كىشىلەرنى تەۋھىدكە چاقىرمايدىغان دەۋەتچىلەرنىڭ دەۋىتى توغرىمۇ؟ | شەيخ سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
سوئال: كىشىلەرنى تەۋھىدكە چاقىرماي، كۆپىنچە دەرس ۋە خۇتبىلىرىدە گۈزەل ئەخلاق قاتارلىقلارغا چاقىرىدىغان، تەۋھىد ھەققىدە توختالمايدىغان دەۋەتچىلەر ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى قانداق؟
جاۋاب:
بۇنداق دەۋەتنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى يوق. بۇ خىل دەۋەت بېشى يوق بەدەنگە ئوخشايدۇ. بەدەندىن باش كېسىۋېتىلسە بۇ بەدەننىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. شۇنىڭدەك، تەۋھىدسىز دەۋەت باشسىز بەدەنگە ئوخشايدۇ. تەۋھىدسىز دەۋەت پايدىسز ئىش ئۈستىدە ھېرىپ چارچاشتۇر. كىشى تەۋھىدسىز دەۋەتچىنىڭ گۈزەل ئەخلاق دەۋىتىگە ئاۋاز قوشۇپ ئەخلاقى ياخشىلاندى، ناماز ۋە سەدىقىسى كۆپەيدى دەيلى، ئەمما بۇنداق كىشىدە شىرك مەۋجۇت بولسا، ئۇنىڭ بۇ خىل ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسى نۆل بولۇپ كېتىدۇ، ئاللاھ شىرك ئەھلىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ.
ئەمەلنىڭ توغرا ۋە مەقبۇل بولۇشىنى روياپقا چىقىرىدىغان نەرسە تەۋھىدتۇر.
ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋېتىدىغان نەرسە شىركتۇر.
تەۋھىد دەۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. تەۋھىدكە چاقىرىلمىغان دەۋەت — دەۋەت ھېسابلانمايدۇ. ھالبۇكى، تەۋھىدسىز دەۋەتنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى. چۈنكى، تەۋھىدسىز دەۋەت كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. كىشىلەر (تەۋھىدسىز دەۋەت سەۋەبلىك) بەزى ياخشى ئەمەللەرنى تەۋھىدسىز ھالدا قىلىپ قويۇپ ئۆزىنى ھەق ئۈستىدە دەپ قارىۋالىدۇ.
پەيغەمبەرلەر دەۋەتنى تەۋھىد بىلەن باشلىغان. سەن دەۋەت قىلدىم دەپ پەيغەمبەرلەرگە خىلاپ يول تۇتامسەن؟ پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىغا خىلاپ شەكىلدە دەۋەت قىلامسەن؟
بۇ (شەكىلدە كىشىلەرنى ھەقكە چاقىرىش) مۇمكىن ئەمەس.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
{رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەت بىلەن ۋە گۈزەل ۋەز – نەسىھەتلەر ئارقىلىق دەۋەت قىلغىن. ئۇلار بىلەن ئەڭ گۈزەل شەكىلدە مۇنازىرىلەش!} (نەھل سۈرىسى، 125 – ئايەت)
دەۋەت تەۋھىد بىلەن باشلىنىدۇ. پەيغەمبەرلەر دەۋىتىنى تەۋھىدكە چاقىرىش، ئەقىدىنى توغرىلاش بىلەن باشلىدى.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى قەۋمىگە مۇنداق دەۋەت قىلغان:
{ئەي قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ (ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ھەق قىلىدىغان) ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر.} (ئەئراف سۈرىسى 65 – ئايەت)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دەۋەتنى تەۋھىد بىلەن باشلىدى. تەۋھىدكە دەۋەت قىلدى. دەۋەت ئالدى بىلەن تەۋھىدكە چاقىرىش بىلەن ۋە ئەقىدىنى توغرىلاش بىلەن باشلىندۇ.
— ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى | مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
