ئايال كىشىنىڭ يۈزى ئوچۇق ھالدا كەبىنى تاۋاپ قىلىشى دۇرۇسمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى
سوئال:
بۇ ھەمشىرىمىز مۇنداق سوراۋاتىدۇ. كەبىنى تاۋاپ قىلىش، سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا مېڭىش ۋە ھەجرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش قاتارلىق ئەمەللەرنى يۈزۈمنى ئېچىۋېتىپ ئورۇندىدىم. ئەتراپىمدا ئەرلەر بار ئىدى…
ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى بازنىڭ جاۋابى:
سىزنىڭ قىلىشىڭىز كېرەك بولغىنى بۇ قىلمىشىڭىز ئۈچۈن ئاللاھقا تەۋبە قىلىش ۋە ئاللاھقا ئىستىغفار ئېيتىشتۇر. ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن. ئايال كىشى ئۈچۈن پەرز بولغىنى تاۋاپ ۋە سەئىي جەريانىدا (ۋە نامەھرەم كۆرۈش ئېھتىمالى بولغان ھەر قانداق ئەھۋالدا) يۈزىنى يېپىشىدۇر. سىزنىڭ بۇ جەرياندا يۈزىڭىزنى ئېچىۋېتىشىڭىز سىزدىكى جاھالەت سەۋەبلىك يۈز بەرگەن. بۇ ۋەجىدىن، بۇ قىلمىشىڭىز ئۈچۈن ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ئىستىغفار ئېيتىشىڭىز لازىم. ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن. سىز قىلغان تاۋاپ، سەئىي قاتارلىق ئەمەللەر سەھىھ، ئەلھەمدۇلىللاھ.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
