«ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر» ئايىتىنىڭ تەپسىرى | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان
سوئال: بۇ سوئال سورىغۇچى سۈرە زۇخرۇفتىكى «ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر، ئاللاھ ھەكىيمدۇر، ئەلىيمدۇر» ئايىتىنىڭ تەپسىرىنى سوراۋاتىدۇ.
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزاننىڭ جاۋابى:
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ «ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر» دېگەن سۆزىنىڭ تەپسىرى شۇكى، ئاللاھ ئاسماندا ئىلاھتۇر، شۇنداقلا زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر. يەنى، ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىبادەت قىلىنىدىغان مەئبۇدتۇر، زېمىندىمۇ ئىبادەت قىلىنىدىغان مەئبۇدتتۇر. ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارچە بەندە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ئىبادەت قىلىدۇ، دېگەن مەنىدە.
— مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ پەتىۋالىرى | mujtehid.com
