سۈرە ئىنساننىڭ چۈشىنىشلىك تەرجىمىسى

سۈرە ئىنساننىڭ چۈشىنىشلىك تەرجىمىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، 31 ئايەت

قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

(2024-يىلى)

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

هَلْ أَتَىٰ عَلَى الْإِنسَانِ حِينٌ مِّنَ الدَّهْرِ لَمْ يَكُن شَيْئًا مَّذْكُورًا

1.ئىنسان بالىسى يارىتىلىشتىن ئىلگىرى ئۇزۇن زامان ئۆتتى، بۇ زاماندا ئىنسان تىلغا ئېلىشقا ئەرزىگۈدەك مەۋجۇتلۇق ئەمەس ئىدى.

إِنَّا خَلَقْنَا الْإِنسَانَ مِن نُّطْفَةٍ أَمْشَاجٍ نَّبْتَلِيهِ فَجَعَلْنَاهُ سَمِيعًا بَصِيرًا

2. شەكسىزكى، بىز ئىنساننى ئىمتىھان قىلىش ئۈچۈن ئارىلاشما سۇدىن ياراتتۇق، (ئىنسان بالىسىدىن ئىمتىھان ئالىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن) ئۇنى ئاڭلايدىغان ۋە كۆرىدىغان قىلدۇق.

إِنَّا هَدَيْنَاهُ السَّبِيلَ إِمَّا شَاكِرًا وَإِمَّا كَفُورًا

3. شەكسىزكى، بىز ئىنسانغا (پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق) توغرا يولنى كۆرسەتتۇق. (بۇ ۋەجىدىن) ئىنسان يا (رەببىگە ئىتائەت ۋە ئىبادەت بىلەن) شۈكۈر قىلغۇچى (بولىدۇ)، ۋەياكى (رەببىنىڭ نېمەتلىرىنى ۋە رەببى كۆرسەتكەن يولنى ئىنكار قىلىدىغان) تۇزكور كاپىر بولىدۇ.

إِنَّا أَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ سَلَاسِلَ وَأَغْلَالًا وَسَعِيرًا

4. شەكسىزكى، بىز كاپىرلار (نى ئاخىرەتتە جازالاش) ئۈچۈن زەنجىرلەرنى، تۆمۈر كىشەنلەرنى ۋە لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرىدىغان دوزاخ ئوتىنى تەييارلىدۇق.

إِنَّ الْأَبْرَارَ يَشْرَبُونَ مِن كَأْسٍ كَانَ مِزَاجُهَا كَافُورًا

5. (مۆمىن بولۇپ ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلغان) ياخشى بەندىلەر (جەننەتتە) كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان (لەززەتلىك جەننەت شاراپلىرى بىلەن تولدۇرۇلغان) قەدەھتىن (شۇ لەززەتلىك شاراپلارنى) ئىچىدۇ.

عَيْنًا يَشْرَبُ بِهَا عِبَادُ اللَّهِ يُفَجِّرُونَهَا تَفْجِيرًا

6. كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان بۇ شاراپ ئاللاھنىڭ ئىتائەتكار قۇللىرى ئىچىدىغان، خالىغان جايغا ئېقىتىپ بارالايدىغان بىر بۇلاق (تىن  چىقىدۇ.)

يُوفُونَ بِالنَّذْرِ وَيَخَافُونَ يَوْمًا كَانَ شَرُّهُ مُسْتَطِيرًا

7. (ئاللاھنىڭ ئىتائەتكار قۇللىرىنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى شۇكى،) ئۇلار بەرگەن ۋەدىسىگە ۋە (باشقىلار بىلەن تۈزۈشكەن) توختام-كېلىشىمگە ۋاپا قىلىدۇ، دەھشىتى (كىشىنى) ھەر تەرەپتىن قورشىۋالىدىغان قىيامەت كۈنىدىن قورقىدۇ.

وَيُطْعِمُونَ الطَّعَامَ عَلَىٰ حُبِّهِ مِسْكِينًا وَيَتِيمًا وَأَسِيرًا

8. ئۆزى يېمەك-ئىچمەككە ئېھتىياجلىق تۇرۇقلۇق، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە يېمەك-ئىچمەك بېرىدۇ.

إِنَّمَا نُطْعِمُكُمْ لِوَجْهِ اللَّهِ لَا نُرِيدُ مِنكُمْ جَزَاءً وَلَا شُكُورًا

9. (ئۇلار) «بىز سىلەرگە پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ يېمەك-ئىچمەك بېرىۋاتىمىز. سىلەردىن (بۇنىڭ بەدىلىگە) ھېچقانداق مۇكاپات ۋە رەھمەت-ھەشقاللا تەلەپ قىلمايمىز» (دېيىشىدۇ.)

إِنَّا نَخَافُ مِن رَّبِّنَا يَوْمًا عَبُوسًا قَمْطَرِيرًا

10. چۈنكى، بىز (بەكمۇ قورقۇنچلۇق بولغانلىقى تۈپەيلىدىن) چىرايلار ۋە قاشلار تۈرۈلۈپ كېتىدىغان قىيامەت كۈنىدە رەببىمىز (نىڭ جازاسى) دىن قورقىمىز. (دېيىشىدۇ)

فَوَقَاهُمُ اللَّهُ شَرَّ ذَٰلِكَ الْيَوْمِ وَلَقَّاهُمْ نَضْرَةً وَسُرُورًا

11. ئاللاھ ئۇلارنى شۇ (دەھشەتلىك قىيامەت) كۈنىدە (بېشىغا كېلىدىغان) يامانلىقتىن ساقلايدۇ. ئۇلارنىڭ (يۈزلىرىگە) نۇر، (دىللىرىغا) خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.

وَجَزَاهُم بِمَا صَبَرُوا جَنَّةً وَحَرِيرًا

12. ئۇلارنىڭ (دۇنيادا ئىبادەتلەرنىڭ جاپاسىغا ۋە بېشىغا كەلگەن مۇشەققەتلەرگە قىلغان) سەبرى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى (تۈرلۈك نېمەتلەرگە تولغان) جەننەت باغچىلىرى بىلەن ۋە (ئېسىل) يىپەك كىيىم-كېچەكلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.

مُّتَّكِئِينَ فِيهَا عَلَى الْأَرَائِكِ ۖ لَا يَرَوْنَ فِيهَا شَمْسًا وَلَا زَمْهَرِيرًا

13. ئۇلار جەننەتتە (ئولتۇرغاندا ئېسىل، ھەشەمەتلىك) تەختلەردە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، جەننەتتە قاتتىق ئىسسىقنىمۇ، قاتتىق سوغۇقنىمۇ كۆرمەيدۇ.

وَدَانِيَةً عَلَيْهِمْ ظِلَالُهَا وَذُلِّلَتْ قُطُوفُهَا تَذْلِيلًا

14. جەننەتتىكى (دەرەخلەرنىڭ) سايىلىرى ئۇلارنىڭ باش ئۈستىدىدۇر، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈش ئۇلارغا بەكمۇ ئاساندۇر. (جەننەت ئەھلى جەننەت مېۋىلىرىنى ئۈزمەكچى بولسا، مېۋىلىك شاخلار قولى يەتكۈدەك دەرىجىدە يېقىنلاپ بېرىدۇ.1)

وَيُطَافُ عَلَيْهِم بِآنِيَةٍ مِّن فِضَّةٍ وَأَكْوَابٍ كَانَتْ قَوَارِيرَا

15. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا (تاماق قاچىلانغان) كۈمۈش تەخسىلەر، (شاراپ تولدۇرۇلغان ئالىي) قەدەھلەر  (جەننەتتىكى خىزمەتچىلىرى تەرىپىدىن) ئايلاندۇرۇپ سۇنۇلۇپ تۇرىدۇ.

قَوَارِيرَ مِن فِضَّةٍ قَدَّرُوهَا تَقْدِيرًا

16. (ئۇلارغا شاراپ سۇنۇلىدىغان) قەدەھلەر كۈمۈشتىندۇر. (جەننەت ئەھلى) ئىچىدىغان شاراپنىڭ مىقدارىنى ئۆزىگە ئۇيغۇن رەۋىشتە ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

وَيُسْقَوْنَ فِيهَا كَأْسًا كَانَ مِزَاجُهَا زَنجَبِيلًا

17. ئۇلار يەنە جەننەتتە زەنجىۋىل ئارىلاشتۇرۇلغان جام بىلەن (يەنى جامدىكى مەي بىلەن) سۇغىرىلىدۇ.

عَيْنًا فِيهَا تُسَمَّىٰ سَلْسَبِيلًا

18. جەننەتتە (ئېسىل ئىچىملىك، شاراپلار ئېقىپ تۇرىدىغان) سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاقمۇ باردۇر.

وَيَطُوفُ عَلَيْهِمْ وِلْدَانٌ مُّخَلَّدُونَ إِذَا رَأَيْتَهُمْ حَسِبْتَهُمْ لُؤْلُؤًا مَّنثُورًا

19. قېرىمايدىغان، مەڭگۈ ياش تۇرىدىغان خىزمەتكارلار نۆۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ تۇرىدۇ، بۇ خىزمەتكارلارنى كۆرگەن چېغىڭدا (ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئاقلىقىغا قاراپ) ئۇلارنى يىپى ئۈزۈلۈپ چېچىلىپ كەتكەن مەرۋايىتمىكىن دەپ قالىسەن.

وَإِذَا رَأَيْتَ ثَمَّ رَأَيْتَ نَعِيمًا وَمُلْكًا كَبِيرًا

20. جەننەتنىڭ نەرىگە قارىساڭ ساناپ تۈگەتكۈسىز نېمەتلەرنى ۋە كاتتا پادىشاھلىقنى كۆرىسەن.

عَالِيَهُمْ ثِيَابُ سُندُسٍ خُضْرٌ وَإِسْتَبْرَقٌ ۖ وَحُلُّوا أَسَاوِرَ مِن فِضَّةٍ وَسَقَاهُمْ رَبُّهُمْ شَرَابًا طَهُورًا

21. جەننەت ئەھلىنىڭ ئۇچىسىدا نېپىز يىپەكتىن ۋە قېلىن يىپەكتىن (تەييارلانغان) يېشىل كىيىملەر بولىدۇ، (ئۇلار) كۈمۈش ئۈزۈكلەرنى تاقايدۇ، يەنە تېخى پەرۋەردىگارى ئۇلارنى بىر تۈرلۈك ئاجايىپ پاك شاراپ بىلەن سۇغىرىدۇ.

إِنَّ هَٰذَا كَانَ لَكُمْ جَزَاءً وَكَانَ سَعْيُكُم مَّشْكُورًا

22. مانا بۇلار قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر. قىلغان ياخشىلىقلىرىڭلار جاۋابسىز قالمىدى.

إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا عَلَيْكَ الْقُرْآنَ تَنزِيلًا

23. (ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، بىز ساڭا قۇرئاننى بۆلۈپ – بۆلۈپ (تەدرىجىي) نازىل قىلدۇق.

فَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تُطِعْ مِنْهُمْ آثِمًا أَوْ كَفُورًا

24. رەببىڭنىڭ (ساڭا تەقدىر قىلغان) ھۆكمىگە سەبر قىل. سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى  (سېنى رەببىڭنىڭ يولىدىن توسماقچى بولغان) ھەرقانداق پاسىق-گۇناھكارغا ۋەياكى كاپىرغا ئىتائەت قىلما.

وَاذْكُرِ اسْمَ رَبِّكَ بُكْرَةً وَأَصِيلًا

25. سەھەردە ۋە كەچتە (ناماز، تەسبىھ، تەكبىر قاتارلىقلار ئارقىلىق) رەببىڭنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىل.

وَمِنَ اللَّيْلِ فَاسْجُدْ لَهُ وَسَبِّحْهُ لَيْلًا طَوِيلًا

26. كېچىنىڭ بىر قىسمىدا (ناماز ئوقۇپ) رەببىڭگە سەجدە قىل. كېچىنىڭ ئۇزۇن بىر قىسىمىدا رەببىڭگە تەسبىھ ئېيت.

إِنَّ هَٰؤُلَاءِ يُحِبُّونَ الْعَاجِلَةَ وَيَذَرُونَ وَرَاءَهُمْ يَوْمًا ثَقِيلًا

27. شۈبھىسىزكى، بۇلار (يەنى مۇشرىكلار1) تېز ئۆتۈپ كېتىدىغان (دۇنيا ھاياتىنى) ياخشى كۆرىدۇ، كەلگۈسىدىكى قىيىن بىر كۈنگە  (يەنى قىيامەت كۈنىگە) ئېتىبار بەرمەيدۇ. (قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتمايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۈچۈن ئۈچۈن سالىھ ئەمەللەرنى قىلمايدۇ.2) [1.تەبەرى 2.بەغەۋى]

نَّحْنُ خَلَقْنَاهُمْ وَشَدَدْنَا أَسْرَهُمْ ۖ وَإِذَا شِئْنَا بَدَّلْنَا أَمْثَالَهُمْ تَبْدِيلًا

28. ئۇلارنى بىز ياراتتۇق. ئۇلارنىڭ بەدىنىنى مەزمۇت قىلدۇق. خالىساق (ئۇلارنى ھالاك قىلىپ) ئورنىغا ئوخشىشىنى دەسسىتىمىز.

إِنَّ هَٰذِهِ تَذْكِرَةٌ ۖ فَمَن شَاءَ اتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِ سَبِيلًا

29. شۈبھىسىزكى، بۇ (ئايەتلەر) ۋەز – نەسىھەتتۇر. (شۇنداق ئىكەن) خالىغان كىشى رەببىگە يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتىدۇ.

وَمَا تَشَاءُونَ إِلَّا أَن يَشَاءَ اللَّهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا

30. ئەمما، ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھۆكۈم ۋە ھېكمەت ئىگىسىدۇر.

يُدْخِلُ مَن يَشَاءُ فِي رَحْمَتِهِ ۚ وَالظَّالِمِينَ أَعَدَّ لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا

31. ئاللاھ خالىغان كىشىنى رەھمىتىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ (ھىدايەت قىلىپ ھەق يولدا ماڭغۇزىدۇ.) زالىملارغا كەلسەك، ئاللاھ زالىملارغا قاتتىق ئازابنى تەييارلاپ قويدى.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ