ھەج – ئۆمرە قىلغان ئايال يۈزىنى ياپامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ
سوئال: ھەج – ئۆمرە قىلغان ئايال تاۋاپ ۋە سەئىي جەريانىدا رومال بىلەن يۈزىنى ياپامدۇ؟
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزاننىڭ جاۋابى:
شۇنداق، ھەج – ئۆمرە قىلغان ئايال كىشى نىقاب ياكى بۇرقا بىلەن ئەمەس، رومال بىلەن يات ئەرلەردىن يۈزىنى ياپىدۇ. بۇنداق قىلىش ھەج – ئۆمرە قىلغان ئايال كىشى ئۈچۈن پەرز. ئايال كىشىنىڭ مەيلى ھەج – ئۆمرە جەريانىدا بولسۇن، ياكى نامازدا بولسۇن، ياكى باشقا ئەھۋالدا بولسۇن (يات ئەرلەر ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەر قانداق ئەھۋالدا) يۈزىنى يېپىشى پەرز.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
