پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن سەھىھ ھەدىسلەر بارمۇ؟
سوئال: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنى ياكى ئۇ زاتنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان، ھەتتا ۋاجىپ قىلىدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر بار. بۇ ھەدىسلەر سەھىھمۇ ياكى توقۇلمىمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان رەھىمەھۇللاھ
تەرجىمە قىلغۇچى: قۇدرەت بارات
جاۋاب: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۆزىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ھەققىدە (سەھىھ ئىكەنلىكى) جەزملەشكەن بىرەر ھەدىس يوق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشنى مەزمۇن قىلغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى يا توقۇلما ۋەياكى يالغان، ياكى ئىنتايىن زەئىپ بولۇپ، ئۇنداق رىۋايەتلەرگە ئەمەل قىلىش جائىز ئەمەس.
ئەمما سەھىھ بولغىنى، قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە ئومۇمىي مەنىدە كەلگەن ھەدىستۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((كنت نهيتكم عن زيارة القبور، فزوروها فإنها تذكر بالآخرة)) «مەن سىلەرنى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشتىن توسقان ئىدىم. ئەمدى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىڭلار، چۈنكى ئۇ ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ.» (ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە توپلىغان)
دېمەك بۇ جەھەتتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولغا قويغىنى ئېنىق بولغان ھەقىقەت شۇكى، قەبرىلەردىن ئىبرەت ئېلىش، ئۆلۈكلەرگە مەغفىرەت ۋە رەھمەت تىلەپ دۇئا قىلىش مەقسىتىدە قەبرە زىيارەت قىلىش ئىسلامدا رىغبەتلەندۈرۈلگەن. لېكىن قەبرە زىيارىتى ئۈچۈن مەخسۇس سەپەرگە چىقماسلىق ۋە يىراق يوللارغا يۈك-تاق تەييارلاپ قەبرە زىيارىتى ئۈچۈن ئاتلانماسلىق شەرتى بىلەن بولىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنى مەخسۇس زىيارەت قىلىش ھەققىدە ھېچقانداق (سەھىھ) ھەدىس يوق. بۇ ھەقتە كەلگەن رىۋايەتلەر يا ئىنتايىن كۈچسىز، يا ئىنتايىن زەئىپ، ياكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامىدىن توقۇلغان يالغانلاردۇر. بۇنى ھافىز ئىبنى ھەجەر، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە، ھافىز ئىبنى ئابدۇلھادى قاتارلىق ئىسلام پېشۋالىرى ۋە ھەدىس ئىماملىرى ئېنىق بايان قىلغان. (مەنبە: ئەللامە سالىھ فەۋزاننىڭ پەتىۋالار توپلىمى، 1-جىلد، 51 – بەت)
