىغا قارىشى دۇرۇس بولىدۇ. ئەكسىچە بولسا دۇرۇس بولمايدۇ.

ئوغۇل بالا بالاغەت يېشىغا يېقىنلاشقان بولسا، ئايال كىشىنىڭ بۇنداق بالىغا نىسبەتەن يۈز ۋە قولىنىڭ سىرتىدىكى بەدەن ئەزالىرىنى ئورۇنىشى بالاغەتكە يەتكەن بالىنىڭ ئالدىدا ئورۇنۇشقا ئوخشاش پەرزدۇر.

ئىمام ئىبنۇل ئەرەبى مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا ئەر كىشىنىڭ يات ئايالغا قارىشىنى ۋە ئۇنىڭدىن (مەيلى قاراش، مەيلى ئاڭلاش، مەيلى سۆزلىشىش ئارقىلىق) لەززەت ئېلىشنى مۇتلەق رەۋىشتە ھارام قىلغان.

تەۋبىنىڭ پەرز ئەين ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىسلام ئۈممىتى ئالىملىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق.

(قۇرتۇبىدىن بۇ ئايەت ھەققىدە نەقىل قىلىنغان تەپسىر مۇشۇ يەردە تۈگىدى؛ تەپسىر قۇرتۇبى 12-جىلد، 370-بەتلەر)

ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىردە مۇنداق دېگەن:

بىر ئىش مۇباھ بولغان تەقدىردىمۇ، ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان بولسا، ياكى ئۇ ئىشنىڭ ھارامغا ئېلىپ بېرىش خەۋپى\ مۇمكىنچىلىكى بولسا، بۇنداق ئىش چەكلىنىدۇ. پۇتنى يەرگە ئۇرۇش ئەسلىدە مۇباھتۇر. لېكىن، پۇتنى يەرگە ئۇرۇش ئايال كىشىنىڭ زىننىتىنىڭ بىلىنىشىگە ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتە بولغانلىقى ئۈچۈن (ئاياللارنىڭ يات ئەرلەر مەۋجۇت جايلاردا بۇنداق قىلىشى) چەكلەنگەندۇر. وأن الأمر إذا كان مباحا، ولكنه يفضي إلى محرم، أو يخاف من وقوعه، فإنه يمنع منه، فالضرب بالرجل في الأرض، الأصل أنه مباح، ولكن لما كان وسيلة لعلم الزينة، منع منه.

مۇناسىۋەتلىك ماقالە پەتىۋالار:
قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىن يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىگە دەلىللەر

جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدىغان ئاياللار قايسى؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن

كۇفۇر دىيارىدا ياشايدىغان ئايالنىڭ يۈز يېپىشىنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى

تۆت مەزھەپ ئاياللارنىڭ پىتنە دەۋرىدە يۈز يېپىشىنى پەرز دەمدۇ؟ | مۇھەددىس ئابدۇلئەزىز تەرىفى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ