ئاياللار ئۈچۈن سەپلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەپلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدۇر

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((خيرُ صفوفِ الرجالِ أولُها، وشرُّها أخرُها، وخيرُ صفوفِ النساءِ آخرُها، وشرُّها أولُها)) «سەپلەرنىڭ ئەرلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى — ئەڭ باشتىكى سەپتۇر، ئەڭ ناچىرى ئەڭ ئاخىرىدىكى سەپتۇر. سەپلەرنىڭ ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ئەڭ ئاخرىدىكى سەپتۇر، ئەڭ ناچىرى ئەڭ باشتىكى سەپتۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 781؛ ئەلبانى: بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە بىنائەن سەھىھ دېگەن؛ مۇسلىم، نەسائىي، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ئەھمەد، بەيھەقى؛ ئىمام مالىك بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھازىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان) ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

* بۇ ھەدىستىن چىقىدىغان فىقھىي ھۆكۈملەردىن بىرى: ئاياللار ئىبادەت ئىشلىرىدىمۇ ئەرلەردىن قانچە ئۇزاق تۇرسا، ئۇلار ئۈچۈن ئەجرى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. دۇنياۋىي ئىشلاردىمۇ يات ئەرلەردىن ئەڭ ئۇزاق مۆمىنە ئايالنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى دەرىجىسى شۇنچە ئۈستۈن بولىدۇ. سىرتقا چىققاندا يۈزىنى، قوللىرىنى يۆگەپ، بېشىنىڭ چوققىسىدىن تىرنىقىنىڭ ئۇچىغىچە كامىل يېپىپ، ئۆزىنىڭ قېرى ياكى ياشلىقىنى باشقىلار بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە مۇكەممەل ئورىنىدىغان، جىددىي زۆرۈرىيەت بولمىسا ئۆيىدە ئىلىم ۋە ئىبادەت بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكۈزىدىغان مۆمىنە ئاياللارغا جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بولسۇن.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ