ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ أَطِيعُواْ اللّهَ وَأَطِيعُواْ الرَّسُولَ وَأُوْلِي الأَمْرِ مِنكُمْ فَإِن تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللّهِ وَالرَّسُولِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللّهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ ذَلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلاً}
{ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقىمۇ ئىتائەت قىلىڭلار، ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئىگىلىرىگىمۇ ھەم. بىرەر ئىشتا ئىختىلاپلىشىپ قالغىنىڭلاردا، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقۇچىلاردىن بولساڭلار، ئۇ ھالدا شۇ ئىشنىڭ ھۆكمىدە ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا مۇراجىئەت قىلىڭلار، (ئىختىلاپ پەيتىدە) مانا مۇشۇنداق قىلىش ياخشىلىقتۇر، (بۇنداق قىلىشتىن) كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت ئەڭ گۈزەلدۇر.} — سۈرە نىسا، 59 – ئايەت
***
ئىمام مۇسلىمنىڭ سەھىھۇل مۇسلىمدىكى تۆۋەندىكى ھەدىسكە قويغان باب ماۋزۇسى:
(٩٤) – (بَابُ بَيَانِ أَنَّ مَنْ مَاتَ عَلَى الْكُفْرِ، فَهُوَ فِي النَّار، وَلَا تنالُهُ شَفَاعَة، وَلَا تَنْفَعُهُ قَرَابَةٌ)
كۇفۇر ئۈستىدە ئۆلگەن كىشىنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقى، شاپائەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى، تۇغقاندارچىلىق ۋە يېقىن – يورۇقلۇقنىڭ ئۇنىڭغا پايدا بەرمەيدىغانلىقى بابى
عَنْ أَنسٍ، أَنَّ رَجُلًا قَالَ: يَا رَسُولَ الله، أَيْنَ أَبِي؟ قَالَ: «في النَّارِ»، فَلَمَّا قَفَّى دَعَاهُ، فَقَالَ: «إِنَّ أَبِي وَأَبَاكَ فِي النَّارِ»
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى «ئى رەسۇلۇللاھ! دادام (نىڭ ئاخىرەتتىكى ئورنى) قەيەردە؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «دوزاختا» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ مېڭىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى چاقىرىپ «مېنىڭ دادام ۋە سېنىڭ داداڭ دوزاختا بولىدۇ» دېدى. (سەھىھۇل مۇسلىم 506 – ھەدىس)
ئەللامە مۇھەممەد ئادەم ئەسيۇبى رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھى:
قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئاشۇ كىشىگە يەتكەن ئېغىر خەۋەر سەۋەبلىك ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېيتقان سۆزىدۇر. رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئۆزىنى ئۈلگە قىلىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق، ئۆز ئاتىسى ھەققىدىكى مۇسىبىتىنى ئۇنىڭغا يېنىكلىتىپ قويدى.» (قۇرتۇبىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشتى)
مۇھەممەد ئادەم ئەسيۇبى رەھىمەھۇللاھ ھەدىسنىڭ شەرھىنىڭ داۋامىدا مۇنداق دەيدۇ:
بۇ ھەدىستىن چىقىدىغان بەزى ھۆكۈملەر:
بىرىنچىدىن: كىمكى كۇفۇر ئۈستىدە ئۆلسە، ئۇ دوزاختىدۇر. ئاللاھقا يېقىن بولغان كاتتا كىشىلەرنىڭ تۇغقانچىلىقىنىڭ ئۇنىڭغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ.
ئىككىنچىدىن: «فەترەت» دەۋرىدە (پەيغەمبەرلەر ئارىلىقىدىكى بوشلۇق مەزگىلىدە) ئەرەبلەرنىڭ (جاھىلىيەت) ئادىتى بويىچە بۇتلارغا چوقۇنۇپ ئۆلگەنلەر دوزاخ ئەھلىدىندۇر. بۇ، دەۋەت يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن جازالاش ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى ئۇلارغا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ — ئۇلارغا ئاللاھنىڭ سالات ۋە سالاملىرى بولسۇن — دەۋىتى (ئەسلىي ئاساسى بىلەن) يېتىپ كەلگەن ئىدى.
ئۈچىنچىدىن: بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەر بىلەن بولغان گۈزەل مۇئامىلىسى ۋە ئېسىل ئەخلاقى بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك: «سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاق ئۈستىدىدۇرسەن.» (قەلەم سۈرىسى، 4-ئايەت) چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىنىڭ مۇسىبىتىنىڭ ئۆزىگە ئىنتايىن ئېغىر كەلگەنلىكىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشنى ۋە دەردىنى يېنىكلىتىشنى خالىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش مۇسىبەتتە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۈلگە قىلىش (ئۆزىدىن تەسەللىي تېپىش) ئارقىلىق تەمكىن بولۇشىنى كۆزلىدى.
تۆتىنچىدىن: ئىمام ئىبنى ھىببان رەھىمەھۇللاھ ئېيتقاندەك: «بۇ ھەدىستە، قۇرئان ۋە سۈننەت مەنئى قىلمىغان (شەرىئەت دائىرىسىدىكى) يوللار بىلەن مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنىڭ مۇستەھەبلىكىگە دەلىل باردۇر». (نەقىل تۈگىدى).
ئەللامە ئەسيۇبى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
[ئەسكەرتىش]
ئەگەر سىز بىرەر ئىشتىن ھەيران قالىدىغان بولسىڭىز، مۇشۇنداق سەھىھ ھەدىسلەر سابىت بولۇپ تۇرۇقلۇق، سۇيۇتىغا ئوخشاش بەزى كېيىنكى دەۋر ئالىملىرىنىڭ — پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ نىجات تاپقانلىقىنى دەۋا قىلىپ — بۇ سەھىھ ھەدىسلەرنى رەت قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىغا ھەقىقەتەن ھەيران قالىسىز. ئۇلار بۇ سەھىھ ھەدىسلەرنى بىمەنە تەئۋىللەر بىلەن، زورۇقۇپ يۈرۈپ رەت قىلدى، ھەمدە ئۆز دەۋالىرىغا ئىنتايىن ئاجىز ھېكايىلەرنى ۋە باشقا ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى دەلىل قىلدى. ھالبۇكى، بىزنىڭ ئۇلۇغ شەرىئىتىمىز بۇنداق ئەپسانىلەر ئۈستىگە قۇرۇلمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ خىل ئەپسانىلەر سەھىھ ناسلارغا (ئايەت – ھەدىسلەرگە) تۈپتىن زىتتۇر. مەسىلەن، سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
حَبَا اللهُ النَّبِيَّ مَزِيدَ فَضْلٍ … عَلَى فَضْلٍ وَكَانَ بِهِ رَؤُوفَا
فَأَحْيَا أُمَّهُ وَكَذَا أَبَاهُ … لإِيمَانٍ بِهِ فَضْلًا لَطِيفَا
فَسَلِّمْ فَالْقَدِيمُ بِذَا قَدِيرٌ … وَإِنْ كَانَ الْحَدِيثُ بِهِ ضَعِيفَا
يۇقىرىقى بىيىتلارنىڭ مەنىسى:
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كاتتا نېمەت ئۈستىگە يەنە نېمەت ئاتا قىلدى، چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىنتايىن مېھرىباندۇر.
(ئاللاھ) رەسۇلۇللاھنىڭ ئاتا ئانىسىنى، رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتىشى ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈردى، بۇ ئاللاھ ئۇنىڭغا قىلغان بۈيۈك ۋە گۈزەل مەرھەمىتىدۇر.
سەن بۇ ئىشقا (ئېتىراز بىلدۈرمەي) تەسلىم بول، چۈنكى ئەزەلىي بولغان ئاللاھ بۇنىڭغا ئەلۋەتتە قادىردۇر، گەرچە بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىس (رىۋايەت) زەئىپ بولسىمۇ. (سۇيۇتىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشتى)
مۇھەممەد ئادەم ئەسيۇبى رەھىمەھۇللاھ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
سۇيۇتى بۇ ھەقتە «مەسالىكۇل ھۇنەفا فى ۋالىدەيىل مۇستافا» دەپ ئاتالغان بىر رىسالە يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا (نۇرغۇنلىغان) زەئىپ ھەدىسلەرنى ۋە ئىنتايىن ئاجىز خەۋەرلەرنى توپلىغان. ئۇ بۇ ئارقىلىق يۇقىرىقىدەك سەھىھ ھەدىسنى ۋە تۆۋەندىكى سەھىھ ھەدىسنى رەت قىلىشقا ئۇرۇنغان: «استأذنت ربي في أن أستغفر لها، فلم يؤذن لي، واستأذنته في أن أزور قبرها، فأذن لي …» «رەببىمدىن ئانام ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەشكە رۇخسەت سورىغان ئىدىم، ماڭا رۇخسەت قىلمىدى. ئۇنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت سورىغان ئىدىم، ماڭا رۇخسەت قىلدى.» (بۇنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە بولسا مۇنداق كەلگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە يىغلىدى، ئەتراپىدىكىلەرمۇ يىغلىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: «ئانام ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەشكە رەببىمدىن رۇخسەت سورىدىم، ماڭا رۇخسەت قىلىنمىدى. ئۇنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت سورىۋىدىم، رۇخسەت قىلىندى…»
سۇيۇتى مۇشۇنداق سەھىھ ھەدىسلەرگە ئاشۇ ئاجىز رىۋايەتلەر بىلەن قارشى چىقتى. ھەتتا ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ تاكى ئۆز ئاتىسىغىچە بولغان بارلىق ئەجدادلىرىنىڭ تەۋھدد ئۈستىدە بولغانلىقىنى ۋە ھەممىسىنىڭ نىجات تاپقانلىقىنى دەۋا قىلدى.
سۇيۇتىنىڭ ئاشۇ رىسالىسىدىكى ئەڭ غەلىتە تەرەپلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسى ھەققىدىكى قىسسىنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ، ئۇنى ئاتىسى ئەمەس، بەلكى «تاغىسى» ئىدى دەپ دەۋا قىلغان. ھالبۇكى، ئۇلۇغ كىتابىمىز (قۇرئان كەرىم)نىڭ بىر قانچە ئايەتلىرىدە ئۇنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكى ئېنىق بايان قىلىنغان. بۇ ھەقىقەتەن بەكمۇ ھەيران قالارلىق ئىشلاردىن بىرى.
خۇلاسىلىگەندە، سۇيۇتىنىڭ ئۇ رىسالىسىدە بىر تۈركۈم غەلىتە ۋە بىمەنە قاراشلار بار بولۇپ، ئۇ ئېنىق ۋە سەھىھ دەلىللەرنى بىمەنە تەئۋىللەر ئارقىلىق ئەسلى مەقسەتتىن باشقا تەرەپكە بۇرۇۋەتكەن، ھەمدە ئۆزى زەئىپلىكىنى ئېتىراپ قىلغان زەئىپ رىۋايەتلەر بىلەن (سەھىھ ھەدىسلەرگە) قارشى چىققان.
بۇ كىتابنىڭ (سەھىھ مۇسلىمنىڭ) شەرھلىگۈچىلىرىدىن قازى ئىياز، قۇرتۇبىي ۋە نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھلار بولسا ناھايىتى توغرا ۋە جايىدا ئىش قىلغان. چۈنكى ئۇلار بۇ خىل بىمەنە تەئۋىللەرگە (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئاتا – ئانىسى مۇسۇلمانتى، تەۋھىد ئەھلىتى، دېگەندەك ئاساسىز گەپلەرگە) زادى يېقىنلاشمىغان. پەقەت الأبيّ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، ئۇ توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەن. شۇ سەۋەبتىن سۇيۇتى ئۆز رىسالىسىدە ئۇنىڭغا تايانغان، ھەمدە يۇقىرىقى كاتتا ئالىملارنىڭ قاراشلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەن. ھالبۇكى، سەھىھ مۇسلىمنى شەرھلىگەن باشقا ئالىملار (ھەقىقەتنى) ئېنىق بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «بۇ ھەدىستىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كىمكى كۇفرى ئۈستىدە ئۆلسە، ئۇ دوزاختىدۇر. ئاللاھقا يېقىن بولغان كاتتا كىشىلەرنىڭ تۇغقانچىلىقىنىڭ ئۇنىڭغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. شۇنداقلا، ”فەترەت» (ئىسا ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرى ئارىسىدىكى ھېچبىر پەيغەمبەر بولمىغان) دەۋرىدە ئەرەبلەرنىڭ (جاھىلىيەت) ئادىتى بويىچە بۇتلارغا چوقۇنۇپ ئۆلگەنلەر دوزاخ ئەھلىدىندۇر.»
بۇ ھېچقانداق شەك-شۈبھە بولمىغان ھەقىقەتتۇر. ئۇنىڭدىن باشقىسى بولسا، شەرئىي دەلىللەرنى زاھىرىي مەنىسىدىن بۇراش ئارقىلىق، توغرا يولدىن ئاداشتۇرىدىغان چەكتىن ئېشىشتۇر. شۇڭا ئادالەت بىلەن كۆزىتىڭ، توغرا يولدىن چەتنىگەنلەرگە قارىغۇلارچە ئەگىشىپ (باتىلغا) تەۋەككۈل قىلماڭ. (ئەللامە ئەسيۇبىنىڭ ھەدىسكە قىلغان شەرھى ئاخىرلاشتى.)
ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي سەھىھۇل مۇسلىم شەرھىدە مۇنداق دېگەن: «رەببىمدىن ئانام ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەشكە رۇخسەت سورىغان ئىدىم، ماڭا رۇخسەت قىلمىدى؛ ئۇنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت سورىغان ئىدىم، ماڭا رۇخسەت قىلدى» دېگەن ھەدىسكە كەلسەك،بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىلىدۇ:
زاھىرىي مەنا شۇكى، ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىغا) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى يېتىپ كەلگەن ئىدى. بۇ خۇددى: «مېنىڭ ئاتاممۇ، سېنىڭ ئاتاڭمۇ دوزاختىدۇر» دېگەن ھەدىسكە ئوخشايدۇ. (مەنبە: «تەۋفىقۇررەببىل مۇنئىم بىشەرھى سەھىھۇل ئىمام مۇسلىم»، 3-توم، 84-بەت)
ئىمام ئىبنى ھۇبەيرە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «رەببىمدىن ئانام ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەشكە رۇخسەت سورىغان ئىدىم، ماڭا رۇخسەت قىلمىدى؛ ئۇنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت سورىغان ئىدىم، ماڭا رۇخسەت قىلدى.» بۇ ھەدىستە: مۇشرىكلار ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەشنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىمۇ بۇنىڭغا دەلىلدۇر: «پەيغەمبەرگە ۋە مۆمىنلەرگە مۇشرىكلار ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەش دۇرۇس ئەمەس» (تەۋبە سۈرىسى، 113-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) ئەمما قەبرە زىيارىتىگە كەلسەك، ئۇ (ئۆلۈمنى ئەسلەش ئارقىلىق) ۋەز-نەسىھەت ئېلىشتۇر. (ئىمام ئىبنى ھۇبەيرە: «ئەلئىفساھ ئەن مەئانىل سىھاھ»، 8-توم، 136-بەت)
شەيخ سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى مۇنداق دەيدۇ:
رەسۇلۇللاھنىڭ (ئانىسى ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەش ھەققىدىكى): «ماڭا رۇخسەت قىلمىدى» دېگەن سۆزىگە كەلسەك، ئىمام شەۋكانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەدىستە ئىسلام دىنىدىن باشقا بىر دىن ئۈستىدە ئۆلگەن كىشى ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىگە دەلىل باردۇر». بۇ ھەدىسنىڭ زاھىرىي مەناسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسلامدىن باشقا دىندا ۋاپات بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كۆپچىلىك (جۇمھۇر) ئۆلىمالارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى مەيدانىدۇر.
يەنە بىر قاراشتا: «ئۇلار «فەترەت» ئەھلىدىندۇر، فەترەت ئەھلىگە ئازاب بولمايدۇ» دېيىلگەن. لېكىن بۇ (خەۋەرنىڭ زاھىرىغا زىت بولغانلىقى ئۈچۈن) خاتا قاراشتۇر. يەنە بەزىلەر: «ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان» دېيىشكەن. بۇ ھەقتە ھەدىس نامىدا بىر رىۋايەت كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر تۈركۈم ئىماملار ئۇنىڭغا «يالغان ھەدىس» دەپ ھۆكۈم قىلغان، باشقىلىرى بولسا «ئىنتايىن زەئىپ» دېگەن. شۇڭا بۇ قاراشنىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئاتا – ئانىسىنى مۇشرىك ئەمەس، جەننەتتە بولىدۇ، دېگەن قاراشنىڭ) ھېچقانداق ئاساسى يوق. يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر: «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدىكى ئىمتىھان جەريانىدا ئۇلارنى ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلىدۇ» دەپ قارىغان؛ ھالبۇكى، بۇ ھېچقانداق دەلىل-ئىسپاتسىز، قۇرۇق دەۋادۇر، شۇڭا بۇنداق سۆزلەرگە ئېتىبار بېرىلمەيدۇ. (منة المنعم في شرح صحيح مسلم ٢/٧٧ — صفي الرحمن المباركفوري)
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھنىڭ: «رەببىمدىن ئانام ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەشكە رۇخسەت سورىغان ئىدىم، ماڭا رۇخسەت قىلمىدى؛ ئۇنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت سورىغان ئىدىم، ماڭا رۇخسەت قىلدى» دېگەن سۆزىگە كەلسەك، بۇ ھەدىستە مۇشرىكلارنى ھاياتلىقىدا زىيارەت قىلىشنىڭ ۋە ۋاپاتىدىن كېيىن قەبرىلىرىنى يوقلاشنىڭ جائىزلىقىغا دەلىل باردۇر. چۈنكى ئۇلارنى ۋاپاتىدىن كېيىن زىيارەت قىلىش جائىز بولغان ئىكەن، ھاياتلىقىدا زىيارەت قىلىش (جائىزلىق جەھەتتىن) تېخىمۇ مۇناسىپتۇر. ئاللاھ تائالامۇ مۇنداق دېگەن: «دۇنيادا ئۇلار (كاپىر ئاتا-ئاناڭ) بىلەن ياخشى ئۆتكىن.» (لۇقمان سۈرىسى، 15-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) بۇ ھەدىستە يەنە كاپىرلار ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەشنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.
قازى ئىياز مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ قەبرىسىنى كۆرۈش ئارقىلىق كۈچلۈك ۋەز-نەسىھەت ۋە ئەسلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىدۇر.» رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسنىڭ ئاخىرىدىكى: «قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ سىلەرگە ئۆلۈمنى ئەسلىتىدۇ» دېگەن سۆزىمۇ بۇنى (يەنى قازى ئىيازنىڭ بۇ سۆزىنى) قۇۋۋەتلەيدۇ.(«شەرھۇ نەۋەۋىي ئەلا مۇسلىم»، 7-توم، 45-بەت) [ئىمام نەۋەۋىنىڭ شەرھى ئاخىرلاشتى.]
كۆرۈلگىنىدەك، سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ ئەڭ داڭلىق شەرھىنىڭ ساھىبى؛ رەببانىي ئۆلىما فەقىھ، مۇھەددىس، ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى ئۇياق – بۇياققا بۇرمىلىماستىن، رەسۇلۇللاھنىڭ ئاتا – ئانىسى ھەققىدىكى يالغان، توقۇلما رىۋايەتلەرنى كەلتۈرۈپ يۈرمەستىن، سەھىھ ھەدىسكە دەرھال تەسلىم بولۇپ، ھەدىستىن «(ۋەز – نەسىھەت ئېلىش نىيىتىدە) مۇشرىكلارنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش دۇرۇس» دېگەن ھۆكۈمنى چىقارغان. يەنى، ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئانىسى ھەققىدە مەغفىرەت تىلىشى ئۈچۈن رۇخسەت قىلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى «ئانىسى مۇشرىك بولغاچقا رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغفىرەت تىلىشىگە ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان» دېگەن مەنىدە چۈشەنگەن. ئىمام نەۋەۋى ئۆز ئىمامى ئىمام شافىينىڭ مۇنۇ سۆزىگە ئەمەل قىلىشقا كۈچىگەن بۈيۈك ئالىملاردىن بىرىدۇر:
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر سۈننىتىنى تاپساڭلار، شۇ سۈننەتكە ئەگىشىڭلار (يەنى شۇ بويىچە ئەمەل قىلىڭلار.) كىشىلەردىن ھېچقانداق بىرىنى (يەنى ھېچقانداق بىرىنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇنسىز ھۆكمىنى) ئېتىبارغا ئالماڭلار.» (ذم الكلام للهروي 3\15)
2026 – كۈنى، 4 – ئاينىڭ 20 – كۈنى