مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ ئۆز كىرلىرىنى (يامان كىشىلەرنى) تازىلىشىنىڭ مەقسىتى نېمە؟
ئىسلام سوئال جاۋاب تورىنىڭ 441576 – نومۇرلۇق پەتىۋاسى
سوئال:
مەن «سەھىھ مۇسلىم»دىكى بىر ھەدىستە: «مەدىنە خۇددى كۆۋرۈك (تۆمۈرچىنىڭ كۆرىكى) تۆمۈرنىڭ كىرىنى (داشقاللىرىنى) تازىلىغاندەك، ئۆز كىرلىرىنى تازىلايدۇ» دېگەن سۆزنى ئوقۇدۇم. بىراق بىزگە مەلۇمكى، مۇناپىقلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ مەدىنىدە قالغان، جۈملىدىن ھۇزەيفە ئىبنى يەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن (ئىسمىنى) ئۆگەنگەن يەتمىش مۇناپىقمۇ شۇلار جۈملىسىدىندۇر. مەن دۇچ كەلگەن بۇ مۈجمەللىكنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن؛ بۇ سوئال مېنى بەك ئەندىشىگە سالدى ۋە زېھنىمنى بەك مەشغۇل قىلدى. مۇناپىقلار ئۇ يەردە تۇرۇۋاتسا، مەدىنە قانداقچە ئۆز يامانلىرىنى ۋە كىرلىرىنى تازىلايدۇ؟ بۇ ئەھۋال ھەممە زامانلارغا ماس كېلەمدۇ؟
جاۋاب:
بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، دۇرۇت-سالاملار ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە بولسۇن. ئەمما بائەد:
بىرىنچى:
ئىمام بۇخارى (1883) ۋە ئىمام مۇسلىم (1383) جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى: بىر ئەئرابى (سەھرالىق ئەرەب) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئىسلام ئۈچۈن بەيئەت قىلدى. ئەتىسى ئۇ كىشى مەدىنىدە قىزىپ قېلىپ (بەزگەك بولۇپ): «مېنىڭ بەيئىتىمنى بىكار قىلىۋەتىن» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ قېتىم رەت قىلدى ۋە مۇنداق دېدى: ((أن المدينة تنفي خبثها كما تنفي النار الخبث من الحديد)) «مەدىنە خۇددى كۆۋرۈككە (تۆمۈرچىنىڭ) كۆرىكىگە ئوخشايدۇ، ئۇ ئۆز كىرلىرىنى (داشقاللىرىنى) چىقىرىپ تاشلايدۇ، پاكىزلىرى (ياخشىلىرى) جۇلالىنىپ قالىدۇ.»
«ئۆز كىرلىرىنى تازىلايدۇ» دېگىنى — يامان كىشىلەرنىڭ مەدىنىدىن چىقىپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئايرىلىشىدۇر. ئىمام بۇخارى ئۆز «سەھىھ»ىدە بۇنىڭغا: «مەدىنىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ كىشىلەرنى تازىلىشى ھەققىدىكى باب» دەپ ماۋزۇ قويغان.
ئاندىن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن باشقا شەھەرلەرنى يەيدىغان (يەنى ئۇلارغا غالىب كېلىدىغان) بىر شەھەرگە (كۆچۈشكە) بۇيرۇلدۇم، كىشىلەر ئۇنى يەسرىب دەيدۇ، ئۇ بولسا مەدىنىدۇر. ئۇ خۇددى كۆۋرۈك تۆمۈرنىڭ كىرىنى (داشقاللىرىنى) تازىلىغاندەك، كىشىلەرنى تازىلايدۇ» (بۇخارى 1871، مۇسلىم 1382).
ئىمام مۇسلىم (1381) نىڭ رىۋايىتىدە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «كىشىلەرگە شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، كىشى ئۆز جەمەتىدىكىلەرنى ۋە تۇغقانلىرىنى: <پاراۋانلىققا كېلىڭلار، پاراۋانلىققا كېلىڭلار> دەپ چاقىرىدۇ. ئەگەر ئۇلار بىلسە ئىدى، مەدىنە ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ خەيرىلىك ئىدى. جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، كىمدەكىم مەدىنىدىن نارازى بولۇپ چىقىپ كەتسە، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىغا مەدىنىدە ئۇنىڭدىنمۇ خەيرىلىك بىرىنى ئەكىلىدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، مەدىنە كۆۋرۈككە ئوخشايدۇ، كىرنى (ياماننى) چىقىرىپ تاشلايدۇ. قىيامەت بولمايدۇكى، مەدىنە ئۆز يامانلىرىنى خۇددى كۆۋرۈك تۆمۈرنىڭ كىرىنى تازىلىغاندەك تازىلاپ چىقىرىپ تاشلايدۇ.»
ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«ئالدىنقى سۆزنىڭ (مەدىنە ئۆز كىرلىرىنى تازىلايدۇ، ياخشىلىرى جۇلالىنىدۇ) مەنىسى شۇكى: مەدىنە كىشىلەرنىڭ كېرەكسىزلىرىنى (يامانلىرىنى) چىقىرىپ تاشلايدۇ، ئۇ يەردە پەقەت ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە ئۆز پەيغەمبىرىگە ساھابە بولۇش ئۈچۈن تاللىغان پاكىز كىشىلەرلا قالىدۇ. كىر (داشقال) — تۆمۈرنىڭ ئوتتا تۇرالمايدىغان كېرەكسىز ئەخلەتلىرىدۇر… <جۇلالىنىدۇ> دېگىنى بولسا — قېلىش، مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە ئوتتۇرىغا چىقىشنى بىلدۈرىدۇ.» (تەھمىد 8/71)
ئىككىنچى:
ئالىملار بۇ تازىلاشنىڭ قايسى زاماندا يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان:
بەزى ئالىملار بۇنى پەقەت پەيغەمبەرلىك زامانىغا خاس قىلغان بولۇپ، ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇشۇ قاراشقا مايىل بولۇپ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ چاغدىكى مەدىنىنى كۆۋرۈك ۋە ئوتقا ئوخشاتقان بولۇپ، ئۇ پەقەت پاكىزلىرىنىلا قالدۇرىدۇ ۋە كىرلىرىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەدىنىدىمۇ پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە تۇرۇشقا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلىم ئۆگىنىشكە لايىق پاكىز كىشىلەرلا قالالايتتى. ئۇ زات ۋاپات بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئۇلۇغ ساھابىلەر ئىلىم تارقىتىش ۋە دىننى يەتكۈزۈش ئۈچۈن مەدىنىدىن چىقىپ كەتكەن.» (تەھمىد 8/71)
ئىبنى ئەرەبى رەھىمەھۇللاھمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئالىملىرىمىز ئېيتقانكى: بۇ سۆز ئومۇمىي سۆز بولسىمۇ، مەقسىتى خاستۇر. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىدا مەدىنىدىن پەقەت ئىمانى يوق، ياخشىلىقى بولمىغان، ئۆزىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىسى بولۇشتىن ۋە ئۇ زاتقا ياردەم بېرىشتىن ئارتۇق كۆرگەنلەرلا چىقىپ كەتكەن… ئالىملىرىمىز بۇ ئەھۋال پەقەت رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىغىلا خاس، چۈنكى ئاللاھ ئۇ چاغدا چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىن ياخشىلارنى بەدەل قىلىپ بەرگەن. لېكىن ئۇ زات ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەدىنىدىن شۇنداق ساھابىلەر چىقتىكى، ئاللاھ مەدىنىگە ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇلاردىن ياخشىراق بەدەل بەرمىدى. شۇڭا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىغا خاس دەپ قارىلىدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ <پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن بىزگە ھىجرەت يوق> دېگەن سۆزىمۇ بۇنى قۇۋۋەتلەيدۇ.» (ئەلمەسالىك فى شەرھى مۇۋەتتا مالىك 7/177)
قازى ئىياد رەھىمەھۇللاھمۇ مۇشۇ قاراشنى ئۈستۈن كۆرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردىكى ئاشكارە مەنا شۇكى، بۇ پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىدۇر. چۈنكى ھىجرەتنىڭ قىيىنچىلىقىغا ۋە ئۇ زات بىلەن بىللە تۇرۇشقا پەقەت ئىمانى مۇستەھكەملەرلا سەبىر قىلالايتتى. ئەمما مۇناپىقلار، نادان ئەئرابىيلار ۋە تىلىدا ئىمان ئېيتىپ قەلبىدە ئىشەنمىگەنلەر مەدىنىنىڭ قىيىنچىلىقىغا چىدىيالمايتتى ۋە ساۋابىنى ئۈمىد قىلمايتتى. ئەنە شۇلار يامان كىشىلەر ۋە كىرلەردۇر. ھەدىستىكى قىزىپ قېلىپ بەيئىتىدىن يېنىۋالماقچى بولغان ئەئرابىنىڭ ۋەقەسىمۇ بۇنىڭ مىسالىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بەيئىتىنى بىكار قىلمىغان، چۈنكى بۇ دۇرۇس ئەمەس، بىر مۇھاجىرغا ھىجرىتىنى تاشلاپ بەيئىتىنى رەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ» (ئىكمالۇل مۇئلىم 4/500).
يەنە بىر قاراشتا: بۇ ئەھۋال دەججال زامانىدىكى تازىلاشقا قارىتىلغان، دېيىلىدۇ.
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «قازى ئىياد: <بۇ پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىغا خاس بولۇشى ئاشكارىراق مەنا> دېدى… ئەمما قازى ئىياد ئاشكارە دەپ دەۋا قىلغان بۇ مەنا، ئاشكارە ئەمەس. چۈنكى سەھىھ مۇسلىمدىكى بىرىنچى ھەدىستە رەسۇلۇللاھ: <قىيامەت بولمايدۇكى، مەدىنە ئۆز يامانلىرىنى خۇددى كۆۋرۈك تۆمۈرنىڭ كىرىنى تازىلىغاندەك تازىلايدۇ> دېگەن. بۇ — ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر — دەججال زامانىدىدۇر. مۇسلىمنىڭ كىتابىنىڭ ئاخىرىدىكى دەججال ھەققىدىكى سەھىھ ھەدىستە كەلگىنىدەك: <دەججال مەدىنىنى مەقسەت قىلىپ كېلىدۇ، شۇ چاغدا مەدىنە ئۆز ئاھالىسى بىلەن ئۈچ قېتىم سىلكىنىدۇ، ئاللاھ شۇ ئارقىلىق مەدىنىدىكى بارلىق كاپىر ۋە مۇناپىقلارنى سىرتقا (دەججالنىڭ يېنىغا) چىقىرىپ تاشلايدۇ>. شۇڭا بۇ ئەھۋالنىڭ يا پەقەت دەججال زامانىغا خاس بولۇشى، ياكى ئوخشىمىغان زامانلاردا يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر» (شەرھى سەھىھ مۇسلىم 9/154).
ھافىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئىككى قاراشنى بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مەقسەت ھەر ئىككى زاماننى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىدا ئەھۋال شۇنداق ئىدى… بۇنى بىر نەچچە بابتىن كېيىن كېلىدىغان ئەئرابى ۋەقەسىمۇ قۇۋۋەتلەيدۇ؛ چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەئرابىنىڭ بەيئىتىدىن يېنىشنى تەلەپ قىلىپ مەدىنىدىن چىقىپ كېتىشىگە بۇ ھەدىسنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن. ئاندىن بۇ ئەھۋال يەنە ئاخىرقى زاماندا دەججال چۈشكەندە مەدىنە سىلكىنىپ، ئۇ يەردە بىرەر كاپىر ياكى مۇناپىق قالماي دەججالنىڭ يېنىغا چىقىپ كەتكەندىمۇ يۈز بېرىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ ئارىلىقىدا بۇنداق بولۇشى شەرت ئەمەس.» (فەتھۇل بارى 4/88)
ئۈچىنچى:
سوئالدا تىلغا ئېلىنغان «مەدىنىدە مۇناپىقلارنىڭ تۇرۇشى» مەسىلىسىگە كەلسەك، جاۋاب شۇنداق بولىدۇ:
ئەگەر ھەدىسنى «قىيامەت بولۇش ئالدىدىكى تازىلاش» دەپ چۈشەنسەك، ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى زامانلاردا (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانىدا بولغىنىدەك) مەدىنىدە مۇناپىقلارنىڭ بولۇشى ھەدىسكە زىت ئەمەس.
ئەگەر ھەدىسنى بەزى ئالىملار ئېيتقاندەك «پەقەت پەيغەمبەر زامانىغا خاس» ياكى شۇ زاماننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ چۈشەنسەك، بۇ يۇقىرىدىكى مۈجمەللىكنىڭ تۈگۈنىدۇر. بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىلىدۇ:
بەزى ئالىملار بۇ ھەدىسنى «كۆپ سانلىق ئەھۋالغا قارىتىلغان» دەپ چۈشەندۈرگەن؛ يەنى يامان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەدىنىدە ياشاشقا سەبىر قىلالمايدۇ. بۇ ئەھۋال مەدىنىدە مۇناپىقلارغا ئوخشاش بەزى يامان كىشىلەرنىڭ تۇرۇشىنى چەكلىمەيدۇ. تاكى ئاخىرقى زامان كەلگەندە، مەدىنە بارلىق پاسات ۋە يامان كىشىلەرنى پۈتۈنلەي تازىلاپ چىقىرىپ تاشلايدۇ.
شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئەھۋال رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدا ۋە باشقا زامانلاردا كۆپ يۈز بېرىدۇ، ئەمما ئومۇميۈزلۈك ئەمەس. لېكىن ئاخىرقى زاماندا، دەججال زامانىدا مەدىنە ئۈچ قېتىم سىلكىنگەندە تازىلاش ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ. بەزى كىشىلەرگە كېسەللىك ياكى نامراتلىق يېتىپ، سەبىر قىلالماي مەدىنىدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن… ھەدىسنىڭ ئومۇميۈزلۈك بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى، ئۇ زاماندا مەدىنىدە مۇناپىقلار ۋە يەھۇدىيلارنىڭ بولغانلىقىدۇر» (ئەلھۇلەلۇل ئىبرىزىيە 4/430).
شۇنىڭ بىلەن چۈشىنىشلىك بولىدۇكى، پەيغەمبەرلىك زامانىدىكى مەدىنىدە يامان كىشىلەر ۋە نىپاق ئەھلى بار ئىدى، ئەمما مەدىنە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى تازىلىغان، ئازغىنىلا قالغان. مەدىنە ئۆزىنىڭ يامانلىقىنى ئاشكارىلىغانلارنى تۇرغۇزمايتتى، ئۇلار يا ئۆلۈم بىلەن، ياكى سۈرگۈن بىلەن ئايرىلاتتى. يەھۇدىي قەبىلىلىرى يامانلىق ۋە كىرلىرىنى ئاشكارىلىغان ھامان بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى سۈرگۈن قىلىندى ياكى ئۆلتۈرۈلدى. مۇناپىقلارغا كەلسەك، قالغانلىرى ئازغىنا بولۇپ، ئۇلارنىڭ بارلىقى يوقلۇق بىلەن باراۋەر ئىدى، چۈنكى ئۇلار يامانلىقىنى ئاشكارىلىيالمايتتى، ئەكسىچە مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە ياخشى كۆرۈنۈشكە مەجبۇر ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مۇناپىقلار، دىللىرىدا كېسەل بارلار ۋە مەدىنىدە يالغان خەۋەر تارقىتىپ قالايمىقانچىلىق چىقارغۇچىلار (قورقۇنچ ۋەھىمىسى سېلىشتىن) يانمىسا، سېنى ئەلۋەتتە ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار مەدىنىدە سەن بىلەن پەقەت ئازغىنا ۋاقىتلا بىللە تۇرالايدۇ» (سۈرە ئەھزاب، 60-ئايەت).
ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ <ئاندىن ئۇلار مەدىنىدە سەن بىلەن پەقەت ئازغىنا ۋاقىتلا بىللە تۇرالايدۇ> دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى — مەدىنىدە، دېمەكتۇر. <پەقەت ئازغىنا> دېگىنى — ئۇلارنىڭ ئاز سانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەھۋال دەل ئاللاھ ئېيتقاندەك بولدى، چۈنكى ئۇلار ئىنتايىن ئاز قالغانىدى. يەنە بىر مەنىسى: ئۇلار سەن بىلەن مەدىنىدە پەقەت قىسقا بىر مۇددەتلا تۇرىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي ھالاك بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر» (تەفسىرى قۇرتۇبى 14/247).
شۇنداق بولۇشى مۇمكىنكى، مەدىنە تېزلا سىرتقا ھەيدەپ تاشلىغان يامان كىشىلەر — مەدىنىگە ئىمان ئۈچۈن كېلىپ كېيىن يېنىۋالغانلاردۇر؛ مەدىنە ئۇلارنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇلار ئۇ يەردە تۇرۇشنى خالىماي تېزلا چىقىپ كېتىدۇ. ئەمما مەدىنىنىڭ ئەسلى ئاھالىسى بولغان يامانلارنى مەدىنە ئاستا-ئاستا تازىلايدۇ.
ئىبنى باتتال رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«ئەگەر: <مۇناپىقلار مەدىنىدە ياشىدى ۋە شۇ يەردە ئۆلدى، مەدىنە ئۇلارنى تازىلاپ چىقارمىدىغۇ؟> دەپ سورالسا، جاۋاب شۇكى: مەدىنە مۇناپىقلارنىڭ ئەسلى ماكانى ئىدى، ئۇلار ئۇ يەرگە ئىسلامغا قىزىقىپ ياكى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ كۆچۈپ كەلمىگەن، بەلكى ئەسلى تىرىكچىلىكى شۇ يەردە بولغانلىقى ئۈچۈن ياشىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ مىسالى (تۆمۈرچىنىڭ كۆرىكى مىسالى) پەقەت ئىسلامغا قىزىقىپ كېلىپ بەيئەت قىلغان، كېيىن قەلبى بۇزۇلغانلارغا قارىتىلغان. مەدىنىنى ئەسلى ماكانى قىلمىغانلاردىن بىرەرسىنىڭ مۇرتەد بولۇپ تۇرۇپ يەنىلا مەدىنىدە تۇرۇشنى تاللىغانلىقى مەلۇم ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۇفرىغا قايتىپ قېچىپ كەتكەن.»
مۇھەللەب مۇنداق دەيدۇ:
«مەدىنىدە ياشايدىغان مۇناپىقلارنى ئاللاھ تائالا (قۇرئان بىلەن) خۇددى مەدىنىدىن ئايرىۋېتىلگەندەك ئاشكارىلاپ قويغانىدى؛ مەسىلەن، ئاللاھنىڭ: <ئۇلار مۆمىنلەرنىڭ سەدىقىلىرىنى مەسخىرە قىلىدۇ>، <ئۇلار پەيغەمبەرنى رەنجىتىدۇ ۋە ئۇ ھەممىگە قۇلاق سالىدىغان ئادەم دەيدۇ>، <سەن ئۇلارنى سۆز قىلىش ئۇسلۇبىدىنلا تونۇيسەن> دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئۇلار تونۇلغان ۋە بېكىتىلگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەرنىڭ <مۇھەممەد ئۆز ساھابىلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى سۈرگۈن قىلىدۇ> دەپ سۆز قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنى مەدىنىدە تۇرۇشقا قويۇپ بەرگەن (سۈرگۈن قىلىشمۇ ئۆلتۈرۈشكە ئوخشاش جازادۇر)… شۇنداقتىمۇ ئاللاھ ئۇلارنىڭ مەدىنىدە پەقەت ئازغىنا ۋاقىتلا تۇرالايدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلغانىدى، شۇ سەۋەبتىن مەدىنە ئۇلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورقۇپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىغان. ئاللاھ تائالا: <ئۇلار لەنەت قىلىنغانلاردۇر، قەيەردە تېپىلسا تۇتۇلىدۇ ۋە تامامەن ئۆلتۈرۈلىدۇ> دېگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلالماي مەدىنىدىن چىقىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ <مەدىنە ئۆز كىرلىرىنى تازىلايدۇ> دېگەن سۆزىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. لېكىن، بۇ تازىلاش بىرلا قېتىملىق زەربە بىلەن ئەمەس، بەلكى باسقۇچ بويىچە، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يۈز بەرگەن…» (شەرھى سەھىھۇل بۇخارى 4/552–553).
ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.
— مۇجتەھىد تورى تەرييارلىدى
