قەبرىپەرەسلەرنى مۇشرىك دېيىش ئاشقۇنلۇقمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ
سوئال: پەزىلەتلىك شەيخ، قەبرىگە ئىبادەت قىلىدىغان (يەنى قەبرىدىكى ئۆلۈكلەردىن ھاجەت سورايدىغان)، قەبرىپەرەسلىك يولىدا ماڭغان ھەر قانداق شەخس كاپىر ھېسابلىنامدۇ؟
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزاننىڭ جاۋابى:
بۇنداق بىرىنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىدىن شەكلىنەمسىز؟ قەبرىگە چوقۇنىدىغان كىشى كاپىر بولماي نېمە بولىدۇ؟ ئەگەر بۇنداقلارنى كاپىر – مۇشرىك بولمىسا، ئۇ ھالدا شىرك، كۇفۇر دېگەن زادى نېمە؟ بۇنداقلارنى كاپىر – مۇشرىك دېمەيمىز دېيىش كۈنىمىزدە راۋاج تاپقان مۇرجىيلىق شۈبھەلىرىدۇر. قەبرىپەرەسلەر كاپىر – مۇشرىك ئەمەس دېگەن گەپنى مۇرجىيلار بازارغا سالغان. بۇنداق گەپلەر سىلەرنى ھەرگىز قايمۇقتۇرۇپ قويمىسۇن.
