چوڭ شىرك \ چوڭ كۇفۇر سادىر قىلغۇچىغا دەلىل تۇرغۇزۇش مەسىلىسى | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
سوئال: شىرك سادىر قىلغان مۇسۇلمانغا قانداق ئەھۋالدا ھۆججەت تۇرغۇزلغان بولىدۇ؟ چوڭ شىرك سادىر قىلغان كىشىنى تاكى ئۇنىڭغا ھۆججەت تۇرغۇزۇلمىغانغا قەدەر كاپىر دېمەيمىز، دېيىش توغرىمۇ؟
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزاننىڭ جاۋابى:
ئالدى بىلەن (شۇنى بىلىش لازىمكى)، شىرك سادىر قىلغان كىشىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتاش توغرا ئەمەس.
چوڭ شىرك سادىر قىلغان كىشى مۇسۇلمان دەپ ئاتالمايدۇ. چوڭ شىرك سادىر قىلغۇچىنى مۇشرىك دەيمىز.
ئەمما، كىشىدىن سادىر بولغان شىرك كىچىك شىرك بولسا، مەسىلەن ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلىش، ياكى «ئاللاھ بولمىغان ۋە سىز بولمىغان بولسىڭىز» دېيىش … مۇشۇ تىپتىكى ئىش ياكى سۆزلەر كىچىك شىرك دېيىلىدۇ، بۇنداق كىچىك شىرك سادىر قىلغان كىشى مۇسۇلماندۇر.
ئەمما، چوڭ شىرك سادىر قىلغان كىشىنى مۇسۇلمان دېمەيمىز. چوڭ شىرك سادىر قىلغۇچىنى مۇشرىك دەيمىز.
ئەگەر كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان بولسا، قۇرئاننى ئاڭلىغان، ھەدىسلەرنى ئاڭلىغان، ئۆلىمالارنىڭ ۋەز – تەبلىغلىرىنى ئاڭلىغان بولسا، شۇنداقتىمۇ ئۆزىنىڭ (شىرك) يولى ئۈستىدە داۋام قىلغان بولسا، بۇنداق كىشىنىڭ باتىل قىلمىشىنى ئاڭلايدىغان ھۆججىتىمۇ، ئۆزرىسىمۇ بولمايدۇ. بۇنداق كىشى ھۆججەت تۇرغۇزۇلغان ھېسابلىنىدۇ.
شىرك يوشۇرۇن نەرسە ئەمەس، شىرك ئوچۇق – ئاشكارە ئەمەللەردۇر.
ئاللاھتىن باشقىسىدىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىش، ئاللاھتىن باشقىسى ئۈچۈن (ئىبادەت مەقسىتىدە، ياكى زىياندىن ساقلىنىش مەقسىتىدە) مال بوغۇزلاش، ئاللاھتىن باشقىسىغا نەزىر قىلىش … (قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چوڭ شىرك بولۇپ)، بۇ ئوچۇق – ئاشكارە شىرك ئەمەللەردۇر. بۇلار مەخپىي، ئابستراكىت ئىشلار ئەمەس.
