پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
سوئال: قۇنۇد دۇئاسىدا قولىنى كۆتۈرۈش سۈننەتمۇ، دەلىلى بىلەن ئېيتىپ بەرگەن بولسىلا؟
جاۋاب: شۇنداق، كىشى قۇنۇت دۇئاسنى ئوقۇغاندا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشى سۈننەتتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بالا-مۇسىبەت دەۋىرلىرىدە پەرىز نامازلىرىدا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان. يەنە سەھىھ رىۋايەتلەردە مۆئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ ۋىتىر نامىزىنىڭ قۇنۇتىدا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھ ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان راشىد خەلىپىلەرنىڭ بىرىدۇر.
دېمەك، مەيلى ئىمام بولسۇن ياكى ئىمامغا ئەگەشكەنلەر بولسۇن ۋەياكى يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشى بولسۇن ۋىتىر نامىزىنىڭ قۇنۇتىدا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش سۈننەت ھېسابلىندۇ. (مەنبە: ئىمام ئىبنى ئۈسەيمىن ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىغا ئالاقىدار پەتىۋالار 227- پەتىۋا)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
