مەشھۇر ئىسلام ئالىمى، فەقىھ ۋە تەپسىرشۇناس ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
بىلىشىمىز لازىمكى، خىنە (قويغان ئەزالار ئايال كىشى ئۈچۈن) زىننەت جۈملىسىدىن بولۇپ، ئايال كىشى ئۆزىنىڭ خىنە قويغان ئەزاسىنى ئاللاھ ئۇنىڭ زىننەتلىرىنى كۆرۈشى ھالال بولغان كىشىلەردىن باشقىسىغا كۆرسىتىشى دۇرۇس ئەمەس. يەنى، ئايال كىشى ئۆز زىننەتلىرىنى يات ئەرلەرگە كۆرسەتمەسلىكى لازىم. مەسىلەن، ئايال كىشى بىر ئېھتىياج سەۋەبلىك بازارغا چىقماقچى بولغىنىدا، ئەگەر پۇتىغا خىنە قويغان بولسا پۇتىغا پايپاق كىيىشى لازىم. شۇندىڭدەك، قوللىرىغا خىنە قويغان بولسا، قوللىرىنى يېپىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەگەر بىر ئايال كىشىنىڭ ئەتراپىدا يات ئەرلەر بولسا، بۇنداق ئايال مەيلى قوللىرىغا خىنە قويغان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، قوللىرىنى يېپىشى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ھۆكۈمدۇر.» (نۇرۇن ئەلەد دەرب پەتىۋالىرى، 7\2) | mujtehid.com
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
