قاتناش ۋەقەسىدە ھوشىدىن كەتكەن كىشى ئوقۇيالمىغان نامازلىرنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟
سوئال: بەزى كىشلەر قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچۇرغاندىن كېيىن، بىر قانچە كۈن مېڭە سىلكىنىش ۋە ھوشىدىن كېتىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشلەر ھوشۇغا كەلگەندىن كېيىن ئوقۇيالمىغان نامازلىرنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك بولامدۇ؟
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن
جاۋاب: ئەگەر ئۈچ كۈن ياكى ئۇنۇڭدىن ئاز ۋاقىت ھۇشسىز بولغان بولسا نامازلىرنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك. چۈنكى بۇ ۋاقىت ئىچىدىكى ھۇشسسۇزلۇق ئۇيقۇغا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ۋاقىت نامىزنى قازا قىلىشقا توسالغۇ بولالمايدۇ.
چۈنكى ساھابىلەردىن بەزىلىرى ئۈچ كۈندىن ئازۋاقىت ھۇشىدىن كەتكەن ۋە نامازلىرنى قازاسىنى قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغاندۇر. پەقەت بۇ ۋاقىت ئۈچ كۈندىن كۆپ بولسا نامازلىرنىڭ قازاسىنى قىلمىسىمۇ بولىدۇ.
چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ جەھەتتە بۇنداق دېگەن:« ئۈچ تۈرلۈك كىشىدىن قەلەم كۆتۈرلۈپ كەتكەن:ئۇخلاۋاتقان كىشى ئويغانغانغا قەدەر. كىچىك بالا بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر.ئەقلىدىن كەتكەن كىشى(ساراڭ) ئەقلىگە كەلگەنگە قەدەر.(ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە)
ھۇشىدىن كەتكەن كىشى بەگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەقلىدىن مەھرۇم قېلىش جەھەتتە ساراڭنىڭ ھۆكۈمىدە بولىدۇ.
( مەنبە: شەيىخ بىن باز: ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىغا ئالاقىدار سوئال جاۋاپ ، ناماز بۆلىمى 16-پەتىۋا 120-بەت)
