ئانام ئايالىڭنى قويىۋېتىسەن دەيدۇ، ماقۇل دېمىسەم گۇناھ بولىمەنمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى
سوئال: ئىسىم قىسقارتىلمىسى خ. م. م بولغان بۇ خانىم مۇنداق سوراۋاتىدۇ:
مەن مەككە مۇكەررەمەدە ئولتۇراقلاشقان مىسىرلىق ئايال. مەن دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق مۇنداق:
مەن دىنغا ئەمەل قىلىدىغان بىر ياشقا تەگمەكچى بولغان ئىدىم. ئەمما نىكاھىمىزدىن ئۇنىڭ ئانىسى رازى ئەمەس ئىدى. كېيىن ئانىسى تويىمىزغا رازىلىق بىلدۈرۈپ، نىكاھىمىزغا قاتناشتى ۋە ئائىلىمىزگە بەرىكەت تىلىگەن ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن يولدىشىمنىڭ ئانىسىنىڭ مەن ھەققىدىكى پىكىرى ئۆزگۈرۈپ قالدى. چۈنكى، بىر شەخس ئانىسىغا مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانىسى تويىمىزنىڭ بولۇشىغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ، توينى بىكار قىلىۋەتمەكچى بولدى.
شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بىز يەنىلا توي قىلدۇق. يولدىشىمنىڭ ئانىسىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يۇمشاپ، ئوڭشىلىپ قېلىشىنى ئۈمۈت قىلدۇق.
ھازىر توي قىلغىنىمىزغا تۆت يىل بولدى. يولدىشىم بۇ جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئانىسىنىڭ پاسسىپ ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئانىسى يەنىلا مېنى رەت قىلىش ھالىتىدە، ئۇنىڭ بىردىنبىر تەلىپى يولدىشىمنىڭ مېنى قويىۋېتىشى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
مەن ھازىر يولدىشىمدىن بولغان ئىككى بالام بىلەن بىرلىكتە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز.
ئەگەر يولدىشىم مېنى قويىۋەتمىسە، ئانىسىغا ئىتائەتسىزلىك قىلغان ھسابلىنامدۇ؟ بۇ جەھەتتىكى ھۆكۈم قانداق؟
ئىمام ئىبنى بازنىڭ جاۋابى:
ئەگەر نىكاھ شەرىئەتكە ئۇيغۇن رەۋىشتە روياپقا چىققان بولسا، ئېرىڭىز سىزنى قويىۋەتمەسلىك سەۋەبلىك گۇناھكار بولمايدۇ، ئانىسىغا ئىتائەتسىزلىك قىلغان بولمايدۇ.
ئەكسىچە، ئەرنىڭ ئانىسىغا ۋاجىپ بولغىنى — كېلىن بولغۇچى تەرەپنىڭ دىنىدا مەسىلە بولمىغانلىكى تەقدىردە — تويغا قارشىلىق قىلىشنىڭ ئەكسىچە، تويۇڭلارغا ھەمدەم بولۇشتۇر. بۇ خىل ئەھۋالدا (يەنى كېلىن تەرەپنىڭ دىنىدا مەسىلە بولمىغان ئەھۋالدا) ئانا بولغۇچىنىڭ ئوغلىنىڭ تويىغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەققى بولمايدۇ.
نىكاھ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھالدا قىلىنغان ۋە قىز بىلەن ئوغۇلنىڭ نىكاھلىنىشىنى توسىدىغان شەرئىي چەكلىمىلەر بولمىغان ئەھۋالدا، ئوغۇل قىزنى ئېلىشتا چىڭ تۇرسا، ياخشى قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، ئوغۇل بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ ئۇنىڭغا پەرز قىلغان ئىپپىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايدۇ.
ئوغۇلنىڭ ئانىسىغا ۋاجىپ بولغىنى ئاللاھقا تەۋبە قىلىشتۇر، ئوغلى بىلەن كېلىنىنىڭ ئۆي تۇتۇشىنى چەكلىمەسلىكىدۇر، ئوغلىدىن ئايالىنى قويىۋېتىشنى تەلەپ قىلماسلىقىدۇر.
ئەمما تالاق قىلىشىنى تەلەپ قىلىشىنى يوللۇق قىلىدىغان سەۋەب بولسا ئۇ باشقا.
مەسىلەن، كېلىن بولغۇچى تەرەپ دىندارلىق جەھەتتە قۇسۇرلۇق بولسا، ئۇ ھالدا ئانىنىڭ ئوغلىنى ئۇنداق ئايال بىلەن توي قىلىشتىن توسۇش ھەققى بولىدۇ.
بۇ سوئالنى سورىغۇچى قىزىمىز گۇناھ – مەئسىيەتتىن قول ئۈزمەيدىغان، ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىشتا قۇسۇرلۇق يول تۇتىدىغان ھالەتتە بولسا، ئانىسى مۇشۇ سەۋەبلىك ئايالىڭنى قويۇۋەت دەپ تەلەپ قىلغان بولسا، ئۇ ھالدا ئوغۇلنىڭ مۇشۇ خىل ئەھۋالدا ئانىسىغا ئىتائەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ياخشى يولدا ماڭمىغان بۇنداق ئايالىنى قويىۋېتىشى كېرەك بولىدۇ.
خۇلاسىكالام، توي قىلىش بەندىدىن تەلەپ قىلىنغان ئىشتۇر. ئوغۇل ئاتا – ئانىسى توي قىلما دەپ رەت قىلغان تەقدىردىمۇ، توي قىلىشى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز ئىپپىتىنى قوغدىشى كېرەك. ئاتا – ئانا بولغۇچى پەرزەنتىنىڭ توي قىلىشغا ياردەمچى بولۇشى كېرەك.
ئەمما، كېلىن بولغۇچى تەرەپ دىندار بولمىسا، ئۇ ھالدا ئوغۇل بولغۇچىنىڭ باشقا دىندار ئايالنى تاللىشى، ئاتا – ئانىسىغا ئىتائەتسىزلىك قىلماسلىقى كېرەك بولىدۇ.
— ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ پەتىۋاسى | مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى mujtehid.com
