قۇربانلىق قىلىش ۋاجىپمۇ سۈننەتمۇ؟
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. بارلىق ھەمدىلەر ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئاللاھنىڭ سالات ۋە سالامى بولسۇن.
ئىمام بۇخارى سەھىھۇل بۇخارىدا مۇنداق باب قويغان:
«قۇربانلىقنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا»
ئاندىن مۇنۇ ھەدىسلەرنى نەقىل قىلغان:
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «قۇربانلىق قىلىش سۈننەتتۇر ۋە ياخشى ئىشتۇر.»
بەررا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:
«بىزنىڭ بۇ كۈنىمىزدە (قۇربان ھېيت كۈنىدە) ئەڭ دەسلەپ باشلايدىغان ئىشىمىز — ناماز ئوقۇش، ئاندىن قايتىپ كېلىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر. كىمكى مۇشۇنداق قىلسا، بىزنىڭ سۈننىتىمىزگە ئۇيغۇن ئىش قىلغان بولىدۇ. كىمكى (نامازدىن) بۇرۇن مېلىنى بوغۇزلىسا، ئۇنىڭ سويغىنى پەقەت ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان بىر گۆشتۇر، ئۇ قۇربانلىق ھېسابلانمايدۇ….» (بۇخارى 5545 – نومۇرلۇق ھەدىس)
[دىقەت: بۇ ھەدىستە ئىمام بۇخارى رەسۇلۇللاھنىڭ قۇربانلىقنى سۈننەتكە باغلىشىنىڭ — قۇربانلىقنىڭ ۋاجىپ ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدىغانلىقىغا ئىشارە قىلىۋاتىدۇ.]
ئىمام بۇخارى يۇقىرىقى ھەدىستىن كېيىن يەنە مۇنداق نەقىل قىلغان:
مۇتەررىف ئامىردىن، ئۇ بەررادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى نامازدىن كېيىن قوينى سويسا، قۇربانلىقى تولۇق بولغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن ئىش قىلغان بولىدۇ.»
ئىمام بۇخارى قۇربانلىق قىلىشنىڭ سۈننەت ئەمەل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يۇقىرقى دەلىللەردىن كېيىن، مۇنۇ دەلىلنىمۇ سەنەد بىلەن نەقىل قىلغان:
ئەنەس رەزىيەللاھ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «كىم قۇربان ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى مېلىنى بوغۇزلىسا، ئۆزى ئۈچۈن بوغۇزلىغان بولىدۇ. كىم نامازدىن كېيىن بوغۇزلىسا قۇربانلىقنى ئادا قىلغان، مۇسۇلمانلارنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن ئىش قىلغان بولىدۇ.» (سەھىھۇل بۇخارى 5546 – نومۇرلۇق ھەدىس)
ئىمام بۇخارى قۇربانلىقنىڭ ۋاجىپ \ پەرز ئەمەس سۈننەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن «سەھىھۇل بۇخارى» ناملىق ئەسىرىدە يۇقىرىقى دەلىللەرنى نەقىل قىلىپ بۇ ھەقتىكى بابنى ئاخىرلاشتۇرغان.
ئىسلام ئۆلىمالىرى مۇنۇ ھەدىسنى قۇربانلىقنىڭ ۋاجىپ ئەمەسلىكىگە دەلىل قىلغان:
ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إذا دخل العشر، وأراد أحدكم أن يضحي فلا يمس من شعره ولا من بشره شيئا)) «زۇلھەججىنىڭ ئون كۈنى كەلسە ۋە سىلەردىن بىرىڭلار قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، چېچىدىن ۋە تېرىسىدىن (تىرناقلىرىدىن) ھېچنەرسىنى ئالمىسۇن.» (مۇسلىم 1977)
ئىمام شافىئىي مۇنداق دېگەن:
بۇ ھەدىستە قۇربانلىق قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئەمەسلىكىگە دەلىل بار. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ھەدىستە): ‹سىلەرنىڭ بىرىڭلار قۇربانلىق قىلىشنى خالىسا (ئىرادە قىلسا)…› دېگەن. ئەگەر قۇربانلىق قىلىش ۋاجىپ بولغان بولسا ئىدى، رەسۇلۇللاھنىڭ (‹خالىسا› دېمەستىن) ‹تاكى قۇربانلىق قىلىپ بولغۇچە چېچىغا تېگىشمىسۇن› دېيىشى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولاتتى.» [قاراڭ: «معرفة السنن والآثار» (١٤/ ١٥)، وينظر: «الحاوي الكبير» (١٥/ ٧٢)، «المحلى» (٧/ ٣٥٥ رقم ٩٧٣)، «المغني» لابن قدامة (٩/ ٤٣٦)]
ئىمام ئىبنى باز بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
ئىقتىسادىي جەھەتتە قۇربىتى يېتىدىغان كىشىنىڭ قۇربانلىق قىلىشى — پەرز (ۋاجىپ) ئەمەس — سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىككى سېمىز قوچقارنى قۇربانلىق قىلغان، ساھابىلەرمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن قۇربانلىق قىلشان، باشقا مۇسۇلمانلارمۇ شۇنداق قىلىپ كەلمەكتە. قۇربانلىق قىلىشنىڭ پەرز (ۋاجىپ) ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق شەرئىي دەلىل مەۋجۇت ئەمەس. (قۇربى يېتىدىغان كىشى ئۈچۈن) قۇربانلىق قىلىش پەرز (ۋاجىپ) دېگەن ھۆكۈم (توغرا بولمىغان) ئاجىز ھۆكۈمدۇر. (فتاوى ومقالات الشيخ ابن باز 18/ 36)
سۇۋەيد ئىبنى غەفلە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن:
«بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ماڭا مۇنداق دېدى: «مەن (زۆرۈر تېپىلسا) بىر خورازنى قۇربانلىق قىلساممۇ پەرۋا قىلمايتتىم. قۇربانلىق مېلىنىڭ پۇلىنى يوقسۇل – مىسكىندىن بىرىگە سەدىقە قىلىشىم مەن ئۈچۈن قۇربانلىق سويۇشتىن بەكرەك سۆيۈملۈكتۇر.» [رواه عبدالرزاق (٤/ ٣٨٥)]
كۇۋەيت فىقھ ئىنسكلوپىدىيىسىدە مۇنداق دېيىلگەن:
ئۆلىمالار قۇربانلىقنىڭ ھۆكمى مەسىلىسىدە ئىككى خىل قاراشتا ئىختىلاپ قىلىشتى:
بىرىنچى قاراش: قۇربانلىق قىلىش سۈننەتى مۇئەككەدەدۇر (تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر). بۇ پىقھى ئالىملىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ (جۇمھۇر فۇقەھالارنىڭ) مەزھىپىدۇر. يەنى: مالىكىي مەزھىپىنىڭ مەشھۇر قارىشى (1)، شافىئىي مەزھىپى (2)، ھەنبەلى مەزھىپى (3) ۋە زاھىرىي مەزھىپى (4). بۇ يەنە ئەبۇ يۈسۈپتىن (5) كەلگەن ئىككى رىۋايەتنىڭ بىرىدۇر. شۇنداقلا، بۇ قاراشنى ئىبنى ئەلمۇنزىر (6)، سەنئانى (7)، ئىبنى باز (8) ۋە دائىمىي پەتىۋا كومىتېتى (9) تاللىغان بولۇپ، كۆپلىگەن ئۆلىمالار مۇشۇ قاراشتا بولغان. (10)
[(١) «الكافي» لابن عبدالبر (١/ ٤١٨)، «أحكام القرآن» لابن العربي (٤/ ٤٥٩)، «مواهب الجليل» (٤/ ٣٦٢). (٢) «الحاوي الكبير» (١٥/ ١٦١)، «المجموع» للنووي (٨/ ٣٨٢). (٣) «المغني» لابن قدامة (٩/ ٤٣٥)، «كشاف القناع» (٣/ ٢١). (٤) «المحلى» (٧/ ٣٥٥، ٣٥٨ رقم ٩٧٣)، «شرح النووي على مسلم» (١٣/ ١١٠) (٥) «تبيين الحقائق» و«حاشية الشلبي» (٦/ ٢)، «فتح القدير» للكمال ابن الهمام (٩/ ٥٠٦). (٦) «شرح النووي على مسلم» (١٣/ ١١٠)، «المغني» لابن قدامة (٩/ ٤٣٥) (٧) قال الصنعاني: (… الروايات عن الصحابة في هذا المعنى كثيرة دالة على أنها سنة) «سبل السلام» (٤/ ٩٢). (٨) قال ابن باز: (الأضحية سنة مؤكدة إلا إذا كانت وصية، فإنه يجب تنفيذها) «مجموع فتاوى ابن باز» (١٨/ ٤١). (٩) قالت اللجنة الدائمة: (تسن الأضحية بالنسبة للمكلف المستطيع) «فتاوى اللجنة الدائمة- المجموعة الأولى» (١١/ ٣٩٤)]
ئىمام تىرمىزى مۇنداق دېگەن:
«ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەمەلىيىتى شۇكى، قۇربانلىق قىلىش ۋاجىپ ئەمەس، بەلكى ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش مۇستەھەپتۇر. بۇ سۇفيان ئەسسەۋرىي ۋە ئىبنى ئەلمۇبارەكنىڭ قارىشىدۇر». [«سۇنەن تىرمىزى» (4/ 92)]
ئىبنى ھەزم مۇنداق دېگەن:
«قۇربانلىقنىڭ ۋاجىپ ئەمەسلىكى سەئىد ئىبنى ئەلمۇسەييىب ۋە شەئبىيدىن سەھىھ يوسۇندا رىۋايەت قىلىنغان. ھەتتا شەئبىي: <مەن ئۈچۈن ئۈچ دىرھەم سەدىقە قىلىش بىر مال قۇربانلىق قىلىشتىن سۆيۈملۈكرەكتۇر> دېگەن. شۇنداقلا سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئەتا، ھەسەن، تاۋۇس ۋە ئەبۇششەئسا جابىر ئىبنى زەيدلەردىنمۇ شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان. يەنە ئەلقەمە ۋە مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەيىنلەردىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان. بۇ يەنە سۇفيان، ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئەلھەسەن، شافىئىي، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئىسھاق ۋە ئەبۇ سۇلايمانلارنىڭ قارىشىدۇر. بۇ مەسىلە ھەنەپىي مەزھىپىدىكىلەر جۇمھۇر (كۆپچىلىك) ئۆلىمالارغا خىلاپلىق قىلغان مەسىلىلەردىن بىرىدۇر.» [«ئەلمۇھەللا» (7/ 358، 973-نومۇر)]
ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن:
«بۇ (يەنى ۋاجىپ ئەمەسلىكى) ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، بىلال ۋە ئەبۇ مەسئۇد ئەلبەدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردىن رىۋايەت قىلىنغان. سۇۋەيد ئىبنى غەفلە، سەئىد ئىبنى ئەلمۇسەييىب، ئەلقەمە، ئەلئەسۋەد، ئەتا، شافىئىي، ئىسھاق، ئەبۇ سەۋر ۋە ئىبنى ئەلمۇنزىرلەرمۇ مۇشۇ قاراشتا بولغان». [«ئەلمۇغنى» (9/ 435)].
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن:
«ئۆلىمالارنىڭ كۆپىنچىسى (جۇمھۇر) مۇنداق دېدى: قۇربانلىق قىلىش سۈننەتتۇر، ئەگەر بىر كىشى ئۈزۈرسىز ھالدا ئۇنى تاشلاپ قويسا گۇناھكار بولمايدۇ ۋە كېيىن قازاسىنى قىلىشىمۇ شەرت ئەمەس. ئەبۇ بەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، بىلال، ئەبۇ مەسئۇد بەدرىي، سەئىد ئىبنى مۇسەييىب، ئەلقەمە، ئەلئەسۋەد، ئەتا، مالىك، ئەھمەد، ئەبۇ يۈسۈپ، ئىسھاق، ئەبۇ سەۋر، مۇزەنىي، ئىبنى ئەلمۇنزىر، داۋۇد ۋە باشقىلار مۇشۇ قاراشتا بولغان زاتلاردۇر.» [«سەھىھۇل مۇسلىم شەرھى» (13/ 110)]
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
قۇربانلىق قىلىش قادىر بولالايدىغان كىشى ئۈچۈن تەكىتلىك سۈننەتتۇر. (فتاوى ابن عثيمين 2/661)
ئىمام مەرداۋى مۇنداق دېگەن:
قۇربانلىق قىلىش تەكىتلىك سۈننەت بولۇپ، قۇربانلىق — ئۇنى قىلىشنى ئۆزىگە نەزىر قىلىۋالغان كىشىدىن باشقىسىغا ۋاجىپ ئەمەس. (الإنصاف في معرفة الراجح من الخلاف 9\419)
ھۇزەيفە ئىبنى ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:
«مەن ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى كۆردۈم، ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئەگىشىپ (قۇربانلىقنى ۋاجىپ دەپ بىلىپ قېلىشىدىن) ئەنسىرەپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلمايتتى. مەن سىلەرنىڭ بۇ شەھرىڭلارغا كەلگەندە، سۈننەتنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، ئائىلەمدىكىلەر مېنى (قۇربانلىق قىلىشقا قىستاپ) قىيىنچىلىققا ئۇچراتتى». [رواه الطبراني (٣/ ١٨٢) (٣٠٥٨)، والبيهقي (٩/ ٢٦٥) (١٩٥٠٨)، وجوّد إسناده ابن كثير في «إرشاد الفقيه» (١/ ٣٥٢)، وقال الهيثمي في «مجمع الزوائد» (٤/ ٢١): رجاله رجال الصحيح، وصحح إسناده الألباني في «إرواء الغليل» (٤/ ٣٥٥)]
ئىكرىمە مۇنداق دېگەن:
«ئىبنى ئابباس قۇربان ھېيت كۈنى مېنى ئىككى دەرھەم بىلەن گۆش سېتىۋېلىشقا ئەۋەتەتتى ۋە: <يولۇققان كىشىڭگە: بۇ ئىبنى ئابباسنىڭ قۇربانلىقى، دەپ قويغىن> دەيتتى.» [رواه البيهقي في «معرفة السنن والآثار» (١٤/ ١٥)]
تەمىم ئىبنى ھۇۋەيس (يەنى ئەلمىسرىي) مۇنداق دېگەن:
«مەن مىنادا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن بىر قوي سېتىۋالغان ئىدىم، ئۇ يۈتۈپ كەتتى. بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن سورىسام، ئۇ زات: <بۇنىڭ ساڭا زىيىنى يوق (يەنى قايتا سېتىۋېلىشىڭ شەرت ئەمەس)> دېدى.» [رواه البيهقي (٩/ ٢٨٩) (١٩٦٧٠)]
ئەبۇ مەسئۇد ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:
«مەن باياشات كىشى تۇرۇپمۇ، قوشنىلىرىم مېنىڭ قۇربانلىق قىلىشىمنى ۋاجىپ دەپ قاراپ قالماسلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلمايمەن.» [رواه البيهقي (٩/ ٢٦٥) (١٩٥١١)، وصحح إسناده الألباني في «إرواء الغليل» (٤/ ٣٥٥)].
ئەبۇ مەسئۇد ئەنسارىنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە:
«كىشىلەرنىڭ قۇربانلىقنى جەزمەن ۋاجىپ دەپ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئاراڭلاردىكى ئەڭ باياشاتلاردىن بولساممۇ قۇربانلىق قىلماسلىقنى نىيەت قىلدىم.» [رواه البيهقي (٩/ ٢٦٥) (١٩٥١٢)].
سۇۋەيد ئىبنى غەفلە مۇنداق دېگەن:
«بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ماڭا مۇنداق دېدى: <مەن (زۆرۈر تېپىلسا) بىر خورازنى قۇربانلىق قىلساممۇ پەرۋا قىلمايتتىم. قۇربانلىق مېلىنىڭ پۇلىنى ئېلىپ، ئۇنى بىر يوقسۇل مىسكىنگە سەدىقە قىلىشىم، مەن ئۈچۈن قۇربانلىق سويۇشتىن بەكرەك سۆيۈملۈكتۇر.>» [رواه عبدالرزاق (٤/ ٣٨٥)]
ئۈچىنچى دەلىل:
قۇربانلىق مۇساپىرلارغا ۋاجىپ بولمىغان ئىكەن، تۇراقلىق (مۇقىم) تۇرغۇچىلارغىمۇ ۋاجىپ بولمايدۇ. [«الحاوي الكبير» (١٥/ ٧٢)].
تۆتۈنچى دەلىل:
قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى (باشقىلارغا) تارقىتىش ۋاجىپ ئەمەس. گۆشىنى تارقىتىش ۋاجىپ بولمىغان مالنىڭ سويۇلۇشىمۇ خۇددى ئەقىقىگە ئوخشاش ۋاجىپ ھېسابلانمايدۇ. [«المغني» لابن قدامة (٩/ ٤٣٦)]
