ئىسلام بۈيۈكلىرىنىڭ دوستلۇق ھەققىدە ئېيتقانلىرى

ئىسلام بۈيۈكلىرىنىڭ دوستلۇق ھەققىدە ئېيتقانلىرى

قۇدرەت بارات

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أوثق عرى الإيمان الموالاة في الله، والمعافاة في الله، والحب في الله، والبغض في الله عز وجل)) «ئىماننىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تۇتقۇسى ئاللاھ يولىدا دوستلىشىش، ئاللاھ يولىدا دۈشمەنلىشىش، ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن ئۆچ كۆرۈشتۇر.» hedisim.com (ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 2539)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لا تُصَاحِبْ إِلا مُؤْمِنًا وَلا يَأْكُلْ طَعَامَكَ إِلا تَقِيٌّ)) «مۆمىندىن باشقىسى بىلەن دوست بولما. تامىقىڭنى تەقۋادار مۆمىندىن باشقىسى يېمىسۇن.» hedisim.com (تىرمىزى 2395؛ ئەبۇ داۋۇد 4832، ئەبۇ سەئد خۇدرىدىن؛ ئەلبانى سەھىھ تىرمىزىدا سەھىھ دېگەن)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الرَّجُلُ عَلَى دِينِ خَلِيلِهِ فَلْيَنْظُرْ أَحَدُكُمْ مَنْ يُخَالِلُ)) «كىشى ئۆز دوستىنىڭ دىنىدا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن بىرىڭلار ئۆزىنىڭ كىمنى دوست تۇتقانلىقىغا قارىسۇن.» hedisim.com (تىرمىزى 2378؛ ئەبۇ داۋۇد 4833، ئەبۇ ھۇرەيرەدىن؛ ئەلبانى سەھىھ تىرمىزىدا سەھىھ دېگەن)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:  ((خَيْرُ الأَصحاب عِنْدَ اللَّهِ تَعَالَى خَيْرُهُمْ لصاحِبِهِ، وخَيْرُ الجِيرَانِ عِنْدَ اللَّه تَعَالَى خيْرُهُمْ لجارِهِ)) «ئاللاھنىڭ نەزىرىدە دوستلارنىڭ (ھەمراھنىڭ) ئەڭ ياخشىسى دوستىغا (ھەمراھىغا) ياخشىلىق قىلىدىغان دوستتۇر. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قوشنىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى قوشنىسىغا ياخشىلىق قىلىدىغان قوشنىدۇر.» hedisim.com (تىرمىزى 1944؛ رىيازۇس سالىھىن 311)

***

دوست – بۇرادەرلەرنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش ھەققىدە

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (مَن أقَرَّ بِعَيْنِ مُؤْمِنٍ، أقَرَّ اللَّهُ بِعَيْنِهِ يَوْمَ القِيامَةِ) «كىم بىر مۆمىننى خۇش قىلسا، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنى خۇش قىلىدۇ.» hedisim.com (ئىبنى مۇبارەك: زۇھد 637)

كىم بىلەن دوستلىشىمىز؟

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«كىشىنىڭ نامىزىغا ۋە روزىسىغا قارىماڭلار. ھالبۇكى، كىشىنىڭ سۆز قىلغاندا توغرا سۆز قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىغا، ئامەتكە خىيانەت قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىغا ۋە  گۇناھلاردىن ساقلىنىپ ساقلانمايدىغانلىقىغا قاراڭلار.» hedisim.com (بەيھەقى: ئىماننىڭ شۆبىلىرى 4895)

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنى دوستىدىن تونۇغىن. مۇسۇلمان مۇسۇلمان بىلەن، فاجىر فاجىر بىلەن ئارىلىشىدۇ.» hedisim.com (ئىبانەتۇل كۇبرا، 2/476)

بىر كىشى داۋۇد تائىيدىن نەسىھەت تەلەپ قىلىۋىدى، داۋۇد تائىي مۇنداق دېدى: «تەقۋادار كىشىلەر بىلەن دوست بولغىن. چۈنكى تەقۋادارلار كىشىلەر ئارىسىدا ساڭا ئەڭ ئاز يۈك بولىدىغان، ساڭا ئەڭ كۆپ ياردىمى تېگىدىغان كىشىلەردۇر.» hedisim.com (الإخوان لابن أبي الدنيا 43) * تەقۋادار كىشىلەر — ئايەت ۋە ھەدىسلەردە بۇيرۇلغان پەرزلەرنى ئورۇنداشقا تىرىشىدىغان، ئايەت ۋە ھەدىستە چەكلىگەن شىرك، بىدئەت ۋە گۇناھلاردىن ئۇزاق تۇرۇشقا تىرىشىدىغان كىشىلەردۇر. يەنى، ئاللاھ ۋە رەسۇلى پەرز قىلغان ئىشلارنى ئورۇنداشقا كۈچەيدىغان، ئاللاھ ۋە رەسۇلى ھارام قىلغان ئىشلاردىن قېچىشقا كۈچەيدىغان كىشىلەردۇر.

ئۇسمان ئىبنى ھەكىم ئەلەۋدىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «دىن جەھەتتە ئۆزۈڭدىن ئۈستۈن بولغان، ئەمما دۇنيالىق جەھەتتە ئۆزۈڭدىن تۆۋەن بولغان كىشى بىلەن دوست بولغىن.» hedisim.com (الإخوان لابن أبي الدنيا 45)

ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ لوقمان ھەكىمنىڭ ئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان: «ئى ئوغلۇم! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشتىن كېيىن، سالىھ دوست تۇتۇشقا يېتىدىغان ئىش يوقتۇر.» hedisim.com (الإخوان لابن أبي الدنيا 25)

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «سەمىمىي، راستچىل ۋە ساداقەتمەن دوستلارنى ئۆزۈڭگە لازىم تۇتقىن ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا ياشا. چۈنكى ئۇلار باياشات كۈنلىرىڭدە سەن ئۈچۈن زىننەتتۇر، ئېغىرچىلىق كۈنلەردە سەن يۆلىنىدىغان يۆلەنچۈكتۇر.» hedisim.com (الإخوان لابن أبي الدنيا 35)

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «يالغۇز قېلىش — ناچار ھەمراھ\دوستتىن ياخشىدۇر. سالىھ كىشى بىلەن ھەمراھ بولۇش — يالغۇز قېلىشتىن ئەۋزەلدۇر.» hedisim.com (ئىبنۇل جەۋزى: مىنھاجۇل قاسىدىن 1\413)

بىلال ئىبنى سەئىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ھەر ئۇچراشقىنىڭدا (ئايەتلەر، ھەدىسلەر، سەلەپ – سالىھىننىڭ ۋەقەلىكى ۋە گۈزەل نەسىھەتلەر ئارقىلىق) ساڭا ئاللاھنى ئەسلىتىدىغان بۇرادىرىڭ سەن ئۈچۈن — ھەر ئۇچراشقىنىڭدا قولۇڭغا دىنار – دىرھەم تۇتقۇزۇپ قويىدىغان بۇرادىرىڭدىن ياخشىدۇر.» hedisim.com (الإخوان لابن أبي الدنيا 85)

مۇفەززەل ئىبنى غەسسان دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «ساڭا قىلغان ياخشىلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان (سالىھ) كىشىلەر بىلەن دوست بولغىن.» hedisim.com (الإخوان لابن أبي الدنيا 48)

***

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سېنىڭ ئاللاھقا ئىتائىتىڭنىڭ ئېشىشىدا ساڭا مەنپەئەتى تېگىدىغان بىر قېرىندىشىڭ بولسا، ئۇنى چىڭ تۇتقىن. چۈنكى، دوست تۇتۇش قىيىن بولغان بىلەن، دوستتىن ئايرىلىپ قېلىش ئاسان.» hedisim.com (ئەبۇ نۇئەيم: ئەۋلىيالار زىننىتى 4\101)

ھەسەن بەسرى بىر كىشىگە نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ««ئى پالانچى! (سالىھ) دوستلىرىڭنى كۆپەيتكىن. چۈنكى سەن دوستلاردىن ئېرىشىدىغان ئەڭ كىچىك پايدا — سېنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىڭ ئۇنىڭغا يەتكەندە، سېنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشىدۇر.» hedisim.com (الإخوان لابن أبي الدنيا 29)

داۋۇد ئوغلى سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىلغان: «ئى ئوغلۇم! مىڭ دوستۇڭ بولۇشىنى كۆپ ھېسابلىما، بىر دۈشمىنىڭ بولۇشىنى ئاز ھېسابلىما.» hedisim.com (الإخوان لابن أبي الدنيا 29)

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاللاھ سىلەردىن بىرىڭلارنى بىر مۇسۇلمانغا مۇھەببەت باغلاپ ياخشى كۆرۈش بىلەن رىزىقلاندۇرسا، ئۇ ھالدا ئۇ كىشىنى (قەدىرلەپ) چىڭ تۇتۇڭلار.» hedisim.com (الإخوان لابن أبي الدنيا 32)

دوستلۇق ھەققىدىكى ئاچچىق رېئاللىق

ئەيياش ئىبنى مۇتتەرىف كەلائىي مۇنداق دېگەن: «دوستى يوق ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ تەمى بولمايدۇ. پۇل – مېلى يوق ئادەمنىڭ دوستى بولمايدۇ.» hedisim.com (الإخوان لابن أبي الدنيا 36)

دىنى ۋە مىجەزى ناچار كىشىلەردىن ئۇزاق تۇرۇش ھەققىدە

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنى يېقىن ئارىلىشىدىغان دوستىدىن تونۇڭلار. چۈنكى كىشى پەقەت ئۆزى ياقتۇرىدىغان، مىجەز – خۇلقى ئۆزىگە ئوخشايدىغان كىشى بىلەنلا يېقىن دوست بولىدۇ.» hedisim.com (الإخوان لابن أبي الدنيا 36)

ئېسىل كىشىلەرنى تونۇش ھەققىدە

ئەئمەش رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: شەئبى ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەي ئەئمەش! كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئېسىلى دوستلۇقى تېز، دۈشمەنلىكى ئاستا بولغۇچىدۇر، بۇنداق كىشى بەئەينى كۆمۈش قاچىدەك تەستە سۇنىدۇ، ئاسان رېمونت قىلغىلى بولىدۇ. ناچار ئىنسانلار تەستە دوست بولۇپ، تېز دۈشمەن بولىدۇ. بۇنداق ئىنسانلار بەئەينى ساپالدەك ئاسان سۇنىدىغان، رېمونت قىلىنىشى قىيىن بولغان ساپال قاچىغا ئوخشايدۇ.» hedisim.com (شۇئبۇل ئىيمان 8018)

***
ھاشىم ئىبنۇل قاسىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ھەقىقىي دوست — سېنىڭ غەزىپىڭ ئۈچۈن غەزەپلىنىدىغان، سېنىڭ رازىلىقىڭ (خۇشاللىقىڭ) ئۈچۈن رازى بولىدىغان كىشىدۇر.» hedisim.com (الإخوان لابن أبي الدنيا 46)

ئىمام ئەۋزائى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا ئەڭ ئاز تېپىلىدىغان نەرسە سەمىمىي دوست، ھالال كىرىم ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ئەمەلدۇر.» hedisim.com (ئىمام ئەھمەد: زۇھد كىتابى 964)

ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۆمىنلەردىن جىق دوستلارنى تۇتقىن. شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەر قىيامەت كۈنى ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ۋە دوستلىرىنى شاپائەت قىلىدۇ.» hedisim.com (تەپسىر بەغەۋى 8\340)

ئەلى ئىبنى ئۇبەيدە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«دوستىنىڭ قۇسۇرلىرىنى كۆرۈشتىن ئۇزاق تۇرۇش — دوستلۇقنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر.» hedisim.com (بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 8011)

فۇزەيل ئىبنى ئىياز مۇنداق دېگەن: «ئەيىپ – نۇقسانسىز دوست ئىزدىگۈچى دوستسىز قالىدۇ.» hedisim.com (شۇئبۇل ئىيمان 8027، ئاقىللارنىڭ باغچىسى 169)

شەئبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كونا دوستنى يېڭى دوستقا تېگىشمە. چۈنكى، يېڭى دوست ساڭا كونىسىدەك سەمىمىي بولمايدۇ.» hedisim.com (شۇئبۇل ئىيمان 8035)

ئىمام سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە مۇنداق دېگەن: «ئىبنى دىينار بىلەن يىللارچە باردى كەلدى قىلدىم. (بۇ جەرياندا) ئۇ مېنى بىئارام قىلىدىغان، كۆڭلۈمگە كېلىدىغان بىر ئېغىز سۆزمۇ قىلىپ باقمىدى.» hedisim.com (حلية الأولياء 3\10)

ۋاپادار دوست

رەبىي ئىبنى سۇلايمان رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىمام شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «كىشى ئۆزىنىڭ بىرەر ئەشياسىنى پەقەت ئۆزى ھەقىقىي ئىشەنگەن كىشىگە ئامانەت قويغىنىدەك، دوست-بۇرادەر بولۇشقان كىشىلىرىنىڭ ۋاپا ئەھلى بولۇشىغا دىققەت قىلىشى لازىم.» hedisim.com (ئىبنى ئابدىلبەر: ئەلئىنقىتا 137)

ۋاپادار دوستنىڭ ئۆرنىكى

ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن سەجدىلىرىمدە دوست – بۇرادەرلىرىمدىن يەتمىشىنىڭ ئىسمىنى دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن قوشۇپ ئاتاپ تۇرۇپ ئۇلار ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەيمەن.» hedisim.com (سىيەر ئەئلام نۇبۇلا،9/55)

دوست قانداق بىلنىشىدۇ

ئىمام ئىبنى ھىببان رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ھەقىقىي دىنىي قېرىنداش دېگەن كىشى ھاجەتمەن بولۇپ، ياردەمگە ئېھتىياجلىق پەيتلەردە بىلنىشىدۇ. چۈنكى، راھەت-پاراغەت پەيتىدە ھەممە كىشى دوست-ئاغىينىدۇر.» hedisim.com (روضة العقلاء 221)

دوستلۇق مەجبۇرىيىتى

ئىمام سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا قېرىنداش (دوست) بولغان بولسام، ئۇ بىر گۇناھ ئىشلىگەندە ئۇنى بۇ گۇناھتىن ئۇزاقلاشتۇرۇش يولىنى تۇتمىغان بولسام، ئۇنى ئاللاھ يولىدا قېرىنداش تۇتمىغان بولىمەن.» hedisim.com (حلية الأولياء 5\319)

جەئفەر ئىبنى بىرقان مۇنداق دەيدۇ: مەيمۇن ئىبنى مىھران (ۋ: ھ 117) ماڭا مۇنداق دېگەن ئىدى:«ئى جەئفەر! قۇسۇرلىرىمنى يۈزۈمگە ئېيتقىن. دىنىي قېرىندىشىنىڭ قۇسۇرىنى يۈزىگە ئېيتمىغۇچى سەمىمىي كىشى ئەمەس.» hedisim.com (سىفاتۇس سەفۋا: 1059) * مەيمۇن ئىبنى مىھران ساھابە ئىبنى ئابباسنىڭ شاگىرتلىرىدىندۇر.

ئەبۇ ئۇمەير سۇرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«قېرىندىشىڭنىڭ ساڭا (دىنىڭغا پايدىلىق) بىر سۆزنى قىلىشى ساڭا مال-دۇنيا بېرىشىدىن ياخشىدۇر. چۈنكى، ياخشى سۆز سېنى قۇتۇلدۇرىدۇ، مال-دۇنيا بولسا سېنى ئازدۇرىدۇ.» (بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\574) hedisim.com | مۇجتەھىد تورى

دوستنى سېغىنىش

ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھتىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:  ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېچىلىرى قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئەسلەيتتى ۋە «ھەجەپمۇ ئۇزۇن كېچە-ھە!» دەيتتى. بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپلا، ئۆزى ئەسلىگەن قېرىندىشىنىڭ قاراپ ماڭاتتى، ئۇچراشقىنىدا ئۇ قېرىندىشىغا ئېسىلىپ قۇچاقلايتتى. hedisim.com | (ئىمام ئەھمەد، زۇھد كىتابى، 646)

***

ئىمام ئىبنۇل جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاقىل كىشى ئائىلە-بالىلىرى، دوست – بۇرادەر، تونۇش -بىلىش ۋە قوشنا – قولۇملىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ھەر قانداق چوڭ – كىچىك ئىشتا قىلنى قىرىققا يېرىپ مۇئامىلە قىلىشتىن ئۇزاق تۇرىدىغان كىشىدۇر.» (تەھزىبۇل كەمال، 19\37)

ئەبۇ يەزىد بەستامىدىن «كىم بىلەن دوست بولساق بولىدۇ؟» دەپ سورىلىۋىدى، «سەن توغرۇلۇق ئاللاھ بىلگەن نەرسىلەرنى بىلىپ، ئاندىن ئاللاھ ياپقاندەك سىرلىرىڭنى ياپقان كىشى بىلەن»دېدى. hedisim.com (مىنھاج، 1\418)

دوستقا قىلىغان خىيانەتلەردىن بىرى

تابىئىن ئىمام ھەسەن بەسىرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: دىنىي قېرىندىشىڭنىڭ سىرىنى باشقىلارغا ئېيتىشىڭ خىيانەتتۇر. hedisim.com (مىنھاج قاسىدىن، 1\418)

ئىمام سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «زۇلۇمدىن، زالىمغا ياردەمچى بولۇشتىن، زالىم بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشتىن، زالىم بىلەن بىللە يەپ-ئىچىشتىن، زالىمنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم قىلىشتىن ۋە ئۇنىڭدىن (ھەدىيە-مۇكاپات تىپىدىكى) بىرەر نەرسە ئېلىشتىن ساقلان. بۇلارنى قىلساڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان بولىسەن، ياردەم قىلغۇچى دېمەك شېرىك بولغۇچى دېمەكتۇر.» hedisim.com (حلية الأولياء 5\299) 

ئىمام سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «تەقۋا ئەھلىدىن ئۇزاق تۇرما. گۇناھلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بىلەن دوست بولما. گۇناھكار پاسىقلار بىلەن بىللە ئولتۇرما. پاسىقلاردىن ئۇزاق تۇر.» hedisim.com (حلية الأولياء 5\299)

دوست – بۇرادەرلىرىگە كۆڭلىدە يوق نەرسىنى ئېيتىشنىڭ خىسلەت

ئىمام ئىبنى ئەبى دۇنيا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ ئۆز دىنىي قېرىندىشىغا ئۆز كۆڭلىدىكىدىن باشقىنى ئىزھار قىلىشى نېمىدېگەن يىرگىنىشلىك-ھە!» hedisim.com | (ذم ذي الوجهين ١\١١٢) 

* يەنى كۆڭلىدىكىنى دېمەي، كۆڭلىدە يوقنى دەپ قويۇشى؛ ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى دېمەي، ئۆزىدە يوق ھالەتنى بار دېيىشى يىرگىنىشلىك دېمەكچى. بۇنداق قىلىش سەھىھ ھەدىستە دوزاخ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلغان يالغانچىلىق جۈملىسىدىندۇر.

دوست – بۇرادىرىدىن ئامالنىڭ بارىچە ياخشى گۇماندا بولۇش توغرىسىدا

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھنىڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دېگەن: دادام ماڭا مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئوغلۇم، مۇسۇلمان قېرىندىشىڭدىن بىر سۆز ئاڭلىغىنىڭدا، ئۇ سۆزنى ياخشىلىققا بۇراش ئىمكانى بار تۇرۇغلۇق، ھەرگىزمۇ ئۇ سۆزنى يامانغا بۇرىما.» hedisim.com (حلية الأولياء 5\277)

***

ئىمام مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: خەيرلىك ئىشلارنى روياپقا چىقارغان \ قولغا كەلتۈرەگەن كىشى ئۆزى قولغان كەلتۈرگەن بۇ خەيرلىك ئىشى ئۈچۈن تەبرىكلەش لازىم. ئەگەر خەيرلىك ئىش ۋۇجۇدقا چىققان بولسا تەبرىكلىنىشى، كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى كۈتۈلۈۋاتقان بولسا خۇش خەۋەر بېرىلىشى كېرەك. دىنىي قېرىندىشىڭغا خۇش خەۋەر بەر، قەلبىدە خۇشاللىق پەيدا بولۇشىغا ۋەسىلە بول. hedisim.com (ئىبنى ئۇسەيمىن، رىيازۇس سالىھىن شەرھى 3\329)

دوست – بۇرادەرلەرگە خىزمەت قىلىشنىڭ پەزىلىتى

تابىئىن ئىمام مۇجاھىد مۇنداق دېگەن :

 ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە خىزمەت قىلىۋالارمەن دەپ ئۇنىڭ بىلەن باردى كەلدى قىلدىم. ئەمما، ئۇ ماڭا بەكراق خىزمەت قىلدى. hedisim.com (ئىمام ئەھمەد، زۇھد كىتابى، 1071)

***

گۇناھقا ئۆزىنى ئۇرىدىغان، گۇناھتىن قاچمايدىغان فاجىر ئىنسانلار بىلەن دوست – بۇرادەر بولماسلىق ھەققىدە

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: فاجىر ئىنسانلار بىلەن ئارىلاشما، ئۇنىڭ يامانلىقىلىرىنى ئۆگىنىپ قېلىشىڭ مۇمكىن. فاجىرغا سىرىڭنى ئېيتما، ئىشلىرىڭدا ئاللاھتىن قورقىدىغان كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلەش. (حلية الأولياء 5\171)

***

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (إذا عادَ المُسْلِمُ أخاهُ – أوْ زارَهُ – قالَ اللَّهُ تَعالى: طِبْتَ، وطابَ مَمْشاكَ، وتَبَوَّأْتَ مَنزِلًا فِي الجَنَّةِ) «بىر مۇسۇلمان كېسەل بولۇپ قالغان بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنى يوقلىسا، ياكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنى زىيارەت قىلسا، ئاللاھ <ياخشى قىلدىڭ! خۇشاللىق ئىچىدە قايتقىن، جەننەتتە بىر ماكانغا ئېرىشكىن> دەيدۇ.» hedisim.com (ئىبنى مۇبارەك: زۇھد؛ تىرمىزى 8\170)

ئابدۇلقەيس ئوغلىغا مۇنداق دېگەن: «ئى ئوغلۇم! بىرەر كىشى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشتىن بۇرۇن، تاكى ئۇنىڭ خۇي – پەيلى ۋە ھال – ئەھۋالىنى تولۇق بىلمىگۈچە ئالدىرىمىغىن. ئەگەر ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن كۆڭلۈڭ خۇش بولسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە رازى بولساڭ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن خاتالاشقىنىدا كەچۈرۈش ۋە قىيىن كۈنلىرىدە، پۇتلاشقىنىدا يۆلەش ئاساسىدا دوست – بۇرادەر بولغىن.» hedisim.com (الإخوان لابن أبي الدنيا 60)

نۇئمان ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ شامغا ماڭماقچى بولغىنىدا، دادىسى (مۇنزىر) ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئى ئوغلۇم! سېنى ئىككى ئىشتىن توسىمەن. بىرىنچىسى، دوستلىرىڭدىن تېز زېرىكىپ قېلىشتىن (يەنى دوستلىرىڭنى قەدىرلىمەي تاشلاپ قويۇشتىن) ۋە يېڭى تونۇشلارنى تېپىشقا بەك ھېرىس بولۇپ كېتىشتىن سېنى توسىمەن. ساڭا ئۆز ئابرۇيىڭنى قوغداش يولىدا پۇل – مېلىڭنى سېخىيلىق بىلەن سەرپ قىلىشنى ۋە مال-دۇنيارىڭ مەسىلىسىدە ئالدىنىپ قېلىشنى  (يەنى بىر كىشى سېنى ئالداپ بىر نەرسەڭنى ئېلىۋالماقچى بولسا، شۇ كىچىك مال ئۈچۈن جېدەللىشىپ ئابرويۇڭنى تۆككەندىن كۆرە، ئالدانغاندەك قىلىپ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش ئالىيجنابلارنىڭ سۈپىتىدۇر. سېنى مۇشۇنىڭغا) بۇيرۇيمەن. شۇنداقلا، سېنىڭ كېچىدە يالغۇز قېلىپ (ئىلىم ۋە ئىبادەت بىلەن بولۇشۇڭنى) ياخشى كۆرىمەن.» hedisim.com (الإخوان لابن أبي الدنيا 60)

ئەلىي ئىبنى ئابدۇللاھ سۇفيان (ئىبنى ئۇيەينەدىن) مۇنداق نەقىل قىلغان: مۇجەممىئ تەيمىي سۇفيان سەۋرىنىڭ يىرتىلىپ كەتكەن كىيىم كىيىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ تۆت دىرھەم بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە «بۇنىڭغا كىيىم ئېلىپ كىيىۋالسىلا» دېدى. hedisim.com (الإخوان لابن أبي الدنيا 60)

ئەلا ئىبنى مۇسەييەب مۇنداق دېگەن: خەيسەمە پۇل سېلىنغان بىر نەچچە ھەمياننى ئېلىپ مەسجىدتە ئولتۇراتتى. ئەگەر دوست – بۇرادەرلىرىدىن بىرەرسىنىڭ كونا – يىرتىق كىيىملەرنى كىيىۋالغىنىنى كۆرسە، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ، ھەمياننى ئۇنىڭغا بېرەتتى.  hedisim.com (الإخوان لابن أبي الدنيا 224)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ