ئىمام بۇخارىنىڭ ۋە ئىمام مۇسلىمنىڭ يولى

ئىمام بۇخارىنىڭ ۋە ئىمام مۇسلىمنىڭ يولى

(قوشۇمچە تېما: ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ شەخسىي چۈشەنچىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنلەر)

قۇدرەت بارات

ئىمام مالىك، ئىبنى مۇبارەك، ئىمام شافىي، ئەۋزائىي، سۇفيان سەۋرى، ئىمام ئەھمەد… قاتارلىق دىندا تالاش – تارتىشسىز سۆز ساھىبى ھېسابلانغان ئەھلى ھەدىسلەرنىڭ تۇتقان يولى ئەقىلىنى شەرئىي دەلىلنى چۈشىنىش ئۈچۈن قوللىنىپ، دىن ئىشىدا ئەقىلنى ئەمەس، نەقىلنى (ئايەت – ھەدىسنى) ھاكىم قىلىش يولى ئىدى. ئۇلار دىن ئىشىدا ، ھەر قانداق مەسىلىدە «رەسۇلۇللاھ نېمە دەپتىكەن، ساھابىلەر نېمە قىپتىكەن» مىزانىنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ھۆكۈملىرىدىكى باش پىرىنسىپ قىلىپ ياشىغان. ئارتۇق قىياس، مۇلاھىزىلەردىن تىلىنى تارتقان، رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەردىن ئېنىق جاۋابى يوق مەسىلىدە ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىشقا، ئىجتىھاد قىلىپ يېڭى ھۆكۈمنى قويۇشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئۆزىدىنمۇ ئالىم ئەجدادلاردىن شۇ ھەقتە جاۋاب ئىزدىگەن ئىدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ يولىمۇ ئاساسەن مۇشۇنداقراق ئىدى. يۇقىرىدا نامى كەچكەن زاتلار سەلەپ – سالىھىن دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى باسقۇچلىرىدىكى دىنىي پېشىۋالاردۇر. بۇ زاتلارنىڭ «رەسۇلۇللاھنى ۋە ساھابىلەرنى ئۈلگە قىلىش» پىرىنسىپىغا يۈز پىرسەنتلىك ۋارىسلىق قىلغۇچى يۈزلەرچە دىنىي پېشىۋا ئۆتكەن بولۇپ، ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئەنە شۇ سەلەپ – سالىھىنلارنىڭ يولىغا ئەڭ چىڭ ئسىېلغان سەلەپىي (سەلەپ – سالىھىنغا قەتئىي ئەگەشكۈچى) پېشىۋالار ھېسابلىنىدۇ. دۇنياغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئىسلام دۇنياسىدا شۆھرىتى ئەڭ ئۈستۈن قانچە كىتاب بولسا، شۇ كىتابلاردا ئۇ كىتابلارنىڭ يازغان ئاپتورلارنىڭ بىر ئېغىزمۇ شەخسىي گېپى يوق، پەقەت سەھىھ سۈننەت (رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلگەن پاك شەرىئەت) بايان قىلىنغان كىتابلار ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. سەھىھۇل بۇخارى، سەھىھۇل مۇسلىم، سۇنەن ئەبۇ داۋۇد، مالىك مۇۋەتتا، مۇسنەد ئەھمەد قاتارلىق ئەسەرلەر ئىسلام دۇنياسىدا قۇرئاندىن قالسىلا ئەڭ ھۆرمەتلىك، ئەڭ ئۈستۈن كىتابلار. ئەمما، بۇ كىتابلاردا ئۇنى يازغان ئاپتورلارنىڭ بىر ئېغىزمۇ شەخسىي گىپى يوق، پىكىرىي مۇلاھىزلىرى يوق. بۇ دىن پېشىۋالىرى پەقەت رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆز ھەرىكىتىنى نەقىل قىلىش بىلەنلا بولدى قىلىپ، ئەقلىنى نەقىلنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆزىنى بەك تارتقان.
ئەكسىچە ئاتالمىش ئەقىلچىلەر، پەلسەپىچى – كالامچىلار تارىختىن بۇيان دىن ھەققىدە بەك كۆپ سەپسەتە ساتقان بولسىمۇ، ئۇلار ئۆلەر ئۆلمەي، ياكى بىرەر يېرىم ئەسىر ئۆتەر ئۆتمەي ئۇلارنىڭ نامى قەبرىستانلىقىغا كۆمۈلۈپ كەتتى، ئۇلارغا رەھمەت ئوقۇيدىغانلارنى تاپقىلى بولماس ھالەت شەكىللەندى.
ئەمما، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتنى (يەنى سۈننەتنى) چۈشىنىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆز سۆزلىمەسلىك يولىنى تۇتقان، بۇخارى، مۇسلىملارنىڭ نامى ھەر كۈنى 24 سائەت ۋاقىت ئىچىدە دۇنيا ئەھلى ئارىسىدا توختىماي تىلغا ئېلىنىپ تۇرىدۇ، مۆمىنلەر ئۇلارغا توختىماي رەھمەت يوللاپ تۇرىدۇ. ئىمام بۇخارى دېيىلگەن ھامان، بارچە مۇسۇلمانلار ئۇ زاتنى ئەڭ ئۇلۇغ ئاللاھ دوستى قاتارىدا ھۆرمەتلەيدۇ ۋە ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ زاتقا رەھمەتلەر ئوقۇيدۇ. ئاللاھ دەلىلگە (قۇرئان ۋە سۈننەتكە) مەھكەم ئېسىلغان بەندىلىرىنى نەچچە مىڭ يىل ئۆتسىمۇ، ئەنە شۇنداق ھۆرمەتلەيدۇ، زېمىن ئەھلىگە ئۇلارنى ياخشى كۆرسىتىدۇ.
شۇڭا، زېمىندا ياخشى نامىم قالسۇن، ئاسماندا دەرىجەم ئىمام بۇخارىدەك ئۈستۈن بولسۇن دېگەن ھەر بىر مۇسۇلمان ئىمام بۇخارىدەك نەقىلگە ئېسىلىشى، ئەقىلنى نەقىلنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش جىنايىتىدىن ئۇزاق تۇرۇشى لازىم. ئىنساننىڭ ئەقلى بەكلا چەكلىك نەرسە، ئۇ نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى بىلىشتىن ئاجىز. ئىنساندىكى ئەقىل ۋە ئىلىمنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۇلارنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن كىتاپلارنى نازىل قىلىپ، پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن.

مەن نۇرغۇن دىندار ياشلارنىڭ ئىمام بۇخارىنىڭ نەقىلگە مەھكەم ئېسىلىشى يولىدىن بەكلا چەتنەپ كەتكەنلىكىنى، رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمە، ھېكمەتلىرىدىن كۆپ چاغلاردا ئۇزاق قېلىپ، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ماھىيىتىنى ھېچقانچە چۈشەنمەيدىغان، ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىملارغا زىت ھالدا دىنىي مەسىلىدە باشتا نەقىل ئىزدىمەستىنلا، ئەقلىگە مۇراجىئەت قىلىپ نۇرغۇن خاتا، باتىل پىكىرلەردە ۋە يوللاردا يۈرىدىغان ھەر قىسما «داڭلىقلار»غا مەپتۇن بولۇپ يۈرگىنىنى دائىم ھېس قىلىپ قالىمەن.
ئەگەر ئاللاھ مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسۇن دېسىڭىز ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىمنىڭ يولىنى تۇتۇڭ، ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى دائىم ئوقۇپ تۇرۇڭ، بۇ ئارقىلىق ئىنشائاللاھ ئاسماندا نامىڭىز ماختىلىدىغان ئەزىز كىشى بولىسىز.
بىزنىڭ پاجىئەيىمىزدىن بىرى ئىمام بۇخارىنى، ئىمام مۇسلىمنى نېمىشقا ئاللاھ بۇنچە كۆتۈردى، نېمىشقا ئۇلار ئۆزلىرى يازغان نەچچە مىڭ بەتلىك كىتابلاردا ئۆز كۆز قاراشلىرىغا بىر جۈملە چاغلىقمۇ يەر بەرمەي، پۈتۈنلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل قىلىش بىلەنلا بولدى قىلدى ۋە مۇشۇ شەكىلدە ياشاپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى؟ مانا مۇشۇ ھەقتە ئويلاپمۇ باقماسلىقىمىزدۇر.
ئۇلار ئۆز پىكىر – چۈشەنچىلەرنى ھېچنەسىگە ئەرزىمەس ساناپ، بارچە پىكىر چۈشەنچىلەر ئاللاھنىڭ رەسۇلىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ تەلىماتىغا يۈزدە يۈز ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك، دېگەن ئەقىدىدە بولدى. مانا مۇشۇ رەۋىشتە ئاللاھقا يۈز پىرسەنت تەسلىم بولدى. دىندا يېڭى پىكىر، يېڭى كۆز قاراش بايان قىلىشنى ھالاكەت دەپ سانىدى. ئۆمۈرۋايەت ھەدىس ئۆگەندى، ھەدىسنى چۈشىنىشنى، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى ۋە تارقىتىشنى ئۆمۈرلۈك يول قىلىپ تاللىدى. ئاقىۋەتتە، قەبرىسىدە چىرىپ كەتكەن بولۇشغا قارىماي، ئۆزىگە كېچەك كۈندۈز ساۋاب يېزىلىپ تۇرىدىغان «ئەڭ پايدىسى يۇقىرى تىجارەتنى» تاللىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قوبۇل قىلدى، نەتىجىدە نامى جاھاننىڭ ھەممە يېرىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ، يازغان كىتابلىرى تاھارەتسىز قول تەگكۈزۈلۈشتىن ئەيمىنگىدەك ھالدا بىباھا دىنىي ئەڭگۈشتەر سۈپىتىدە قەدىرلىنىدىغان دىن پېشىۋالىرىغا ئايلاندى.
ھەر كىم ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىمنىڭ يولىنى تۇتسا، رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتنى (سۈننەتنى) ئۆگىنىش، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى تارقىتىشنى ھاياتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرسا، ئەنە شۇنداق كىشى مانا مۇشۇ بۈيۈك ئاللاھ دوستلىرىدەك ھەر ئىككى دۇنيانىڭ بەخىت سائادىتىگە ئېرىشىدۇ. ئاللاھ بىزلەرنى شۇلارنىڭ يولىدا مېڭىشقا نېسىپ قىلسۇن.
يۇقىرىقىلار ئەسلىدە «مۇسۇلمانلار قانداق قىلسا ھەر ئىككى دۇنيادا نىجات تاپىدۇ؟»، «مۇسۇلمانلار قايسى يولنى تۇتۇشى كېرەك؟»، «مۇسۇلمان قانداق ياشىشى كېرەك» دېگەن سوئاللارغا قىسقىچە جاۋاب بولالايدۇ.
بىز بۇ چۈشەنچىلەرنى ئۆزىمىز چۈشىنىپلا بولدى قىلماي، چوقۇم ياخشى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىشىمىز، ئەرلەر ئايال – بالىلىرىغا، ئاياللار يولدىشىغا، بالىلىرىغا ۋە دوست – يارەنلىرىگە بۇ مەلۇماتنى يەتكۈزۈشى كېرەك.
ئىچىمىز سىقىلغان، ئىمانىمىز سۇسىرىغان چاغلاردا «بۇخارىنى ياكى مۇسلىمنى ئېچىپ ئۆزۈم ئوقۇب قامىغان بىر بابىنى ئوقۇيچۇ» دېگەن يولنى ھايات مىزانىمىزغا ئايلاندۇرىشىمىز كېرەك. شۇندىلا، سائادەت دەۋرىدىكى بەخت – سائادەت، ئۈستۈنلۈك ۋە ئىززەت بىزلەرگىمۇ يار بولىدۇ، ئىنشائاللاھ.
ئۆزىنىڭ شەخسىي پىكىر چۈشەنچىسىنى تولا تىلغا ئېلىپ، شۇ ھەقتە تولا ھەپىلەشكەنلەر، ئۆز شەخسىي چۈشەنچىلىرىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ شەخسىي چۈشەنچىلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىپ كەتكەنلەر تارىخ تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. ئۆز شەخسىي – پىكىر چۈشەنچىسىنى رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلگەن ئىسلام شەرىئىتى (سەھىھ سۈننەت) ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەس ھېسابلاپ، ئاللاھقا تولۇق تەسلىم بولغۇچى، ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىمدەك يول تۇتقۇچى ھەقىقىي نىجاتلىققا، ئىككىلى دۇنيانىڭ بەخىت – سائادىتىگە، ئاللاھ ۋەدە قىلغان فىردەۋس جەننەتكە ئېرىشىدۇ.
ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ھاياتىنى دوغا تىكىپ توپلاپ چىققان سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۆز، پېئىل ياكى بۇيرۇق – چەكلىمىلىرى) ئارىسىدا ئۆز رايىغا تازا ئۇيغۇن كەلمىگەندەك ھېس قىلغانلارنى بىر تەرەپكە قايرىۋېتىپ تۇرۇپ، باشقا بىرەر شەخسنىڭ شەخسىي چۈشەنچىسىگە ئەگىشىپ كەتكەنلەر، بۇ يولىدى تەۋبە قىلماي ئۆلگەنلەر قىيامەت كۈنى ھەرگىزمۇ ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىنىڭ سېپىدە، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەۋزى كەۋسىرىدىن سۇ ئىچەلمەيدۇ.
سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىمدا كەلگەن بىر سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:
«مەن (قىيامەت كۈنى) ھەۋزىنىڭ بويىدا سىلەرنى(يەنى ئۈممىتىمنى) كۈتىمەن. سىلەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر يېنىمغا كېلىدۇ، مەن ئۇلارنى تونۇيمەن، ئۇلارمۇ مېنى تونۇيدۇ. ئاندىن ئۇلار بىلەن مېنىڭ ئارامغا بىر پەردە توسۇلىدۇ (پەرىشتىلەر ئۇلارنى سۆرەپ ئېلىپ كېتىدۇ). مەن: «ئى رەببىم! ئۇلار مېنىڭ ئۈممىتىم ئىدىغۇ» دەيمەن. شۇنىڭ بىلەن ماڭا: «سەن ئۇلارنىڭ سەندىن كېيىن (دىندا) نېمىلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى (يەنى سەن بەلگىلىگەن شەرىئەتنى سىرتىغا چىقىپ قانداق بىدئەت ۋە يېڭىلىقلارغا ئەگەشكىنىنى) بىلمەيسەن» دېيىلىدۇ. مەن: «مەندىن كېيىن دىنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلەر مەندىن يىراق بولسۇن، يىراق بولسۇن!» دەيمەن. (بۇخارى: 6584؛ مۇسلىم: 2291)
ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ئەڭ ئاۋۋال ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن قوغلىنىدىغانلاردىن بولۇپ قالماسلىق، بۇ ئۈممەتنىڭمۇ شۇنداقلاردىن بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلگەن ھۆكۈملەرنى تولمىغاستىن، قانداق كەلگەن بولسا شۇ پېتى ئەمەل قىلىشقا بار كۈچى بىلەن تىرىشقان ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتنى جەملەپ، كىتاپ قىلىش يولىدا بىر ئۆمرىنى دوغا تىككەن.
ئۇلارنىڭ ھاياتىنى نېمىدېگەن شەرەپلىك ھايات، ئۇلارنىڭ ئەقلى نېمىدېگەن كۈچلۈك ئەقىل، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى دەرىجىسى نېمىدېگەن يۇقىرى دەرىجە ھە!
{وَفِي ذَلِكَ فَلْيَتَنَافَسِ الْمُتَنَافِسُونَ}

«تىرىشقۇچىلار مانا مۇشۇنداق (نېئمەت) ئۈچۈن تىرىشسۇن.»
— مۇتەفىفىفىن سۈرىسى، 26 – ئايەت

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ