ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە سورالغان سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
قۇرئاننىڭ ھەممە ئايەت-سۈرىلىرى شىپادۇر. قۇرئاندىكى ئەڭ ئۇلۇغ سۈرە بولغان فاتىھە سۈرىسىنى كامىل ئىمان بىلەن تەكرار تەكرار ئوقۇش ۋە كېسەلگە سۈپلەش ئارقىلىق شىپالىق ئىزدەش شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن. ساھابىلەردىن بىرى چايان چېقىۋالغان ئەرەپ قەبىلە باشلىقىدىن بىرىنى سۈرە فاتىھە بىلەن شىپا قىلىپ داۋالىغان. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەستىقلىغان. شىپا كۆزلەپ سۈرە فاتىھەنى، ئايەتەل كۇرسىنى، بەقەرەنىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرىنى ئوقۇشمۇ ئوخشاشلا يوللۇق. سۈرە ئىخلاس، سۈرە فەلەق، سۈرە ناستىن ئىبارەت ئاخىرقى ئۈچ سۈرىنى شىپالىق نىيىتىدە ئوقۇش بەك ياخشىدۇر.
قۇرئاننىڭ ھەممىسى شىپا بولۇپ، كىشى ئۆزىگە قولاي بولغان شەكىلدە سۈرە بەقەرەدىن، سۈرە ئالى ئىمراندىن، سۈرە نىسادىن، سۈرە مائىدەدىن ياكى قۇرئاننىڭ باشقا قىسىمىدىن شىپا نىيىتىدە ئوقۇش يوللۇق.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاننىڭ شىپا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:
﴿ قُلْ هُوَ لِلَّذِينَ آمَنُوا هُدًى وَشِفَاءٌ ﴾
﴿ ئېيتقىنكى، قۇرئان مۆمىنلەرگە يولباشچىدۇر ۋە شىپادۇر. ﴾
— سۈرە فۇسسىلەت، 44 – ئايەت
﴿ وَنُنَزِّلُ مِنَ الْقُرْآنِ مَا هُوَ شِفَاءٌ وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ ﴾
﴿بىز مۆمىنلەرگە شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلماقتىمىز.﴾
— ئىسرا سۈرىسى، 82 – ئايەت
قۇرئاننىڭ نەرىدىن ئوقۇساق ئوخشاشلا شىپا. لېكىن، ئەڭ مۇھىم شىپا سۈرە فاتىھە، ئايەتەل كۇرسى، سۈرە ئىخلاس، سۈرە فەلەق، سۈرە ناس قاتارلىقلاردۇر. كېسەلگە بۇلارنى ئوقۇش كېسەل ئۈچۈن شىپالىقتۇر.
— ئەرەپچىدىن قۇدرەت بارات تەرجىمىسى
مەنبە: https://binbaz.org.sa/fatwas/16666/الايات-والسور-التي-يرقى-بها-المريض