خانىم – قىزلار يات ئەر بار يەردە يۈزىنى ياپامدۇ؟ | ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان رەھىمەھۇللاھ

خانىم – قىزلار يات ئەر بار يەردە يۈزىنى ياپامدۇ؟ | ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان رەھىمەھۇللاھ

سوئال: خانىم – قىزلارنىڭ يات ئەرلەرگە نىسبەتەن قايسى ئەزالىرى ئەۋرەت ھېسابلىنىدۇ؟

ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەيياننىڭ جاۋابى:

ھۆر ئايال كىشىنىڭ بەدىنىنىڭ ھەممە يېرى يات ئەرلەرگە نىسبەتەن ئەۋرەت ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئايال كىشى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتىدە، ياكى ھەج-ئۆمرە قىلىۋاتقان ھالىتىدە — ئەگەر يات ئەرلەر ئۇنى كۆرمەيدىغان، ئۇمۇ يات ئەرلەرنى كۆرمەيدىغان ئەھۋالدا بولسا — بۇ ئىبادەتلەرنى يۈزى ئوچۇق ھالدا ئادا قىلىدۇ. (ئەكسىچە بولسا، يۈزىنى يېپىۋالىدۇ.)

شۇنداقلا، ئايال كىشى ئۆزىنىڭ مەھرەملىرىنىڭ يېنىدا، ياكى يالغۇز ھالىتىدە، ياكى باشقا ئاياللارنىڭ يېنىدا يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ. ئوخشاشلا، ناماز ئوقۇغان چاغدىمۇ (يات ئەرلەر ئۇ ئايالنى كۆرۈپ قالمايدىغان بولسا) يۈزىنى ئېچىۋېتىپ ناماز ئوقۇيدۇ. تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.

مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=nyi5BBGl80E

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ