«ئاللاھ ئىنساننى ئۆز سۈرىتىدە ياراتتى» ھەدىسى سەھىھمۇ؟

«ئاللاھ ئىنساننى ئۆز سۈرىتىدە ياراتتى» ھەدىسى سەھىھمۇ؟

سوئال: (((إن الله خلق آدم على صورته))«ئاللاھ ئادەمنى ئۆز سۈرىتىدە ياراتتى» ياكى «راھماننىڭ سۈرىتىدە ياراتتى» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

جاۋاب:
بۇ ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ئەبۇ ھۇرەيرەدىن نەقىل قىلغان سەھىھ ھەدىستۇر. «ئاللاھ ئادەمنى ئۆز سۈرىتىدە ياراتتى» (1) دېگەن بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ ئۇنى ئاڭلايدىغان، كۆرىدىغان، سۆزلەيدىغان، كۆزى، قولى ۋە پۇتى بار قىلىپ ياراتتى دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭدىن «ئوخشاشلىق» (مۇشابەھە) مەقسەت قىلىنمايدۇ. چۈنكى ھېچبىر نەرسە ئاللاھ تائالاغا ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: {وَلَمْ يَكُنْ لَهُ كُفُوًا أَحَدٌ} {ھېچنەرسە ئاللاھقا تەڭداش بولالمايدۇ.} [ئىخلاس سۈرىسى، 4-ئايەت].

ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى: ئاللاھ ئۇنى ئۆز سۈرىتىدە — يەنى يۈزى، قولى، پۇتى بار، بىلىدىغان، ئاڭلايدىغان ۋە كۆرىدىغان قىلىپ ياراتتى دېگەنلىكتۇر. ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىدىن ئىمام ئەھمەد، ئىسھاق ۋە باشقىلار (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) مۇشۇنداق بايان قىلغان.

  1. سەھىھۇل مۇسلىم 2612 – ھەدىس

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە:

https://binbaz.org.sa/fatwas/3076/درجة-حديث-ان-الله-خلق-ادم-على-صورته

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ