«ئادەم بالىسىنىڭ بارلىق ئەمەلى ئۆزى ئۈچۈندۇر، پەقەت روزا بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسى

«ئادەم بالىسىنىڭ بارلىق ئەمەلى ئۆزى ئۈچۈندۇر، پەقەت روزا بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسى

ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى
مۇجتەھىد پەتىۋا تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

سوئال: ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئادەم بالىسىنىڭ بارلىق ئەمەلى ئۆزى ئۈچۈندۇر، پەقەت روزا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى روزا مەن ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بېرىمەن.».ھۆرمەتلىك ئۇستاز، سىلىنىڭ بۇ ھەدىسنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشلىرىنى، شۇنداقلا نېمە ئۈچۈن روزىنىڭ بۇنداق ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھ سىلىگە بەرىكەت بەرسۇن.

جاۋاب: بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز رەببىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇدسىي بولۇپ، سەھىھلىكى جەزملەشكەن ئۇلۇغ ھەدىستۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئادەم بالىسىنىڭ بارلىق ئەمەلى ئۆزى ئۈچۈندۇر، پەقەت روزا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى ئۇ مەن ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بېرىمەن».

بۇ ھەدىستە روزىنىڭ باشقا بارلىق ئەمەللەر ئارىسىدىكى پەزىلىتى ۋە ئالاھىدىلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ ئەمەللىرى ئىچىدىن روزىنى ئۆزى ئۈچۈن خاس قىلغان. بۇ روزىنى ئۇلۇغلىغانلىق ۋە ئۇنى باشقا ئەمەللەردىن ئۈستۈن قويغانلىقتۇر.

ئالىملار ئاللاھ تائالانىڭ «روزا مەن ئۈچۈندۇر ۋە ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بېرىمەن» دېگەن سۆزىنىڭ ھېكمىتى ھەققىدە بىر قانچە خىل جاۋاب بەرگەن:

بەزى ئالىملار ئاللاھ تائالانىڭ «روزا مەن ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بېرىمەن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:

ئادەم بالىسىنىڭ باشقا ئەمەللىرى قىيامەت كۈنى ئۆزى بىلەن مەزلۇلملار (ھەقدارلار) ئوتتۇرىسىدىكى قىساسقا (ھەق تەلەپ قىلىشقا) دۇچ كېلىشى مۇمكىن. يەنى مەزلۇملار قىيامەت كۈنى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان كىشىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ئۆز ھەققىنى ئېلىش ئارقىلىق قىساس ئالىدۇ.

بۇ خۇددى مۇنۇ ھەدىستە بايان قىلىنغاندەكتۇر.  ((وعن أبي هريرة رضي الله عنه، أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: ( أتدرون ما المفلس ؟ قالوا: المفلس فينا من لا درهم له ولا متاع . فقال إن المفلس من أمتي من يأتي يوم القيامة بصلاة وصيام وزكاة، ويأتي وقد شتم هذا، وقذف هذا وأكل مال هذا، وسفك دم هذا، وضرب هذا، فيعطى هذا من حسناته، وهذا من حسناته، فإن فنيت حسناته قبل أن يقضي ما عليه، أخذ من خطاياهم فطرحت عليه، ثم طرح في النار رواه مسلم))

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ساھابىلەردىن): «مۇفلىسنىڭ (ۋەيران بولغۇچىنىڭ) كىملىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىدى. ساھابىلەر: «بىزنىڭ ئارىمىزدا مۇفلىس دېگەن بىرەر دەرھەمى (پۇلى) ياكى مېلى بولمىغان كىشىدۇر» دەپ جاۋاب بېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدىكى ھەقىقىي مۇفلىس شۇنداق بىر كىشىكى، ئۇ قىيامەت كۈنى ناماز، روزا ۋە زاكات (ساۋابلىرى) بىلەن كېلىدۇ، ئەمما ئۇ (دۇنيادىكى ۋاقتىدا) بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت قىلغان، بىرىنىڭ مېلىنى (ناھەق) يېگەن، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن ۋە يەنە بىرىنى ئۇرغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ بىر قىسمى ئۇنىڭغا، بىر قىسمى بۇنىڭغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى (ساۋابلىق ئەمەللىرى بىلەن) تۆلەپ بولالماي تۇرۇپ ياخشى ئەمەللىرى تۈگەپ كەتسە، ھەقدارلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ.» (ئىمام مۇسلىم توپلىغان)

ئەمما روزا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، چۈنكى روزىنىڭ ساۋابى قىيامەت كۈنى قىساس ئۈچۈن (باشقىلارغا) ئېلىپ بېرىلمەيدۇ. بەلكى ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە كىشىنىڭ تۇتقان روزىسىنىڭ مۇكاپاتىنى شۇ ئەمەل قىلغۇچى بەندىسى ئۈچۈن ساقلاپ قويىدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ ئۆزى مۇكاپاتلايدۇ.

مانا بۇ «ئادەم بالىسىنىڭ بارلىق ئەمەلى ئۆزى ئۈچۈندۇر، پەقەت روزا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، چۈنكى ئۇ مەن ئۈچۈندۇر ۋە ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بېرىمەن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدۇر. يەنى ئادەم بالىسىنىڭ (باشقا) ئەمەللىرى قىساسقا ئۇچرايدۇ، ئەگەر ئۇ بىرەرسىگە زۇلۇم قىلغان بولسا، ھەقدارلار قىيامەت كۈنى ئۇ قىلغان سالىھ ئەمەللەرنى (ھەققى ئۈچۈن) ئېلىۋالىدۇ. ئەمما روزىنى ئاللاھ تائالا ساقلاپ بېرىدۇ، ھەقدارلار ئۇنىڭغا چېقىلالمايدۇ (ئالالمايدۇ). روزىنىڭ ساۋابى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شۇ كىشىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا «روزا مەن ئۈچۈندۇر ۋە ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بېرىمەن، چۈنكى ئۇ شەھۋىتىنى، يېمەك-ئىچمىكىنى مەن ئۈچۈن تاشلىدى» دېگەنلىكى ئۈچۈن، يەنى بىر قاراشتا بۇنىڭ مەنىسى مۇنداق شەرھلەنگەن:

روزا مەخپىي ئەمەلدۇر. ئۇنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. باشقا بارلىق ئەمەللەرگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى شۇكى، روزا قەلبتىن سادىر بولغان نىيەتتۇر. باشقا ئەمەللەر ئاشكارا بولىدۇ ۋە كىشىلەر ئۇنى كۆرەلەيدۇ. ئەمما روزا بەندە بىلەن ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئوتتۇرىسىدىكى مەخپىي ئەمەلدۇر.

شۇڭىلاشقا ئاللاھ تائالا: «روزا مەن ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بېرىمەن، چۈنكى ئۇ شەھۋىتىنى، يېمەك-ئىچمىكىنى مەن ئۈچۈن تاشلىدى» دەيدۇ. كىشىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا تاشلىشى بىر يوشۇرۇن ئەمەل ۋە مەخپىي نىيەت بولۇپ، بۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. مەسىلەن، سەدىقە بېرىش، ناماز ئوقۇش ۋە ھەج قىلىشقا ئوخشاش ئاشكارا ئەمەللەردىن پەرقى شۇكى، بۇلارنى كىشىلەر كۆرەلەيدۇ، ئەمما كىشىنىڭ تۇتقان روزىسىنى روزىنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ. (روزا تۇتقان كىشى بىلەن تۇتمىغان كىشى قارىماققا پەرقلەنمەيدۇ.)

چۈنكى روزىنىڭ مەنىسى پەقەتلا يېمەك-ئىچمەكتىن ئۆزىنى تارتىش ياكى ئاشكارا روزىنى سۇندۇرىدىغان نەرسىلەردىن يىراقلىشىشلا ئەمەس، بەلكى روزىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۈچۈن خالىس بولۇش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سادىق نىيەتتە بولۇشتۇر. مانا بۇ روزىنىڭ ئەسلى مەنىسىدۇر. ئاللاھ ئۈچۈنلا بۇنداق خالىس روزىنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ «روزا مەن ئۈچۈندۇر ۋە ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بېرىمەن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى مانا شۇدۇر. ئاللاھ بۇ سۆزىنى يەنە: «ئۇ شەھۋىتىنى، يېمەك-ئىچمىكىنى مەن ئۈچۈن تاشلىدى» دېگەن سۆزى بىلەن ئىزاھلىغان (يەنى كىشى كىشىلەردىن يوشۇرۇن ھالدا، پەقەت ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈنلا بۇلاردىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۇنىڭ خالىسلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر).

ئالىملارنىڭ بەزىسى ئېيتىدۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ (ھەدىس قۇدسىيدىكى): «رۇزا مەن ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بېرىمەن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى، باشقا ئەمەللەرگە ئوخشىمايدىغان شەكىلدە روزىغا شىرك ئارىلىشالمايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى مۇشرىكلار قۇربانلىق قىلىش، نەزىر قىلىش ۋە باشقا ئىبادەت تۈرلىرىنى ئۆزلىرى چوقۇنىدىغان مەئبۇدلىرىغا قىلاتتى. شۇنىڭدەك دۇئا، قورقۇنچ ۋە ئۈمىدمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، نۇرغۇن مۇشرىكلار بۇلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىغا ۋە مەئبۇدلىرىغا يېقىنلىشىشنا ئارزۇلايتتى. ئەمما رۇزا بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. مۇشرىكلارنىڭ ئۆز بۇتلىرى ۋە مەئبۇدلىرى ئۈچۈن رۇزا تۇتقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. روزا تۇتۇش پەقەت ئەزىز ۋە ئۇلۇغ ئاللاھقىلا خاستۇر. شۇڭا: «روزا مەن ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بېرىمەن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، روزىغا شىرك ئارىلاشمايدىغانلىقىدۇر. مۇشرىكلار (باشقا ئەمەللەر ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلاشقان بولسىمۇ) روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۆز بۇتلىرىغا يېقىنلاشمىغان. بەلكى روزا ئارقىلىق پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا يېقىنلىشىلىدۇ. (مۇۋەھھىدلەر روزا تۇتۇش ئارقىلىق پەقەت ئاللاھقىلا يېقىنلىشىدۇ.)

مەنبە: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزاننىڭ پەتىۋالار توپلىمى، بىرىنچى جىلد، 195 – بەت

— مۇجتەھىد تورى تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ