ساقال قويۇش سۈننەتمۇ پەرزمۇ؟ | شەيخ ئوسمان خەمىيس پەتىۋاسى
ساقال قويۇش سۈننەت ئەمەس، ۋاجىپ (= پەرز.) ئەھلى ئىلىمنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن پەرز. ساقال چۈشۈرۈش ھارام. ساقال چۈشۈرۈش گۇناھ. شۇنداقلا، ئەرلەرنىڭ كىيىمىنى ھوشۇقىدىن ساڭگىلىتىپ ئۇزۇن كىيىۋېلىشىمۇ ھەم شۇنداق. گەرچە ئىسبال ھەققىدە (يەنى ئەرلەرنىڭ كىيىمنى ئۇزۇن كىيىۋېلىشىنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقى ھەققىدە) ئەھلى ئىلىمنىڭ ئىختىلاپى بولسىمۇ، توغرىسى ئەر كىشىنىڭ كىيىمىنى ھوشۇقتىن ساڭگىلىتىپ ئۇزۇن كىيىۋېلىشى ھارام. سەھىھ ھەدىستە كەلگىنىدەك «ئىككى ھوشۇقنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن قىسىم دوزاختا» (بۇخارى) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق دېگەن.
دىنىي مەسىلىلەردە نەپسىمىزگە خوش ياققىنى بويىچە مۇئامىلە قىلىشقا يول يوق. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: {إِنَّمَا كَانَ قَوْلَ الْمُؤْمِنِينَ إِذَا دُعُوا إِلَى اللَّهِ وَرَسُولِهِ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ أَن يَقُولُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا ۚ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ} {مۆمىنلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىشى ئۈچۈن ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا چاقىرىلغاندا، ئۇلارنىڭ دەيدىغان سۆزى پەقەتلا «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېىشتۇر. مانا مۇشۇنداق قىلغۇچىلار مۇرادىغا يەتكۈزچىلەردۇر.} (نۇر سۈرىسى، 51 – ئايەت)
مانا بۇ ئاساستۇر. دىندىكى ئاساس ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاش ۋە ئىتائەت قىلىشتۇر. بۇ دىندىكى ھۆكۈملەر بىزنىڭ نەپىس – خاھىشىمىزغا بېقىنىمايدۇ.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
