قان چىقسا تاھارەت بۇزۇلامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز

قان چىقسا تاھارەت بۇزۇلامدۇ؟

مۇھەددىس، فەقىھ ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

قان چىقسا تاھارەت سۇنۇدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئوچۇق دەلىل بىلمەيمەن. پەقەتلا ئىستىھازە بولغان ئايالدىن كەلگەن قان بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، ئىستىھازە بولغان ئايالنىڭ يەرلىك ئورنىدىن كەلگەن قان تاھارەتنى بۇزىدۇ. قان ئالدى-ئارقا تەرەت ئورۇنلىرىدىن چىقسا (ياكى بۇ ئىككى ئورۇندىن ھەر قانداق نەرسە چىقسا) تاھارەت بۇزۇلىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭدىن باشقا يەردىن جىق قان چىققان بولسا، ئۇ ھالدا ئېھتىيات يۈزىسىدىن، بۇ جەھەتتىكى ئىختىلاپتىن چىقىپ كېتىش يۈزىسىدىن تاھارەت ئېلىنىدۇ. چىققان قان جىق بولمىسا، (تاھارەتنى بۇزمايدۇ) تاھارەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ. — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە ئۈچۈن چېكىڭ:

https://binbaz.org.sa/fatwas/23173/هل-خروج-الدم-ينقض-الوضوء

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ