ئايال كىشى ناماز ئوقۇمايدىغان ئوغلىنى مەھرەم قىلىپ ھەجگە بارسا بولامدۇ؟ | ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان پەتىۋاسى
سوئال: ئايال كىشى ناماز ئوقۇمايدىغان ئوغلىنى مەھرەم قىلىپ ھەجگە ياكى ئۆمرىگە بارسا بولامدۇ؟ ياكى ئۇنىڭ مەھرىمى چوقۇم ناماز ئوقۇيدىغان ئەر كىشى بولۇشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب:
ئەگەر ئايال كىشى ھەج ياكى ئۆمرە قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ ھەج-ئۆمرە قىلىشى ئۈچۈن مەھرىمى بولۇشى شەرت. ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى كاپىر، ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەن مۇرتەد. ناماز ئوقۇمىغۇچى ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەن مۇرتەد بولغانلىقى يۈزىسىدىن، ئۇنىڭ ھەرەمگە كىرىشىمۇ دۇرۇس ئەمەس. بۇ ۋەجىدىن، ھەج – ئۆمرە قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ مەھرەم تۇغقىنى ناماز ئوقۇمايدىغان كاپىر – مۇرتەد بولسا، بۇنداق بىرىنىڭ مەزكۇر ئايالغا مەھرەم بولۇشى توغرا بولمايدۇ. تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.
