ئۆمرە ھەج ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندىن كېيىن ھەيىز بولۇپ قالغان ئايالنىڭ ھۆكۈمى نېمە

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

سوئال: بىر ئايال ئۆمرە ھەج قىلىش ئۈچۈن ئىھرامغا كىردى ۋە مەككىگە بارغاندىن كېيىن ھەيىز بولۇپ قالدى. ئايالنىڭ مەھرىمى يولغا چىقىشقا مەجبۇر ئايالنىڭ مەككىدە ھىچ مەھرىمى يوق . بۇنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟

جاۋاب: بۇ ئايال ئەگەر سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشىسا مەھرىمى بىلەن بىرلىكتە يولغا چىقىدۇ ۋە ئېھرامدىن چىقىدۇ. ھەيىزدىن پاكلانغاندىن كېيىن تەكرار مەككىگە قايتىپ ئۆمرىسىنى قىلىدۇ. چۈنكى، مەككىگە قايتىش قولاي، ھېرىپ چارچاش ۋە پاسپورتقا ئېھتىياجى يوقتۇر. پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سىرتىدىن كەلگەن ۋە مەككىگە قايتا كېلىشى تەس بولغان ئەھۋال ئاستىدا، فەجىرگە  پاختىغا ئوخشاش بىر نەرسنى  چىڭ باغلاپ  بەيتۇللاھنى تاۋاف قىلىدۇ ۋە  سەفا مەرۋىنى سەيىنى  قىلىدۇ، چېچىنى قىسقارتىدۇ. شۇنداقلا بىرلا ۋاقىتتا ئۆمرىنى تاماملىغان بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئايال  ھەيىزدار ھالىتىدە تاۋاف قىلىشقا ئېھتىياجلىق. زۆرۈرىيەت دىننىڭ مۇشاققەت كەلتۈردىغان نەرسىلەرنى مۇباھ قىلىدۇ. (مەنبە: ئەللامە ئىبنى ئۈسەيمىن، ھەيىز ۋە نىفاس توغرۇلۇق ئاتمىش سۇئالغا جاۋاپ، 49-پەتىۋا)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ