خاۋارىجلار، مۇرجىيلار ۋە قەلبىدە ئەگرىلىك بارلار | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان

خاۋارىجلار، مۇرجىيلار ۋە قەلبىدە ئەگرىلىك بارلار

ئاپتورى: ئەللامە سالىھ فەۋزان

ئەرەپچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: قۇدرەت بارات
(2025-يىلى، ئاپرېل)

* تېما ۋە قوشۇمچە ماۋزۇ تەرجىمە قىلغۇچى تەرىپىدىن قويۇلدى

ئەللامە سالىھ فەۋزان مۇنداق دەيدۇ:

(قۇرئاننى ۋە سۈننەتنى ئېتىراپ قىلىمىز دەپ داۋا قىلىدىغان) مۇسۇلمانلار چوڭ جەھەتتىن ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلار ئىككى قۇتۇپتىكىلەر ۋە ئوتتۇرىدىكىلەردۇر.

ئىككى قۇتۇپتىكىلەرنىڭ بىرى خاۋارىجلار، يەنە بىرى مۇرجىيلار، ئوتتۇرىدىكىلەر بولسا — ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتتۇر.

[[خاۋارىجلار كىم؟]]

خاۋارىجلار — مۇسۇلمانلارنى كاپىرغا چىقىرشتا ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر. ئۇلار كىشىلەرنى ھەقىقىتىنى بىلمەي تۇرۇپلا كاپىر دەۋېرىدۇ. خاۋارىجلارنىڭ پىرىنسىپى بۇدۇر. خاۋارىجلار رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە بىخ سۈرۈپ، راشىد خەلىپىلەر دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان. خاۋارىجلار ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش پىكىر، ئوخشاش يولدا بولمىغان ھەر قانداق مۇسۇلماننى كاپىر دەيدۇ، ئۇلارنىڭ قېنىنى (يەنى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى) ھالال دەپ بىلىدۇ.

خاۋارىجلارنىڭ ئىككى پىرىنسىپى بار. (1) مۇسۇلمانلار (ئارىسىدىن ئۆزىگە ئوخشاش پىكىر، چۈشەنچىدە ۋە ئۆزى بىلەن بىر يولدا بولمىغانلار)نى كاپىر دېيىش. (2) مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلارغا دۈشمەنلىك قىلىش مەيدانىدا تۇرۇش.

خاۋارىجلار كۇفۇر ۋە شىرك ھەققىدە كەلگەن شەرئىي دەلىللەرنى شۇ ھەقتىكى باشقا دەلىللەر ئارىسىدىن ئىلغاپ ئېلىپلا كۆتۈرۈۋالىدۇ. ھالبۇكى، كۇفۇر — چوڭ كۇفۇر ۋە كىچىك كۇفۇر دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ. شىرك  — چوڭ شىرك ۋە كىچىك شىرك دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ. چوڭ شىرىك ۋە چوڭ كۇفۇر كىشىنى دىندىن چىقىرىپ كاپىر قىلىۋېتىدۇ. كىچىك شىرك، كىچىك كۇفۇر كىشىنى كاپىر قىلىۋەتمەيدۇ. ئەمما، كىچىك شىرك ۋە كىچىك كۇفۇر كىشىنىڭ ئىمانىنىي ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ، كېمەيتىۋېتىدۇ.

ھالبۇكى، خاۋارىجلار كۇفۇرنى ۋە شىركنى چوڭ كۇفۇر، چوڭ شىرك؛ كىچىك كۇفۇر، كىچىك شىرك دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايدۇ. خاۋارىجلارنىڭ نەزىرىدە كىچىك شىرك، كىچىك كۇفۇر دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كۇفۇر بىرلا، كۇفۇرنى قىلغانلىكى كىشى دىندىن چىقىپ كاپىر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە شىركنىڭ چوڭ-كىچىكى يوق، شىرىكلا بولىدىكەن كىشىنى دىندىن چىقىرىپ كاپىر قىلىۋېتىدۇ. ئۇلار مەسىلە ھەققىدە كەلگەن دەلىللەردىن پەقەت بىرىنىلا تۇتۇۋېلىپ، مەسىلىنى تەپسىيلەشتۈرۈپ، شەرھلەپ بايان قىلىپ بېرىشكە يارايدىغان؛ كۇفۇر ۋە شىركنىڭ چوڭ ۋە كىچىك دەپ ئىككىگە ئايرىلىدىغانلىقىغا دەلىل بولىدىغان باشقا دەلىللەرنى چۆرۈپ تاشلايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، خاۋارىجلارنىڭ ئىسلام شەرىئىتىنى توغرا چۈشىنەلمەيدىغانلىقىدىندۇر. ئىلىمنى زىل، ئەتراپلىق رەۋىشتە تەھسىل قىلالمايدىغانلىقىدىندۇر. خاۋارىجلار دەلىللەرنى ئۆز ئورنىغا قويۇپ چۈشىنىش ۋە تەتبىق قىلىش خىسلىتىدىن بەكمۇ ئۇزاق. ئاقىۋەتتە، ئۇلار ئىسلام ئەقىدىسىنى ۋە فىقھىنى چۈشەنمىگەن ھالىتىدە مۇسۇلمانلارنى كەلسە كەلمەس كاپىرغا چىقىرىشتا ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلاردا دىننى توغرا چۈشىنىش سۈپىتى مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلار شەرئىي دەلىللەرنىڭ لەۋزىنى ئوقۇپ قويۇشنىڭ نېرىسىغا ھەرگىز ئۆتەلمەيدۇ. خاۋارىجلار قۇرئاننى ئوقۇيدۇ، ھەدىسنى ئوقۇيدۇ، ئەمما مەنىسىنى توغرا رەۋىشتە چۈشەنمەيدۇ. كۈنىمىزدە خاۋارىجلارنىڭ ئىزباسار، مىراسخورلىرى مەۋجۇت. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى كاپىر دەيدۇ، كاپىر دېيىشتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېرىتۇ. مۇسۇلمانلارنى كاپىرغا چىقىرىۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى ھالال سانايدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ياشلىرىمىزنىڭ ئىچىدە، جاھىل-نادانلىرىمىزنىڭ ئىچىدە ۋە ئۆزىنى ئالىم سانىۋالغانلارنىڭ ئىچىدە ئەنە شۇ خاۋارىجلارنىڭ ۋارىسلىرى مەۋجۇت.

[[مۇرجىيلار كىم؟]]

مۇرجىيلار ئىمان قەلىبتە دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەمەل ئىمان جۈملىسىدىن ئەمەس، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. مۇرجىيلار كۇفۇر ئىچىدىكى ئادەمگە، يەنى كاپىرغا تائەت-ئىبادەت پايدا بەرمىگەندەك، ئىمانى بار ئادەمگە گۇناھ-مەئسىيەت زىيان سالالمايدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. مۇرجيلار ئاللاھ ۋە رەسۇلىدىن كەلگەن رەھمەت، مەغفىرەت توغرىسىدىكى دەلىللەرگىلا يۆلىنىۋالىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەپۇ، مەغفىتىرىگىلا يۆلىنىۋېلىپ، گۇناھ-مەئسىيەت ئەھلىنى ئاللاھنىڭ خالىسا قاتتىق جازالايدىغانلىقى ھەققىدىكى دەلىللەرگە دۈمبىسىنى قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ. خاۋارىجلار ئاللاھنىڭ جازاسى توغرىسىدىكى دەلىللەرنى ئالدىغا چىقىرىۋالىدۇ ۋە شۇنىڭغىلا تايىنىۋالىدۇ. مۇرجىئەلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتى مەغفىرىتى ھەققىدىكى دەلىللەرنى ئالدىغا چىقىرىۋالىدۇ ۋە شۇنىڭغىلا تايىنىۋالىدۇ.

ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت بولسا بۇ ئىككى بۇزۇق مەزھەپ ئارىسىدا (يەنى خاۋارىج مەزھىبى بىلەن مۇرجىئە مەزھىپى ئارىسىدا) ئوتتۇرا يول تۇتقان بولۇپ، دەلىللەرنىڭ بىر تەرىپىگىلا قارىغۇلارچە ئېسىلىۋالماي، ھەر قايسى دەلىللەرنى جەملەپ، دەلىللەرنى ئۆز ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت «قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى دەلىللەرگە بىنائەن كۇفۇر — چوڭ كۇفۇر ۋە كىچىك كۇفۇردىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. شۇنداقلا شىركمۇ چوڭ شىرك ۋە كىچىك شىرك دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. چوڭ كۇفۇر ۋە چوڭ شىرك كىشىنى ئىسلامدىن چىقىرىپ كاپىر قىلىۋېتىدۇ. كىچىك كۇفۇر بىلەن كىچىك شىرك كىشىنى ئىسلامدىن چىقىرىۋەتمەيدۇ، كاپىر قىلىۋەتمەيدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەھلى سۈننەت بۇ جەھەتتە خاۋارىجلار بىلەن زىت مەيداندىدۇر. ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ئىماننىڭ ئاشىدىغانلىقى ۋە كېمىيىدىغانلىقى مەسىلىسىدە مۇرجىيلار بىلەن زىت مەيداندىدۇر.

مۇرجىيلار «ئىمان دېگەن بىر پۈتۈن، كامىل بولىدۇ. ئىماندا كۈچىيىش، ياكى سۇسلىشىش؛ ئېشىش ياكى كېمىيىش بولمايدۇ. كىشى گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغان ھالەتتىمۇ، ئىمانى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ قىلغانبارچە گۇناھلار ئۇنىڭغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەيدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

(ئەللامە سالىھ فەۋزان باشقا بىر پەتىۋاسىدا، خاۋارىجلارنى ئازغۇنلۇق جەھەتتە مۇرجىيلاردىن تۆۋەن دېگەن. مۇرجىيلارنى دىنغا ۋە مۇسۇلمانغا ئەڭ كۆپ زىيان سالىدىغان، ھەق يولدىن ئەڭ ئۇزاق ئازغۇن پىرقە دېگەن.)

مۇرجىيلار بىلەن خاۋارىجلار ئىمان-ئەقىيدە مەسىلىسىدە بىر-بىرىگە زىت ئىككى قۇتۇپتىدۇر. ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت بولسا بۇ ئىككى ئازغۇن پىرقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر. ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ئاللاھنىڭ جازالىشى ھەققىدىكى ۋەدىلىرىگىمۇ سەل قارىمايدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمەت-مەغفىرىتى ھەققىدىكى ۋەدىلىرىگىمۇ سەل قارىمايدۇ، ھەر ئىككىسىگە تەڭ ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە تەڭ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەھلى سۈننەت بىرلا ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھەم ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قورقۇشنى، ھەم ئاللاھنىڭ رەھمەت-مەغفىرىتىنى ئۈمىد قىلىشنى جەملىگەن. ئەھلى سۈننەت، مۇرجىيلارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ ئەپۇ ۋە مەغفىرىتىگىلا يۆلىنىۋېلىپ، ئاللاھنىڭ ئاسىيلارغا غەزەپ قېلىدىغانلىقىنى ۋە جازالايدىغانلىقىنى تاختا بېشىغا ئېلىپ قويۇپ، بۇنىڭغا سەل قاراش يولىنى تۇتمايدۇ. ۋەياكى، ئەھلى سۈننەت، خاۋارىجلارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ جازالاش ۋەدىسىگىلا يۆلىنىۋېلىپ، رەھمەت ۋە مەغفىرەت ۋەدىسىگە دۈمبىسىنى قىلىۋالمايدۇ. ئىسلام ئۆلىمالىرى دېيىشىدۇكى «كىم ئاللاھقا پەقەت ئاللاھتىن قورققانلىقى ئۈچۈنلا ئىبادەت قىلسا، ئۇ خاۋارىجدۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ ئەپۇ ۋە مەغفىرىتىگە تايىنىۋالغان ھالدىلا بەندىچىلىك قىلىش يولىنى تۇتسا ئۇ مۇرجىيدۇر. كىمكى ئاللاھقا، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش نۇقتىسىدىنلا ئىبادەت قىلسا ئۇ سوپىدۇر. كىمكى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قورققان، رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغان، ئاللاھنى ياخشى كۆرگەن ھالدا ئىبادەت قىلسا، ياخشى ئەمەللەرگە رىغبەت كۆرسىتىپ، يامان ئەمەللەردىن قېچىش يولىنى تۇتسا، مانا بۇنداق كىشى (ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادەتنى قولغا كەلتۈرىدىغان) مۇۋەھھىد مۆمىندۇر.»

يۇقىرىقىلار خاۋارىجلىق ۋە مۇرجىيلىق مەسلىسىدىكى يىغىنچاق باياندۇر. بۇلارنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىنسانلار بەسىيرەت بىلەن يول تۇتۇش لازىم، مۇرجىي بولۇپ قېلىشتىنمۇ، خاۋارىج بولۇپ قېلىشتىنمۇ ئۇزاق تۇرۇشى لازىم. مۇسۇلمان (ھەر قانداق پەيتتە ۋە ھەر قانداق مەسىلىدە) ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنىڭ يولىدا بولۇشى ۋاجىپ.

[[مۇتەشابىھ ئايەتنى ئاساس قىلىپ تۇتۇۋالىدىغان قەلبى ئەگرى كىشىلەر كىم؟]]

ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ قۇرئاننى نازىل قىلغان زاتتۇر. قۇرئاندا مۇھكەم ئايەتلەر بار، ئەنە شۇ مۇھكەم ئايەتلەر قۇرئاننىڭ ئاساسىدۇر. مۇھكەم ئايەتلەردىن باشقىسى مۇتەشابىھ ئايەتلەردۇر. قەلبىدە ئەگرىلىك بار كىشىلەر (ئايەتلەرنى) بۇرمىلاش ۋە پىتنە چىقىرىش يۈزىسىدىن (مۇھكەم ئايەتلەرنى تاشلاپ)، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئېسىلىۋالىدۇ.» بۇ ئايەتتىكى «قەلبىدە ئەگىرىلىك بار كىشىلەر» — خاۋارىجلار بىلەن مۇرجىيلاردۇر. خاۋارىجلارمۇ، مۇرجىيلارمۇ مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئېسىلىۋېلىپ، مۇھكەم ئايەتلەرگە دۈمبىسىنى قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ. قۇرئاننىڭ بىر ئايىتى باشقا بىر ئايىتىنى تەپسىرلەيدۇ. قۇرئاننىڭ بىر ئايىتى باشقا بىر ئايىتىدىكى مۈجمەل مەزمۇننى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت، ئىلىمدە چوڭقۇرلاشقان كىشىلەر بولسا مۇتەشابىھنى مۇھكەمگە باغلاپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ. مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى مۇھكەم ئايەتلەر بىلەن تەپسىرلەيدۇ. ئايەتنىڭ داۋامى: {«ئىلىمدە چوڭقۇر كىشىلەر قۇرئاننىڭ ھەممىسىگە ئىمان ئېيتتۇق، قۇرئاندىكى ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى رەببىمىزگە ئائىتتۇر (يەنى رەببىمىز ئاللاھنىڭ سۆزىدۇر، رەببىمىز ئاللاھ نازىل قىلغاندۇر)» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.} (قۇرئان ئايىتى) «ھەممىسى رەببىمىزگە ئائىتتۇر» — يەنى مۇھكەم ئايەتلەرمۇ، مۇتەشابىھ ئايەتلەرمۇ رەببىمىز تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەنىڭ سۆزلىرى ئۆز-ئارا زىتلاشمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزلىرى بىر-بىرى بىلەن زىتلاشمايدۇ. ئاللاھنىڭ بىر سۆزى باشقا بىر سۆزىنى تەپسىرلەيدۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ بىر سۆزى باشقا بىر سۆزىنى شەرھلەيدۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزى ئاللاھنىڭ سۆزىنى تەپسىرلەيدۇ. ئىلىمدە چوڭقۇرلاشقانلارنىڭ تۇتقان يولى مانا بۇدۇر. (يەنى، ما ئايەتنى ماۋۇ ھەدىس تەپسىرلەيدۇ، ماۋۇ ئايەتنى باشقا ماۋۇ ماۋۇ ئايەتلەر تەپسىرلەيدۇ، دەپ يول تۇتىدۇ. بىر نەچچە دەلىلنى سۆرەپ چىقىپلا، شۇ ھەقتىكى باشقا دەلىللەرنى باستۇرۇپ قويىدىغان ئازغۇنلارنىڭ يولىنى تۇتمايدۇ.)

ئەمما، زالالەت، ئازغۇنلۇق ئەھلى بولسا مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى كۆتۈرۈۋېلىپ، مۇھكەم ئايەتلەرنى باستۇرۇپ قويىدۇ. مۇرجىيلار رەھمەت ۋە مەغفىرەت ھەققىدىكى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى كۆتۈرۈۋالىدۇ.  خاۋارىجلار بولسا جازا ۋە ئازاب ھەققىدىكى ئايەتلەرنى كۆتۈرۈۋالىدۇ. ئاقىۋەتتە مانا مۇشۇنداق قىلغانلىقى سەۋەبلىك ھەق يولدىن ئازىدۇ.

كۈنىمىزدە ئالىم بولمىغان تۇرۇپ ئالىملىق ماقامىغا چىقىۋالغانلار تەۋھىد-ئەقىدە مەسلىسىدىن ئىبارەت زىل مەسىلىدە ئوڭ-تەتۈر سۆزلەپ، ئېگىز-پەس ھۆكۈم-پەتىۋالارنى بېرىپ، كىشىلەرگە جاھالەت ۋە ئازغۇنلۇق ئاساسىدا باش بولىۋېلىش قەستىدە يۈرۈشمەكتە. مۇسۇلمانغا ۋاجىپ بولغىنى ھەق ئەھلىنىڭ يولىدا مېڭىشتۇر. لېكىن، ھەق ئەھلىنىڭ يولىدا مېڭىش پەقەت ھەق ئەھلىنىڭ يولىنى مۇنتىزىم ئۆگىنىش ئارقىلىقلا، ئاللاھنىڭ دىنىدا فىقھ ساھىبى بولۇش بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ. بۇخارىنى، مۇسلىمنى، سۇنەنلەرنى يادىلىۋالغان بەزى كىشىلەر بار. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنى يادلىۋالغاننىڭ مەنىسىنى، فىقھىنى چۈشەنمەيدۇ. يادلىغان ھەدىسلىرىنىڭ شەرھ، تەپسىرلىرى قانداق، بىلمەيدۇ. ئاقىۋەتتە، بىر بولسا يادلىۋالغان ئايەت-ھەدىسلەرنى ئۆز كاللىسى بويىچە تەپسىرلەش ۋە شەرھلەش يولىغا كىرىۋالىدۇ. ياكى بولمىسا، ئۇنىڭ شەرھ-تەپسىرلىرىنى يا مۇرجىيلاردىن، ياكى خاۋارىجلاردىن ئوقۇپ \ ئاڭلىۋالىدۇ. مانا بۇ خەتەرنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئىلىم نوقۇل ھالدا يادلىۋېلىش بىلەنلا بولمايدۇ. ئىلىم دېگەن يادلىغان نەرسىسىنىڭ فىقھىنى بىلىپ، مەناسىنى ياخشى چۈشۈنۈپ تۇرۇپ يادلاش بىلەن بولىدۇ. ئىلىم — ئۇنى پەقەت ئۆلىمالاردىن ئۆگىنىش نەتىجىسىدىلا كىشىدە بار بولىدۇ. توغرا ئىلىم، توغرا فىقھ پەقەت مانا بۇ يول ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ. مۇسۇلمانلار بۇنىڭغا ئەھمىيەت ئىنتايىن كۈچەپ ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

خاۋارىجلار چۈشەنمەي تۇرۇپ يادلىۋالغانلىق سەۋەبلىك ئەنە شۇنداق ئازغۇن تائىپە بولۇپ كەتكەن. ئىمام ئىبنى قەييىم ئېيتقىنىدەك، «ئۇلارنىڭ مەنىسىنى ئۆزلىرىمۇ چۈشەنمەيدىغان دەلىللىرى بار.» خاۋارىجلار قۇرئان ئوقۇيدۇ، ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ. ئەمما ئۇلاردا زىغىرنىڭ ئۇرۇقىچىلىكمۇ فىقھ يوق \ توغرا دىني چۈشەنچە يوق. دىننى فىقھ قىلىپ چۈشىنىش دېگەن ئايەتلەرنى ۋە ھەدىسلەرنى، جۈملىدىن ئىسلامنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇراد قىلغان مەنادا چۈشىنىشتۇر، شۇنداقلا ئىسلام شەرىئىتىنى توغرا شەكىلدە تەتبىق قىلىشتۇر. ئىبنۇل جەۋزى رەھىمەھۇللاھنىڭ دېگىنىدەك «دىندا پەتىۋا بەرگۈچى تىۋىپقا ئوخشاشتۇر. تىۋىپ ئەڭ ئاۋۋال قانداق داۋانى\ داۋالاشنى بىلىشى شەرت. ئاندىن، داۋانى ئۇ داۋا مۇناسىپ كېلىدىغان يەرگە قىلىشنى بىلىشى شەرت.» سېنىڭ داۋانىلا بىلگەن بولۇشۇڭ يېتەرلىك ئەمەس. «بۇ شىپالىق» دەپ كېسەل بولغان كىشىگە شىپاسى بار نەرسىنى خالىغانچە بېرىۋەرسەڭ ئۇ كېسەل ساقايمايدۇ، ھەتتا خاتا داۋا قىلغانلىق ئۈچۈن كېسەل كىشى ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. سەن ئەڭ ئاۋۋال داۋانى بىلىشىڭ كېرەك، ئاندىن كېسەل كىشىدىكى كېسەللىك ئىللەتلىرىنى بىلىشىڭ كېرەك. ئاندىن ئۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدىغان داۋانى قىلىشىڭ كېرەك. داۋا كېسەلگە ماس كەلگەن چاغدا، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كېسەل بولغان كىشىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. داۋا كېسەلگە ماس كەلمىسە، كېسەل بولغان كىشىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئالىم ۋە مۇپتىنىڭ ھالىتى كېسەل داۋالايدىغان تىۋىپنىڭ ھالىتىگە ئوخشايدۇ. داۋالاشنى بىلىشى كېرەك، بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قالماي داۋانى نەگە قانداق قىلىش ئۇسۇلىنىمۇ بىلىشى كېرەك. بۇ توغرا ئوخشىتىشتۇر.

دەۋرىمىزدە ئۆزىنى، دىننى ئۆلىمالاردىنمۇ ياخشى چۈشەندىم دەپ ئويلىۋالىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلار ئۆلىمالارنى ياراتمايدۇ. (بۇ يەردىكى ئۆلىمالاردىن مەقسەت ئارىمىزدىكىدەك تالىبۇل ئىلىم تۇرۇپ، ئۆزىنى مەن ئۆلىما دەۋالغۇچىلار ئەمەس. تېخى مۇشۇنداق ئالىم بولىۋالغۇچىلار ھەقىقىي مۇجتەھىد ئۆلىمالارغا ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ھەممىدىن بەك پەشۋا ئاتىدىغانلاردىن بولۇپ چىقىۋاتىدۇ.) بۇ بىر مۇسىبەتتۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆلىمالاردىنمۇ بەك توغرا چۈشەنچىگە ئىگە دەپ قارايدۇ. مانا بۇ باشتىن ئاياق خاۋارىجلارنىڭ يولىدۇر. خاۋارىجلار (ئۆزلىرىنى ھەقىيقى مۆمىن،) ساھابىلەرنى كاپىر دەپ ئېتىقاد قىلغان. خاۋارىجلار ساھابىلەر ھەق ئۈستىدە ئەمەس، چۈنكى ئۇلار دىننى توغرا چۈشەنمىگەن دەپ ئېتىقاد قىلغان. خاۋارىجلار، ساھابىلەر ئاللاھنىڭ دىنىغا مۇستەھكەم ئېسىلمىدى، باتىل، مۇنكەر ئىشلارنى ئىنكار قىلمىدى، كاپىر بولدى دەپ قاراپ، ساھابىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلغان…

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ