ئىمام ئىبنى ھىببان رەھىمەھۇللاھ مۇنداق خاتىرىلىگەن:
ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەدتتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن:
«مەن چېگرا قوغداش (مۇسابىتلىق) ئۈچۈن دېڭىز قىرغىقىغا چىقتىم، ئۇ كۈنلەردە بىزنىڭ چېگرا قوغدايدىغان جايىمىز مىسىرنىڭ ئەرىش دېگەن يېرى ئىدى. دېڭىز بويىغا يېتىپ بارغىنىمدا، بىر كەڭ تۈزلىككە دۇچ كەلدىم. ئۇ تۈزلىكتە بىر چېدىر بار بولۇپ، چېدىرنىڭ ئىچىدە ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتىدىن ئايرىلغان، ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتى ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كەتكەن بىر كىشى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۆزىگە پايدىسى تېگىدىغان تىلىدىن باشقا ھېچقانداق ئەزاسى قالمىغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دەۋاتاتتى:
((اللَّهُمَّ أَوْزِعْنِي أَن أحمدگ حمداً أڪافىء بِهِ شُڪرَ
نِعْمَتِك الَّتِي أَنْعَمْتَ بِهَا عَلَيَّ وَفَضَّلْتَنِي علىٰ ڪثِيرٍ مِمَّنْ خَلَقْتَ تَفْضِيلاً))
«ئى ئاللاھ! سەن ماڭا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىڭگە لايىق شەكىلدە شۈكرۈڭنى ئادا قىلالايدىغان ھەمدۇسانا ئېيتىشىمغا مېنى مۇۋەپپەق قىلغىن. سەن مېنى ئۆزۈڭ ياراتقان نۇرغۇن مەخلۇقاتلاردىن راستتىنلا ئۈستۈن قىلدىڭ.»
ئابدۇللاھ (ئىبنى مۇھەممەد) مۇنداق دېدى:
«مەن ئۆز-ئۆزۈمگە: ۋاللاھى، مەن بۇ كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ئۇنىڭغا نەدىن كەلگەنلىكىنى — بۇ بىر چۈشەنچىمۇ، ئىلىممۇ ياكى ئۇنىڭغا بېرىلگەن بىر ئىلھاممۇ؟ — سوراپ باقاي» دېدىم. ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ سالام بەردىم ۋە مۇنداق دېدىم:
— مەن سېنىڭ: «ئى ئاللاھ! سەن ماڭا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىڭگە لايىق شەكىلدە شۈكرۈڭنى ئادا قىلالايدىغان بىر ھەمدۇسانا ئېيتىشىمغا مېنى مۇۋەپپەق قىلغىن. سەن مېنى ئۆزۈڭ ياراتقان نۇرغۇن مەخلۇقاتلاردىن ھەقىقەتەن ئۈستۈن قىلدىڭ» دەۋاتقانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدىكى قايسى نېمىتىگە ھەمدە ئېيتىۋاتىسەن؟ ئاللاھ سېنى قايسى ئارتۇقچىلىق بىلەن باشقىلاردىن ئۈستۈن قىلدىكى، سەن ئۇنىڭغا شۈكرى قىلىۋاتىسەن؟
ئۇ كىشى مۇنداق دېدى:
— رەببىمنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنى كۆرمەيۋاتامسەن؟ ۋاللاھى، ئەگەر ئاللاھ ئاسماندىن ئوت ئەۋەتىپ مېنى كۆيدۈرۈۋەتسە، تاغلارغا بۇيرۇپ مېنى مىجىۋەتسە، دېڭىزلارغا بۇيرۇپ مېنى غەرق قىلىۋەتسە ياكى يەرگە بۇيرۇپ مېنى يۇتۇۋەتسە، مەن رەببىمگە بولغان شۈكرۈمنى تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. چۈنكى ئۇ ماڭا مۇشۇ تىلنى نېمەت قىلىپ بەردى. لېكىن، ئەي ئابدۇللاھ! سەن يېنىمغا كەلگەن ئىكەنسەن، سېنىڭدىن بىر ئۆتۈنۈچۈم بار: مېنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسەن، مەن ئۆزۈمگە نە بىر زىياننى، نە بىر پايدىنى يەتكۈزۈشكە قادىر ئەمەسمەن. مېنىڭ بىر كىچىك ئوغلۇم بار ئىدى، ئۇ ناماز ۋاقىتلىرىدا ماڭا ياردەم قىلىپ تاھارەت ئالدۇراتتى، قورسىقىم ئاچسا تاماق يېگۈزەتتى، ئۇسسىسام سۇ بېرەتتى. ئۇنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە ئۈچ كۈن بولدى، ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن، ئۇنى مەن ئۈچۈن ئىزدەپ باقساڭ.
مەن (ئىچىمدە): «ۋاللاھى، سېنىڭدەك بىر كىشىنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن مېڭىشنىڭ ئاللاھ قېشىدىكى ئەجرىدىن چوڭراق ئەجىر يوق» دەپ ئويلىدىم ۋە بالىنى ئىزدەپ مېڭىپ كەتتىم. ئۇزاققا بارمايلا بىر قۇم دۆۋىسىنىڭ يېنىدا يىرتقۇچ بىر ھايۋاننىڭ ئۇ بالىنى پارچىلاپ، گۆشلىرىنى يەپ بولغانلىقىنى كۆردۈم. «ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن» دەپ قايتتىم ۋە: «ئەمدى مەن بۇ كىشىنىڭ ئالدىغا قانداق يۈز بىلەن بارىمەن؟» دەپ ئويلىنىپ كېلىۋاتقىنىمدا، قەلبىمگە ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى كەلدى.
ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ سالام بەردىم، ئۇ سالامىمغا جاۋاب قايتۇرۇپ:
— سەن ھېلىقى بۇرادىرىمۇ؟ — دەپ سورىدى.
— شۇنداق، — دېدىم.
— مېنىڭ ھاجىتىمنى قانداق قىلدىڭ؟ — دېدى.
مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم:
— سەن ئاللاھنىڭ قېشىدا ئەزىزمۇ ياكى ئەييۇب ئەلەيھىسسالاممۇ؟
— ئەلۋەتتە ئەييۇب ئەلەيھىسسالام، — دېدى ئۇ.
— ئاللاھنىڭ ئۇنى قانداق سىنىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ مال-مۈلكى، ئەھلى-ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن سىنىمىغانمىدى؟
— شۇنداق، — دېدى ئۇ.
— ئۇنى قانداق ھالەتتە تاپتى؟
— ئۇنى سەبىر قىلغۇچى، شۈكرى قىلغۇچى ۋە ھەمدە ئېيتقۇچى ھالەتتە تاپتى.
— ئاللاھ ئۇنى ھەتتا يېقىنلىرى ۋە دوستلىرىمۇ كۆرۈشتىن يىرگىنىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغاندىمۇ، ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولمىغانمىدى؟
— رازى بولغان ئىدى.
— رەببى ئۇنى قانداق ھالەتتە تاپتى؟
— سەبىر قىلغۇچى، شۈكرى قىلغۇچى ۋە ھەمدە ئېيتقۇچى ھالەتتە تاپتى.
— ھەتتا ئەييۇبنى يول بويىدا تاشلىنىپ قالغان بىر مۆجىزىگە ئايلاندۇرۇپ قويغاندىچۇ؟
— شۇنداق، ئۇ يەنىلا سەبىر قىلغۇچى، شۈكرى قىلغۇچى ۋە ھەمدە ئېيتقۇچى ئىدى. قىسقا قىل، ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن (مۇددىئاغا كەل).
مەن مۇنداق دېدىم:
— سەن مېنى ئىزدەپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ھېلىقى ئوغلۇڭنى قۇم دۆۋىلىرى ئارىسىدا يىرتقۇچ ھايۋان يەپ كېتىپتۇ. ئاللاھ ساڭا بۈيۈك ئەجىر بەرسۇن ۋە سەبىر ئاتا قىلسۇن.
بۇ سىناققا ئۇچرىغان سالىھ كىشى مۇنداق دېدى:
— «ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇنكى، ئۇ مېنىڭ پۇشتىمدىن ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىپ دوزاخ ئوتى بىلەن جازالىنىدىغان بىرەر مەخلۇق ياراتماپتۇ.»
ئاندىن «ئىننا لىللاھ…» ئوقۇدى ۋە بىر قېتىم قاتتىق ئۇھ تارتىپ ۋاپات بولدى.
مەن: «ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن، مۇسىبىتىم ناھايىتى چوڭ بولدى! مۇشۇنداق بىر ئادەمنى بۇ يەردە تاشلاپ كەتسەم يىرتقۇچلار يەپ كېتىدۇ، تۇراي دېسەم ئۆزۈم يالغۇز ھېچ ئىشقا قادىر ئەمەسمەن» دەپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يېپىنچىسى بىلەن جەسىتىنى يۆگەپ، بېشىدا يىغلاپ ئولتۇردۇم. ئاشۇ ئەسنادا تۆت كىشى مەن تەرەپكە كېلىپ:
— ئەي ئاللاھنىڭ بەندىسى! ساڭا نېمە بولدى؟ — دەپ سورىدى. مەن ئۇلارغا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم. ئۇلار: «بىزگە ئۇنىڭ يۈزىنى ئاچقىن، بەلكىم تونۇپ قالارمىز» دېيىشتى. يۈزىنى ئاچقىنىمدا، ئۇ كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئېتىپ، كۆزلىرىنى ۋە قوللىرىنى سۆيۈشكە باشلىدى ۋە مۇنداق دېيىشتى:
— ئاتام ساڭا پىدا بولسۇن! بۇ كۆزلەر ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەردىن ئۇزاق ياشىغان ئىدى! بۇ جەسەتكە ئاتام پىدا بولسۇن! كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا سەن دائىم سەجدىدە ئىدىڭ!
مەن:
— ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن، بۇ كىشى كىم؟ — دەپ سورىدىم. ئۇلار:
— بۇ ئىبنى ئابباسنىڭ شاگىرتى ئەبۇ قىلابە ئەلجەرمىي بولىدۇ، ئۇ ئاللاھنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ناھايىتى قاتتىق ياخشى كۆرەتتى، — دېيىشتى.
بىز ئۇنى يۇيۇپ، يېنىمىزدىكى كىيىملەر بىلەن كېپەنلەپ، نامىزىنى چۈشۈرۈپ دەپنە قىلدۇق. كىشىلەر قايتىشتى، مەنمۇ ئۆز جايىمغا قايتتىم. كېچە بولغاندا ئۇخلاپ قاپتىمەن، چۈشۈمدە ئۇنى جەننەت باغچىلىرىنىڭ بىرىدە، ئۈستىدە جەننەتنىڭ ئىككى يۈرۈش كىيىمى بار ھالەتتە كۆردۈم. ئۇ مۇشۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى:
«(پەرىشتىلەر ئېيتىدۇكى) سىلەر سەبىر قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە سالام بولسۇن! ئاخىرەتلىك جايىڭلار نېمىدېگەن گۈزەل!» (سۈرە رەئد، 24-ئايەت).
مەن ئۇنىڭدىن: «سەن ھېلىقى بۇرادىرىم ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ: «شۇنداق» دېدى. مەن: «بۇ دەرىجىگە قانداق يەتتىڭ؟» دېۋىدىم، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
— ئاللاھنىڭ شۇنداق يۇقىرى دەرىجىلىرى باركى، ئۇنىڭغا پەقەت بالا-مۇسىبەت كەلگەندە سەبىر قىلىش، پاراۋانلىقتا شۈكرى قىلىش ۋە ئاشكارا-يوشۇرۇن ھاللاردا ئاللاھتىن قورقۇش بىلەنلا يەتكىلى بولىدۇ.
مەنبە: ئىبنى ھىببان، «ئەسسىقات» (ئىشەنچىلىك ھەدىس راۋىيلىرى)، 5-تومنىڭ بېشى، ئەبۇ قىلابە رەھىمەھۇللاھنىڭ تەرجىمىھالىدىن
— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
