رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ۋەقەلىكى سىزنى بىدئەتتىن قاچىدىغان قىلىدۇ
قۇدرەت بارات
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىدىن بىرىگە بىر دۇئا ئۆگەتكەن ئىدى. ئۇ ساھابە بۇ دۇئانى رەسۇلۇللاھقا ئوقۇپ بەرگەندە دۇئادىكى «نەبىي» سۆزىنى «رەسۇل»غا ئالماشتۇرۇپ ئوقۇپ سالدى، ئەمما دۇئانىڭ باشقا قىسىمى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆگەتكەنگە ئوخشاش ئىدى. گەرچە مەزكۇر ساھابىدەك ئوقۇش دۇئانىڭ مەنىسىگە ھېچقانداق تەسىر كۆسەتمەيدىغاندەك تۇرسىمۇ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ «بەنىي» كەلىمىسىنى «رەسۇل»غا ئۆزگەرتىپ ئوقۇشۇنى قوبۇل قىلمىغان. ئۇ ساھابىنىڭ ئۆزى ئۆگەتكىنىگە يۈزدە يۈز ئۇيغۇن ئوقۇماي، ئۇزۇن بىر دۇئادىكى بىر سۆزنى مەنىداش سۆزىگە ئالماشتۇرۇۋېتىشىگىمۇ ئۇنىمىغان، ئۆزى ئۆگەتكىنىگە يۈزدە يۈز ئۇيغۇن بولۇشىنى تەلەپ قىلغان ۋە دۇئانى قايتىلاپ ئۆگەتكەن. (بۇ ھەقتىكى ھەدىس تۆۋەندە تولۇق بايان قىلىنىدۇ.)
دېمەك، رەسۇلۇللاھ قانداق ئىبادەت قىلغان بولسا، قانداق ئەقىدىدە بولغان بولسا، بىزمۇ ئۇ زاتقا ئوخشاش ئىبادەت قىلىمىز، ئۇ زاتقا ئوخشاش ئەقىدىدە بولىمىز. مەيلى ئەقىدىدە، مەيلى ئىبادەتتە، مەيلى ئەخلاقتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئايرىلىۋالمايمىز. رەسۇلۇللاھ بىلەن 99 يەردە بىردەكلىشىپ، بىر يەردە ئۇ زاتتىن ئايرىلىۋالساق، بۇ رەسۇلۇللاھقا ھەقىقىي رەۋىشتە ئەگىشىشتەك پەرىزىگە تولۇق ئەمەل قىلمىغانلىق بولىدۇ، نەتىجىدە بۇنداق قىلغۇچى ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى ئىبادەت، ياخشى دەپ قىلىشمۇ مۇشۇ ھەدىس ۋە بۇ ھەقتە كەلگەن باشقا كۆپلىگەن ئايەت ھەدىسلەر بويىچە تۈپتىن رەت قىلىنىدۇ.
ھەدىسنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق:
بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن ئىدى:
«تۆشىكىڭگە ياتماقچى بولغىنىڭدا، خۇددى نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالغىن، ئاندىن ئوڭ تەرىپىڭگە يانچىلاپ ياتقىن ۋە مۇنۇ دۇئانى ئوقۇغىن: ((اللَّهمَّ إنِّي أسلَمْتُ نفسي إليك ووجَّهْتُ وجهي إليك وفوَّضْتُ أمري إليك رغبةً ورهبةً إليك لا ملجأَ منك إلَّا إليك)) ‹ئاللاھۇممە ئەسلەمتۇ نەفسىي ئىلەيكە، ۋە فەۋۋەزتۇ ئەمرىي ئىلەيكە، ۋە ئەلجەتۇ زاھرىي ئىلەيكە، رەغبەتەن ۋە رەھبەتەن ئىلەيكە، لا مەلجەئە ۋە لا مەنجا مىنكە ئىللا ئىلەيكە. ئامەنتۇ بىكىتابىكەللەزى ئەنزەلتە، ۋە نەبىييىكەللەزى ئەرسەلتە›.
(تەرجىمىسى: ئى ئاللاھ! نەپسىمنى ساڭا تەسلىم قىلدىم، ئىشىمنى ساڭا تاپشۇردۇم، دۈمبەمنى (يۆلەنچۈكۈمنى) سېنىڭ ھىمايەڭگە تىيىدىم. (بۇلارنىڭ ھەممىسى) ساڭا بولغان رەغبىتىم ۋە سەندىن بولغان قورقۇنچۇم بىلەندۇر. سەندىن (قېچىپ) پاناھلىنىدىغان ۋە قۇتۇلىدىغان جاي يەنىلا پەقەت سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر. چۈشۈرگەن كىتابىڭغا ۋە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە ئىمان ئېيتتىم).»
بارائ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
«مەن بۇ دۇئانى يادلىۋېلىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىدا قايتۇرۇپ ئوقۇپ بەردىم. ‹ۋە نەبىييىكەللەزى ئەرسەلتە› (سەن ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە) دېگەن يەرگە كەلگىنىمدە، ‹ۋە رەسۇلىكەللەزى ئەرسەلتە› (سەن ئەۋەتكەن ئەلچىڭگە) دەپ ئوقۇدۇم (يەنى «نەبى» سۆزىنىڭ ئورنىغا «رەسۇل» سۆزىنى ئىشلەتتىم).
بۇنىڭغا جاۋابەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (كۆكسۈمگە قولى بىلەن ئۇرۇپ) مۇنداق دېدى: «ياق، ‹ۋە نەبىييىكەللەزى ئەرسەلتە› (سەن ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە) دەپ ئېيتقىن». hedisim.com (بۇخارى: 247؛ مۇسلىم: 2710)
ھەدىسنىڭ تولۇق ئەرەبچە تېكىستى:
إذا أتَيتَ مَضجَعَكَ فتَوضَّأْ وُضوءَكَ للصَّلاةِ، ثُمَّ اضطَجِعْ على شِقِّكَ الأيمَنِ، ثُمَّ قُلْ: اللهُمَّ أسلَمتُ وجهي إليكَ، وفَوَّضتُ أمري إليكَ، وألجَأتُ ظَهري إليكَ، رَغبةً ورَهبةً إليكَ، لا مَلجَأَ ولا مَنجا مِنكَ إلَّا إليكَ، اللهُمَّ آمَنتُ بكِتابِكَ الذي أنزَلتَ، وبِنَبيِّكَ الذي أرسَلتَ، فإن مُتَّ مِن لَيلَتِكَ فأنتَ على الفِطرةِ، واجعَلْهنَّ آخِرَ ما تَتَكَلَّمُ به. قال: فرَدَّدتُها على النَّبيِّ صلَّى اللهُ عليه وسلَّم، فلَمَّا بَلَغتُ: اللهُمَّ آمَنتُ بكِتابِكَ الذي أنزَلتَ قُلتُ: ورَسولِكَ، قال: لا، ونَبيِّكَ الذي أرسَلتَ.
الراوي : البراء بن عازب | المحدث : البخاري | المصدر : صحيح البخاري
الصفحة أو الرقم: 247 | خلاصة حكم المحدث : [صحيح]
التخريج : أخرجه البخاري (247)، ومسلم (2710)
سىزگە ماۋۇ ئىش بىدئەت دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلسە، «رەسۇلۇللاھ تېلفۇن ئىشلەتمىگەن، تېلفۇنمۇ بىدئەتمۇ» دەپ ئەخمىقانە گەپ قىلىپ يۈرمەڭ. بىدئەت دېگەن دىنىي ئەمەلدە بولىدۇ، دۇنياۋى ئىشلاردا بىدئەت بولمايدۇ. رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر قىلمىغان ھەر قانداق ئەمەل دىندا بىدئەت ھېسابلىنىدۇ.
خار – زەبۇنلۇقتىن قۇتۇلماقچى بولغان قەۋم رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق – چەكلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلمىسۇن. رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنى بۇرمىلاپ، كۆڭلىگە ياققان سۈننەتلەرنى كۆتۈرۈۋېلىپ، كۆڭلىگە ياقمىغان سۈننەتلەرنى باستۇرۇپ قويىدىغان بىدئەتچى قەۋم ئەڭ ئېغىر خار – زەبۇنلۇقتا قالىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((بُعِثْتُ بَيْنَ يَدَيِ السَّاعَةِ بِالسَّيْفِ حَتَّى يُعْبَدَ اللهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، وَجُعِلَ رِزْقِي تَحْتَ ظِلِّ رُمْحِي، وَجُعِلَ الذِّلَّةُ وَالصَّغَارُ عَلَى مَنْ خَالَفَ أَمْرِي، وَمَنْ تَشَبَّهَ بِقَوْمٍ فَهُوَ مِنْهُمْ)) «قىيامەتنىڭ ئالدىدا تاكى شېرىكى يوق يەككە- يېگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىنغانغا قەدەر قىلىچ بىلەن (جىھاد قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدىم. رىزقىم نەيزەمنىڭ سايىسى ئاستىدا قىلىندى. ئەمىر – پەرمانلىرىمغا خىلاپ يول تۇتقۇچىلار خار – زەبۇنلۇققا مەھكۇمدۇر. كىم بىر قەۋمگە ئوخشىۋالسا، ئۇ شۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ.» (مۇسنەد ئەھمەد 5115 – نومۇرلۇق ھەدىس)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە ھىدايەتكە ئېرىشكەن راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشىڭلار، سۈننىتىمگە مەھكەم ئېسىلىڭلار، سۈننىتىمنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن چىڭ چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. چۈنكى، دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق ئىش بىدئەتتۇر، بارچە بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4607؛ تىرمىزى 2676؛ ئەھمەد 17142، 17044؛ ئەھمەد شاكىر ۋە باشقا مۇھەددىسلەر سەھىھ دېگەن)
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خۇتبە ئوقۇغاندا يۈزى قىزىراتتى، ئاۋازىنى كۆتۈرەتتى ۋە غەزىپى ئاشاتتى. بەئەينى «دۈشمەن ئەتىگەن كەچتە يېنىڭلاردا پەيدا بولىدۇ» دەيدىغان قوشۇن جاكارچىسىغا ئوخشاش (جىددىي) ھالەتتە بولاتتى ۋە مۇنداق دەيتتى:
«سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. يوللارنىڭ ئەڭ خەيرلىكى مۇھەممەدنىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردۇر. ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» hedisim.com (مۇسلىم، بۇغۇلمەرام 439)
بۇ يازمىدىكى ھەدىسلەرنى قۇدرەت بارات تەرجىمە قىلغان
