فەقىھ سەئىد خەسلان: سۈنئىي ئەقىلگە جانلىق سۈرىتى ياسىغۇزۇش ھارام

فەقىھ سەئىد خەسلان: سۈنئىي ئەقىلگە جانلىق سۈرىتى ياسىغۇزۇش ھارام
قۇدرەت بارات
(2026، 8 – ماي)
ھەمدۇ سانالارنىڭ بارچىسى ئاللاھقا قايتىدۇ، سالات ۋە سالاملار ئۇ زاتنىڭ پەيغەمبىرىگە يوللىنىدۇ.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ
﴿كَانُوا لَا يَتَنَاهَوْنَ عَن مُّنكَرٍ فَعَلُوهُ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَفْعَلُونَ﴾
﴿ئۇلار قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر-بىرىنى توسمايتتى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمە دېگەن يامان!﴾

— مائىدە سۈرىسى، 79 – ئايەت

مۇپەسسىر، فەقىھ ئابدۇرراھمان سەئدى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:
«يامانلىقتىن توسۇش تەرك ئېتىلگەندە ئىلىم يوقىلىدۇ، نادانلىق (جاھالەت) كۆپىيىدۇ. چۈنكى بىر گۇناھ تەكرارلىنىپ، نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن سادىر بولغان ئەھۋالدا دىن ۋە ئىلىم ئەھلىلىرى ئۇنى توسمىسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرمىسا، ئۇ گۇناھلىق ئىش گۇناھ ئەمەستەك بولۇپ قالىدۇ. ھەتتا نادان كىشى ئۇنى ياخشى ئىش دەپ گۇمان قىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىشتىن، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ھەقىقەتلەرنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ۋە باتىلنى ھەق دەپ بىلىشتىنمۇ ئارتۇق يەنە قانداق ئازغۇنلۇق بولسۇن؟» [تەپسىر سەئدى، مائىدە سۈرىسى، 79 – ئايەتنىڭ تەپسىرىدىن ئېلىندى؛ شەيخ بۇ ئايەتنى بەش جەھەتتىن تەپسىرلىگەن بولۇپ، نەقىل قىلىنغىنى شۇ بەش جەھەتنىڭ بىرىدىنلا ئىبارەت؛ سۆز ئۇزۇراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن قالغان بايانلار قىسقارتىلدى.]
***
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
عن عَائِشَةَ، تَقُولُ دَخَلَ عَلَيَّ رَسُولُ اللَّهِ ﷺ وَقَدْ سَتَرْتُ سَهْوَةً لِي بِقِرَامٍ فِيهِ تَمَاثِيلُ فَلَمَّا رَآهُ هَتَكَهُ وَتَلَوَّنَ وَجْهُهُ وَقَالَ يَا عَائِشَةُ أَشَدُّ النَّاسِ عَذَابًا عِنْدَ اللَّهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ الَّذِينَ يُضَاهُونَ بِخَلْقِ اللَّهِ قَالَتْ عَائِشَةُ فَقَطَعْنَاهُ فَجَعَلْنَا مِنْهُ وِسَادَةً أو وسادتين
(بىر كۈنى) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيۈمگە كىرگەن ئىدى، ئۇ چاغدا مەن ئۆيدىكى تەكچىگە سۈرەت بار نېپىز بىر پارچە لاتىنى (پەردە سۈپىتىدە) تارتىپ قويغان ئىدىم. رەسۇلۇللاھ ئۇنى كۆرۈپ يىرتىۋەتتى ۋە چىرايى ئۆڭۈپ كەتكەن ھالدا ماڭا شۇنداق دېدى: «ئى ئائىشە! قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئەڭ ئېغىر جازاغا ئۇچرايدىغانلار ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىغا ئوخشىتىپ (جانلىقنىڭ سۈرەت ياكى ھەيكىلىنى) پەيدا قىلىدىغانلاردۇر.» ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ رەختنى پارچىلاپ، ئۇنىڭدىن بىر ياكى ئىككى ياستۇق ياسىدىم.» (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم توپلىغان ھەدىس) [قۇدرەت بارات تەرجىمىسى]
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم دىنىي زاتلاردا شۇنداق بىر يامان ئادەت بار. ئۇ بولسىمۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشىغا بىرەر زەئىپ، ھەتتا يالغان ھەدىس يېقىپ كەتسە، بىر ئامال قىلىپ شۇ دەلىل قىلىش دۇرۇس بولمايدىغان زەئىپ، يالغان ھەدىسلەرنى «مۇنداق ھەدىس بار» دەپ ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى كۈچلەندۈرمەكچى بولىدۇ.
بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر ئۇنىڭ نەپسى – خاھىشغا بىرەر سەھىھ ھەدىس ياقماي قالسا، كۆز قارىشىغا توغرا كەلمەي قالسا، ئۇ ھەدىس مەيلى مۇتەفەققۇن ئەلەيھى بولسۇن، مەيلى ئۇنى بۇخارى ياكى مۇسلىم توپلىغان بولسۇن، ئۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلىشتىن قېچىپ، بىر ئاماللارنى قىلىپ شۇ ھەدىسنى تولغاش، بۇرمىلاش يولىغا ياكى كۆرمەسكە سېلىش يولىغا ئۆتۈپ، شۇ ھەدىستىكى ئاشكارە ھۆكۈمگە ھەدەپ خىلاپلىق قىلىدۇ.
بۇ خىل كىشىلەر ئۇيغۇرلاردىمۇ بار، ئەلۋەتتە باشقا مىللەتلەردىمۇ بار.
شۇڭا شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن: «ئەھلى بىدئەت تولىمۇ ئوچۇق ۋە كەڭ تارقالغان سۈننەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىدۇ.» (ئىبنى تەيمىييە مەجمۇئۇل فەتاۋا 19-71)
جانلىق رەسىمىنى سىزىش ۋە ھەيكىلىنى ياساشنىڭ ھاراملىقىنى بىلدۈرىدىغان سەھىھ ھەدىسلەر سەھىھلىكى ۋە رىۋايەت يوللىرىنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن ناھايىتى مەشھۇر. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بىر قىسىم كىشىلەر ھەدىستىكى ئاشكارا چەكلىمىنى سۆزى ۋە ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بىكار قىلىۋەتمەكچى بولىدۇ.
ئاقىۋەتتە كەڭ تارقالغان، كۆپچىلىككە مەلۇملۇق بولغان سۈننەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىپ، بىدئەتچىلەرنىڭ يولىدا مېڭىپ كېتىدۇ.
تۆۋەندىكى سەھىھ ھەدىسمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە تۆت خەلىپىنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشمىگەنلەرنىڭ چوقۇملا بىدئەتچىلەرنىڭ يولىدا مېڭىپ كېتىدىغانلىقىنى ئاشكارا كۆرسىتىپ بېرىدۇ:
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:«(مەن كەتكەندىن كېيىن) سىلەردىن ھايات ياشايدىغانلار نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە ھىدايەتكە ئېرىشكەن راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشىڭلار، سۈننىتىمگە مەھكەم ئېسىلىڭلار، سۈننىتىمنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن چىڭ چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. چۈنكى، دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق ئىش بىدئەتتۇر، بارچە بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» (ئەبۇ داۋۇد 4607؛ تىرمىزى 2676؛ ئەھمەد 17142، 17044؛ ئەھمەد شاكىر ۋە باشقا مۇھەددىسلەر سەھىھ دېگەن)
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: « ئەگەر پەيغەمبىرىڭلارنىڭ سۈننىتىنى تەرك ئەتسەڭلار چوقۇمكى ئېزىپ كېتىسىلەر.» (مۇسلىم 1045)
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أشد الناس عذابا يوم القيامة المصورون)) «قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدىغانلار مۇسەۋۋىرۇنلاردۇر. (يەنىجانلىقلارنىڭ رەسىمىنى سىزىش ياكى ھەيكىلىنى ياساش بىلەن شۇغۇللانغانلاردۇر.)» (بۇخارى 5950، مۇسلىم 2109)
نافىئتىن بايان قىلىنىدۇ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزىگە مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېتقان: «شۈبھىسىزكى، بۇ سۈرەتلەرنى سىزغانلار قىيامەت كۈنى جازاغا ئۇچرايدۇ. ئۇلارغا (مەسخىرە يۈزىسىدىن) ‹سىزغا رەسىمىڭلارغا جان كىرگۈزۈڭلارچۇ قېنى› دېيىلىدۇ.» (بۇخارى 5951)
جاھاننىڭ تەرەققىي قىلىپ كەتكەن بولۇشى، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئادەمدەك سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتكەن بولۇشى، ياكى نىيىتىمىزنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولۇپ كەتكەن بولۇشى، ياكى ھەممەيلەن ئارىسىدا مودا بولغان بىر ئىشنى ئىنكار قىلساق مازاققا، ھاقارەتكە دۇچ كېلىدىغان دەۋردە ياشاۋاتقان بولۇشىمىز رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە خىلاپلىق قىلساق بولىۋېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.
دەۋەت ساھەسىدە ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان بىر قېرىندىشىمىزنىڭ سۈنئىي ئەقىلگە ساھابىلەرنىڭ رەسىم كۆرۈنۈشلىرىنى ياسىغۇزۇپ، فىلىم قىلىپ ئىشلەپ بازارغا سالغانلىقى ۋە بۇنى كۆپلەپ قىسىم قىلىپ تارقىتىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنى ئاڭلىدىم. بۇ قىلمىش تۈپتىن خاتا. بۇنداق قىلىش يۇقىرىقى سەھىھ ھەدىسلەردىكى ئاشكارە ھۆكۈمگە زىت، بۇنداق قىلىشنىڭ ھۆكمى ھارام.
ئائىشە ئانىمىزنىڭ تەكچىگە جانلىق سۈرىتى بار پەردە تارتىش ھەدىسى جانلىقنىڭ رەسىم، فىلىملىرىنى سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ياسىغۇزۇشقا خۇشتار كىشىلەرنىڭ قىلمىشىنىڭ تۈپتىن باتىللىقىنى، شەرىئەتكە زىتلىقىنى ئوچۇق – ئاشكارا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئائىشە ئانىمىز ئۇ رەختكە نەقىشلەنگەن جانلىق سۈرىتىنى ئۆز قولى بىلەن نەقىشلىمىگەن. چۈنكى قۇرەيش ئەرەپلىرىدە رەخت ياساش سانائىتى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئۇ باشقا يۇرتتىن كەلگەن رەختلىكى ئېنىق. جۈملىدىن، ئۇ سۈرەتنى ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئۆز قولى بىلەن بىۋاستە بار قىلمىغانلىقى ئېنىق.
شۇنداق تۇرۇقلۇق رەسۇلۇللاھ ئائىشە ئانىمىزغا شۇ سۈرەتنى رەختكە سىزغان، نەقىشلىگەن كىشىگە بېرىلىدىغان تەنبىھنى بېرىپ :«ئى ئائىشە! قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئەڭ ئېغىر جازاغا ئۇچرايدىغانلار ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىغا ئوخشىتىپ (جانلىقنىڭ سۈرەت ياكى ھەيكىلىنى) پەيدا قىلىدىغانلاردۇر» دېدى.
رەسۇلۇللاھ پەردىگە رەسىم سىزغان، نەقىشلىگەن كىشى ئاللاھنىڭ ئېغىر جازاسىغا ئۇچرايدۇ، دېمەستىن، ئۇ رەسىمنى ئائىشە ئانىمىز سىزغاندەكلا، تەنبىھنى ئائىشە ئانىمىزغا قاراتتى.
دېمەك، بىر نەرسىنى ياساش ھارام بولسا، ئۇنى ئىشلىتىشمۇ ھارام. چوشقا گۆشى ھارام، ئەمما مەن يېمىگەندىن كېيىن دەپ ئۇنى بېقىشمۇ ئوخشاشلا ھارام. ناخشا – مۇزىكا ھارام. مەن كۆرمىگەن، ئاڭلىمىغاندىكىن دەپ ناخشا – مۇزىكا فىلىملىرىنى ئىشلەش، ياكى سېتىش ياكى تارقىتىش ئوخشاشلا ھارام.
ھارام نەرسىنى ئىشلەپچىقارغۇچى بىلەن ئۇنى تارقاتقۇچى، ئىشلەتكۈچى گۇناھتا تەڭداش. بۇنىڭدا دەلىل بولىدىغان باشقا ھەدىسلەر بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىقى ھەدىسمۇ بۇ نۇقتىنى ئوچۇق كۆرسىتىدۇ.
سۈنئىي ئەقىلگە ساھابە ياسىغۇزماقچى بولغان قېرىنداشلار كاللىسىدا بۇنى مەن ياسىمىدىم، سۈنئىي ئەقىل ياسىدى، مېنىڭ گۇناھىم يوق دەپ ئويلاپ قالسا بولمايدۇ، يۇقىرىقى قۇرلار شۇنىڭ ئۈچۈن دېيىلدى.
ياكى سۈنئىي ئەقىلگە جانلىقنى سىزدۇرغۇچىلار، سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىپ جانلىق ئادەمنى ياراتقۇچىلار مېنىڭ مەقسىتىم ياخشى، شۇڭا مەن جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىپ، ھەيكىلىنى – ھەرىكىتىنى پەيدا قىلسام، ماڭا ساۋاپ بار دەپ ئويلاپ قالسا بولمايدۇ. ئەبۇ بەكرى سىددىقنى ياسا، ھەزىرتى ئۆمەرنى ياسا دەپ بۇيرۇق بېرىلمىسە، سۈنئىي ئەقىل ئاپتوماتىك ھالدا ھەرگىز بۇلارنى ياساشقا چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە بىنائەن مەيلى سۈنئىي ئەقىلگە جانلىقلارنى ياسىتىش، مەيلى قەغەزگە جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىشى، مەيلى ھەيكىلىنى ياساش ئوخشاشلا ھارام قىلمىش.
بۇنى دىندىن خەۋىرى يوق ئادەملەر قىلىمەن دەپ يۈرسىغۇ بىلسە قىلمايتتى، دېسەك. ئەمما مىللەتنى رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشكە چاقىرىمەن، قۇرئانغا ئەگىشىشكە چاقىرىمەن دەپ كۈچەۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ بۇ يولغا قورقماستىن كىرىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
بۈگۈن بىر ئانا بولغۇچى ساھابىنىڭ رەسىمىنى سىزغۇزۇپ فىلىم ئىشلىسە، ئەتە ئۇنىڭ بالىسى رەسۇلۇللاھنى سىزغۇزۇشى مۇمكىن. ھەتتا پەرىشتىلەرنى، جىبرىلنى، مىكائىلنى…
ئەزىز قېرىنداشلار! رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلىش، رەسۇلۇللاھ تۇر دېگەن يەردە تۇرۇپ، ماڭ دېگەن يەردە مېڭىش مۇسۇلمانلىقنىڭ شەرتى. «چوڭ باشنى ئاچسا، كىچىك … نى ئاچىدۇ.»
ئەي دىندا ئوقۇغان بەزى قېرىنداشلار، نېمىشقا رەسۇلۇللاھنىڭ چەكلىمىلىرىنى پات – پات چەيلەپ دەپسەندە قىلىشتا باشقىلارغا باشلامچى بولۇپ بېرىسىلەر؟
ساھابىلەرنى چوقۇم ئۇلارنىڭ قونچاق فىلىمىنى ئشىلەپ تۇرۇپ تونۇشتۇرمىسىمۇ، ئۇ ھەقتىكى كىتابنى ئوقۇپ ياكى ئوقۇپ بېرىپ، ۋەقەلىكلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ تونۇشتۇرغىلى بولىدىغۇ؟!
ساھابىلەرنىڭ رەسىمىنى، ھەيكىلىنى، كۆرۈنىشىنى ياسىتىش دۇرۇس، بۇنىڭدا چاتاق يوق، دەيدىغانلىقىڭلارنى سېزىپ تۇرىمەن. ئۇنداقتا رەسۇلۇللاھنىڭ رەسىم، ھەيكىلىنى ياساش، سۈنئىي ئەقىلگە رەسۇلۇللاھنى تەسۋىرلىگۈزۈشچۇ؟ ئۇ دۇرۇس بولغان يەردە، بۇنىڭ دۇرۇس بولۇشى تېخىمۇ ئەلا ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ساھابىلەرنى تونىمىغان بىر كىشى دىنسىز بولۇپ كەتمەيدۇ، ئەمما رەسۇلۇللاھنى تونىمىغان، ئۇ زاتقا ئىمان ئېيتمىغان بىر كىشى دىنسىز بولىدۇ. شۇڭا، ياسىغۇزۇشقا توغرا كەلسە رەسۇلۇللاھنىڭ رەسىم، ھەيكەللىرىنى سۈنئىي ئەقىلگە ياسىغۇزۇپ راسا تونۇشتۇرۇۋېتىلسە، ئەلۋەتتە ئۇ زاتنى تونۇش، چۈشىنىش ئېشىپ، ئۈممەتنىڭ سانى كۆپىيىشى مۇمكىن، شۇنداقمۇ؟
ساھابىلەرنىڭ رەسىم ھەيكىلىنى ياسىغۇزۇشنى دۇرۇس قىلىدىغان، ئەمما رەسۇلۇللاھنىڭ رەسىم ھەيكىلىنى ياسىغۇزۇشنى ھارام قىلىدىغان نە بىر ئايەت، نە بىر ھەدىس، نە بىر فىقھى قائىدە مەۋجۇت ئەمەس. بۇنداق بولغان ئىكەن، رەسۇلۇللاھنىڭ رەسىم – ھەيكىلىنى سىزغۇزۇش قانداق ھارام بولسا، ساھابىلەرنىڭكىنى سىزغۇزۇشمۇ شۇنداق ھارام. ئەھلى ھەدىس، ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تۆۋەندە بايان قىلىنىدۇ.
قېرىنداشلار، كىشى ھەدىسلەرگە ئاشكارا قارشى يول تۇتقاندا بىدئەتچى بولۇپ كېتىدۇ. بىدئەتچى بولۇشنى مەقسەت قىلمىسىمۇ ھەم شۇ. بۇ ۋەجىدىن، رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى ئارىسىدىكى كۆڭلىمىزگە ياقماي قالغانلىرىغا بويۇن تولغاپ، ئۇ ھەقتىكى ھۆكۈمنى دەسسەپ – چەيلىسەك زىياننى رەسۇلۇللاھ تارتمايدۇ، ئاللاھ تارتمايدۇ، پەقەت ئۆزىمىز تارتىمىز. ئاللاھ ھەممىمىزگە سەھىھ ھەدىسلەرگە شەرتلىك ئەمەل قىلىدىغان بىدئەتچىلەردىن بولۇپ قېلىشتىن سالامەت قىلسۇن. رەببىم ھەر بىرىمىزنى ئاللاھقا شەرتسىز ئىمان ئېيتقان، رەسۇلۇللاھقا شەرتىسز باش ئەگكەن ھەقىقىي مۆمىنلەردىن قىلسۇن.
سەئد ئىبنى ئەبۇ ھەسەندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئولتۇرغان ئىدىم، بىرەيلەن كىرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:«ئى ئابباسنىڭ ئاتىسى! مەن قولۇمدىكى ھۈنىرىمگە تايىنىپ تۇرمۇشۇمنى قامدايمەن، مەن رەسىم سىزىمەن» دېدى. ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا، مەن ساڭا پەقەت رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغان مۇنۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بېرەي. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىدىكەن ياكى ھەيكىلىنى ياسايدىكەن، قىيامەت كۈنى تاكى ئۇ سىزغان رەسىمىگە جان كىرگۈزگەنگە قەدەر ئاللاھ ئۇنى ئازابلايدۇ. ھالبۇكى، ئۇ سىزغان رەسىمىگە ياكى ياسىغان ھەيكىلىگە ھەرگىزمۇ جان كىرگۈزەلمەيدۇ.» بۇنى ئاڭلاپ ھېلىقى كىشى ئاھ چەكتى ۋە چىرايى تاتىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا:«ۋاي ساڭا! ئەگەر سەن رەسىم سىزىش خىيالىڭدا چىڭ تۇرساڭ، دەرەخلەرنى ۋە باشقا جانسىز نەرسىلەرنى سىزىشىڭنى بۇيرۇيمەن» دېگەن. (بۇخارى 2225)
ئىمام ئىبنى ھەجەر فەتھۇل بارىدا مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلار جانلىقنىڭ سۈرىتىنى سىزىدىغان، ھەيكىنى ياسايدىغانلاردۇر.» دېگەن بۇ ھەدىس جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزغان كىشىگە بېرىلىدىغان ئازابنىڭ فىرئەۋن خانىدانىغا تەۋە كىشىلەرگە بېرىلىدىغان ئازابتىنمۇ قاتتىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:«فىرئەۋنى خانىدانىنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار.»
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: ئىلىم ئەھلى مۇنداق دېگەن: جانلىققا سۈرەت ياكى شەكىل بېرىش قاتتىق ھارام ۋە چوڭ گۇناھلار جۈملىسىدىن. چۈنكى، جانلىققا جانلىققا سۈرەت ياكى شەكىل بەرگۈچى توغرۇلۇق ھەدىستە ئېغىر تەھدىت (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازاب) بايان قىلىنغان. جانلىققا جانلىققا سۈرەت ياكى شەكىل بەرگۈچى جانلىقنىڭ رەسىمىنى ياكى شەكلىنى مەيلى ئۇنى خورلاش، ھاقارەت قىلىش ئۈچۈن سىزغان ياكى ياسىغان بولسۇن، مەيلى باشقا مەقسەدتە سىزغان ياكى ياسىغان بولسۇن، قىلمىشى بەرىبىر چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. كىشىنىڭ جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىشى ياكى ھەيكىلىنى ياسىشى ھەر قانداق ئەھۋالدا ھارام. سىزغان رەسىمى مەيلى كىيىمدە، مەيلى سېلىنچا، مەيلى دىرھەم، مەيلى دىنار، مەيلى پارچە پۇل، مەيلى ساقلاش ئەسۋابلىرى، مەيلى باشقا نەرسە ئۈستىدە بولسۇن بەرىبىر ھارامدۇر. جانسىز نەرسىلەرنىڭ رەسىمىنى سىزىش ھارام ئەمەس (رۇخسەت). [رىيازۇس سالىھىن]
شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ