قۇربانلىققا كالا سويۇش ئەۋزەلمۇ قوچقار سويۇشمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز
ئەرەپچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: قۇدرەت بارات
سوئال: قۇربانلىققا كالا سويۇش ئەۋزەلمۇ قوچقار سويۇشمۇ؟
جاۋاب: قوي قۇربانلىق قىلىش ئەۋزەل، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربانلىق ئۈچۈن (بىرىنى ئۆزى ۋە پاك ئائىلىسى ئۈچۈن، بىرىنى قۇربانلىققا قادىر بولالمىغان ئۈممىتى ئۈچۈن ئاتاپ) ئىككى قوچقار قۇربانلىق قىلغان. ئەمما كالا ياكى تۆگە قۇربانلىق قىلىنسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋىدالىشىش ھەججىدە يۈز تۆگە قۇربانلىق قىلغان. مەقسەتكە كەلسەك، قۇربانلىق ئۈچۈن قوي قۇربانلىق قىلىش ئەۋزەل. ئەگەر تۆگە ياكى كالا قۇربانلىق قىلىنسا يەتتە ئائىلە ئۈچۈن يېتەرلىك بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى، كالا ياكى تۆگە قۇربانلىق قىلىشتا ھېچبىر مەسىلە يوق.
مەنبە:
https://binbaz.org.sa/fatwas/16875/ايهما-افضل-في-الاضحية-الكبش-ام-البقرة
