بەزى مۇسۇلمان ھۆكۈمرانلارنىڭ گۇناھ-مەئسىيەت ۋە چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلىشى ئۇلارغا قارشى چىقىشنى ۋاجىپ قىلامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
سوئال: ھۆرمەتلىك شەيخ، بەزىلەر بەزى ھۆكۈمرانلارنىڭ گۇناھ-مەئسىيەت ۋە چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلىشىنى ئۇلارغا قارشى چىقىش ۋە ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەب دەپ قارايدۇ. گەرچە بۇ ئىش شۇ دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارغا زىيان ئېلىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار مۇشۇ قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ. نۆۋەتتە ئىسلام دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىك ۋەقەلەرمۇ بۇنىڭ مىسالىدۇر. بۇ ھەقتە سىلىنىڭ پىكىرلىرى قانداق؟
جاۋاب:ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا ھەمدۇسانا بولسۇن. ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە ئۇ زاتنىڭ ھىدايەت يولىغا ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: {يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنْكُمْ فَإِنْ تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِنْ كُنْتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ذَلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا} «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ۋە ئاراڭلاردىكى ئىش بېشىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر بىرەر ئىشتا تالاش-تارتىش قىلىشىپ قالساڭلار، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار، ئۇنى ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا) ۋە پەيغەمبەرگە (يەنى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە) ھاۋالە قىلىڭلار. بۇ (سىلەر ئۈچۈن) ئەڭ ياخشى ۋە نەتىجە جەھەتتىن ئەڭ گۈزەلدۇر.» (سۈرە نىسا، 59-ئايەت)
بۇ ئايەت ئىش بېشىدىكىلەرگە، يەنى ئەمىرلەر ۋە ئۆلىمالارغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى ھەققىدە ئېنىق دەلىلدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەرمۇ بۇ ئىتائەتنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ۋە بۇ خىل ئىتائەتنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئىشلاردا پەرز ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
سۈننىتى شەرىپتىكى نەسلەر (دەلىللەر) يۇقىرىقى ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاپ ۋە چەكلەپ كۆرسىتىدۇك، «ئىتائەت»تىن مەقسەت — ياخشىلىقتا ئىتائەت قىلىشتۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىش بېشىدىكىلەرگە گۇناھ ئىشلاردا ئەمەس، بەلكى شەرىئەتكە ئۇيغۇن ياخشى ئىشلاردا ئىتائەت قىلىشى ۋاجىپتۇر. ئەگەر ئۇلار گۇناھ ئىشقا بۇيرۇسا، ئۇ گۇناھ ئىشتا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىنمايدۇ. ئەمما بۇ سەۋەبلىك ئۇلارغا قارشى چىقىشقا (باش كۆتۈرۈشكە) بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((ألا من ولي عليه وال فرآه يأتي شيئًا من معصية الله فليكره ما يأتي من معصية الله، ولا ينزعن يدًا من طاعة)) «ئاگاھ بولۇڭلاركى، كىمنىڭ ئۈستىگە بىر مۇسۇلمان باشلىق تەيىنلەنسە-يۇ، ئۇنىڭ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىدىغان بىرەر ئىشنى قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇ قىلغان گۇناھىنى يامان كۆرسۇن، ئەمما ئىتائەتتىن قولىنى تارتمىسۇن.» [أخرجه مسلم (1855)، وأحمد (23999)] يەنە بىر ھەدىستە: ((مَنْ خَرَجَ مِنَ الطَّاعَةِ، وَفَارَقَ الْجَمَاعَةَ فَمَاتَ، مَاتَ مِيتَةً جَاهِلِيَّةً))«كىمكى ئىتائەتتىن چىقىپ، جامائەتتىن ئايرىلغان ھالدا ئۆلسە، جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ» دېيىلگەن. (مۇسلىم 1848) يەنە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ((على المرء السمع والطاعة فيما أحب وكره إلا أن يؤمر بمعصية، فإن أمر بمعصية فلا سمع ولا طاعة))«مۇسۇلمان كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ياكى يامان كۆرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە (مۇسۇلمان باشلىققا) قۇلاق سېلىشى ۋە ئىتائەت قىلىشى ۋاجىپ، پەقەت گۇناھ ئىشقا بۇيرۇلغاندا بۇنىڭ سىرتىدا. ئەگەر گۇناھقا بۇيرۇلسا، ئۇنىڭغا قۇلاق سالمايدۇ ۋە ئىتائەت قىلمايدۇ.» [أخرجه البخاري (7144)، ومسلم (1839)] ساھابىلەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «سىلەر يامان كۆرىدىغان ۋە شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلارنى قىلىدىغان ئەمىرلەر چىقىدۇ» دېگىنىنى ئاڭلىغاندا: «ئى رەسۇلۇللاھ، بىزگە نېمە بۇيرۇيسىز؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ زات: ((أدوا إليهم حقهم، وسلوا الله حقكم)) «ئۇلارنىڭ سىلەردىكى ھەققىنى ئادا قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ھەققىنى ئاللاھتىن سوراڭلار» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خۇشاللىق ۋە ئوڭۇشسىزلىق چاغلىرىمىزدا، قىيىنچىلىق ۋە پاراۋانلىق كۈنلىرىمىزدە، ھەتتا بىزنىڭ ھەققىمىز يېيىلگەن تەقدىردىمۇ (باشلىققا) قۇلاق سېلىشقا ۋە ئىتائەت قىلىشقا، ھەمدە ئىش بېشىدىكىلەر بىلەن ھوقۇق تالاشماسلىققا بەيئەت قىلدۇق.» رەسۇلۇللاھ يەنە مۇنداق دېدى: ((إلا أن تروا كفرًا بواحًا عندكم من الله فيه برهان.))«پەقەت سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئېنىق بىر دەلىل كەلگەن ئوچۇق-ئاشكارە كۇفرىنى كۆرمىگۈچە (قارشى چىقماڭلار).»
بۇ دەلىللەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىش بېشىدىكىلەر (مۇسۇلمان ھۆكۈمرانلار) بىلەن ھوقۇق تاللىشىشىغا ياكى ئۇلارغا قارشى چىقىشىغا بولمايدۇ. پەقەتلا ئاللاھ تەرىپىدىن ئېنىق دەلىلى بولغان ئوچۇق كۇفرىنى كۆرگەندە بۇنىڭ سىرتىدا. چۈنكى ئىش بېشىدىكىلەرگە قارشى چىقىش ئىنتايىن چوڭ بۇزغۇنچىلىق ۋە ئېغىر يامانلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ جەمئىيەتنىڭ ئەمىنلىكى بۇزۇلىدۇ، ھەق-ھوقۇقلار دەپسەندە قىلىنىدۇ. (مۇسۇلمان ھۆكۈمدارغا قارشى چىققاندىن كېيىن) زالىمنى توسۇش ۋە مەزلۇمغا ياردەم بېرىش ئىمكانىيىتى قالمايدۇ، يوللار خەتەرلىك بولۇپ قالىدۇ. قارشى چىقىشنىڭ نەتىجىسىدە كۆرۈلىدىغان پاساتچىلىق ئىنتايىن زور بولىدۇ. پەقەت مۇسۇلمانلار ئاللاھ تەرىپىدىن ئېنىق دەلىلى بولغان بىر «ئوچۇق كۇفرى»نى كۆرگەندىلا، شۇ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا كۈچ-قۇدرىتى يەتسە، ئاندىن قارشى چىقسا بولىدۇ. ئەمما كۈچ-قۇدرىتى يەتمىسە، ياكى قارشى چىقىش تېخىمۇ چوڭ يامانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولسا، ئومۇمىي مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ قارشى چىقىشقا بولمايدۇ.
شەرىئەتتە بىرلىككە كېلىنگەن قائىدە شۇكى: «بىر يامانلىقنى ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر يامانلىق بىلەن يوقىتىشقا بولمايدۇ، بەلكى يامانلىقنى يوقىتىدىغان ياكى يەڭگىللىتىدىغان ۋاسىتىلەر بىلەن دەپئى قىلىش ۋاجىپتۇر.» يامانلىقنى تېخىمۇ چوڭ يامانلىق بىلەن دەپئى قىلىشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجمائى بويىچە رۇخسەت يوق. ئەگەر ئوچۇق كۇفرىنى سادىر قىلغان بۇ سۇلتاننى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولغان تەرەپنىڭ ئۇنى ئورنىدىن ئېلىۋېتىشكە ۋە ئورنىغا بىر سالىھ، ياخشى رەھبەرنى تەيىنلەشكە كۈچى يەتسە، ھەمدە بۇ ئىشتىن مۇسۇلمانلارغا شۇ سۇلتاننىڭ يامانلىقىدىنمۇ ئېغىر بىر يامانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق كەلمەيدىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلسە، ئاندىن قارشى چىقسا بولىدۇ.
ئەمما، قارشى چىقىش نەتىجىسىدە تېخىمۇ چوڭ بۇزغۇنچىلىق يۈز بېرىدىغان، ئەمىنلىك يوقايدىغان، كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىنىدىغان، ناھەق قانلار تۆكۈلىدىغان ئەھۋالدا بۇ ئىش قەتئىي دۇرۇس ئەمەس. بەلكى بۇنداق چاغدا سەبىر قىلىش، ياخشىلىق ئىشلاردا قۇلاق سېلىش ۋە ئىتائەت قىلىش، ئىش بېشىدىكىلەرگە سەمىمىي نەسىھەت قىلىش، ئۇلارغا خەيرى-دۇئا قىلىش، يامانلىقنى ئازايتىش ۋە ياخشىلىقنى كۆپەيتىش ئۈچۈن تىرىشىش ۋاجىپتۇر. مېڭىشقا تېگىشلىك توغرا يول دەل مانا بۇ. چۈنكى بۇ يولدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتى، يامانلىقنى ئازايتىپ ياخشىلىقنى كۆپەيتىش، ئەمىنلىكنى ساقلاش ۋە مۇسۇلمانلارنى تېخىمۇ ئېغىر بالايىئاپەتلەردىن قوغداش باردۇر. ئاللاھتىن ھەممىمىزگە تەۋپىق ۋە ھىدايەت تىلەيمىز.
(شەيخ ئىبنى بازنىڭ پەتۋا ۋە ماقالىلەر توپلىمى، 8-توم، 202-بەت)
