ئىسلام بۈيۈكلىرىنىڭ ھەججاج ئىبنى يۈسۈپ ھەققىدىكى بايانى
قۇدرەت بارات
ئىمام زەھەبى ھەججاج ھەققىدە مۇنداق دېگەن:
ئاللاھ ئۇنى ھىجرىيە 95-يىلى رامزان ئېيىدا، ئوتتۇرا ياشلىق ۋاقتىدا ھالاك قىلدى.
ئۇ ئىنتايىن زالىم، زومىگەر، ناسىبىي (ئەھلى بەيتكە ئۆچ كىشى)، نىجىس ۋە قانخور كىشى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ شىجائەتلىك، جۈرئەتلىك، ھىيلىگەر، پاراسەتلىك، ناتىق، پاساھەتلىك ۋە قۇرئاننى ئۇلۇغلايدىغان كىشى ئىدى.
مەن ئۆزۈمنىڭ «تارىخۇل ئىسلام» ناملىق ئەسىرىمدە ئۇنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنى بايان قىلدىم؛ ئىبنى زۇبەيرنى كەئبىدە مۇھاسىرىگە ئالغانلىقىنى، كەئبىگە مەنچاناقتا تاش ئاتقانلىقىنى، ئىككى ھەرەم (مەككە ۋە مەدىنە) ئەھلىنى خارلىغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلدىم. ئۇ ئىراق ۋە پۈتۈن شەرق رايونىغا يىگىرمە يىل ۋالىيلىق قىلدى. ئىبنى ئەشئەس ئۇنىڭغا قارشى جەڭ قىلدى.
ھەججاج نامازلارنى (ۋاقتىدىن) كېچىكتۈرۈپ ئوقۇيتتى. ئاللاھ ئاخىرى ئۇنىڭ يىلتىزىنى قۇرىتىپ ھالاك قىلدى. شۇڭا بىز ئۇنى تىللايمىز (ئەيىبلەيمىز) ۋە ئەسلا ياخشى كۆرمەيمىز. بەلكى ئاللاھ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلىمىز. چۈنكى (ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن ئۆچ كۆرۈش) ئىماننىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تۇتقۇسىدۇر.
ئۇنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرىنىڭ دېڭىزىدا غەرق بولۇپ كەتكەن (ئازغىنە) ياخشىلىقلىرىمۇ بار، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ تەۋھىد – ئېتىقادى بار ئىدى. ئۇنىڭ تارىختا ئۆتكەن زالىم جەببارلار ۋە ئەمىرلەر ئارىسىدا ئوخشاشلىرى كۆپتۇر. (سير أعلام النبلاء 4 \343) [ئىمام زەھەبى ھەججاج ئىبنى يۈسۈپكە پەقەت مۇشۇنچىلىكلا ئورۇن بەرگەن بولۇپ، يۇقىرىقى مەزمۇن كەم قىلىنماي تولۇق تەرجىمە قىلىندى.]
ئىمام ئىبنۇل جەۋزى ھەججاج ھەققىدە مۇنۇلارنى نەقىل قىلغان:
زالىم ھەججاج ئىبراھىم تەيمىينى ناھەق زىندانغا سولىغان بولۇپ ، كاتتا سەلەپ ئالىمى ئىبراھىم تەيمىي زىنداندا ۋاپات تاپتى. ئىبراھىم تەيمىيمىي ۋاپات بولغان كېچىسى زالىم ھەججاج چۈش كۆردى، چۈشىدە ئۇنىڭغا بىرى بۇ كېچە جەننەت ئەھلىدىن بىرى ۋاپات بولدى، دېدى. زالىم ھەججاج ۋاپات تاپقۇچىنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتۈرۈۋىدى، ۋاپات تاپقان كىشى ئۆزى ناھەق قامىغان ئىبراھىم تەيمىي بولۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن زالىم ھەججاجنىڭ سەركەردىسى تېخىمۇ ئاشتى، «چۈشۈمدە كۆرگىنىم شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى» دېدى، ئىبراھىم تەيمىينىڭ جەسىتىنى ئەخلەتكە تاشلىۋېتىلگەن بۇيرۇدى. (قاراڭ: صفة الصفوة ٢/٥٢)
ھىشام ئىبنى ھەسسان مۇنداق دېگەن: ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دېگەن ئىدى: ئەگەر قىيامەت كۈنى ھەر بىر ئۈممەت پەسكەشلىكتە مۇسابىقىگە چۈشۈپ، ھەر ئۈممەت ئۆزىنىڭ ئەڭ پەسكەش ئادىمىنى مەيدانغا چىقارسا، بىز بولساق ھەججاجنى چىقارساق، باشقا ئۈممەتلەر ئۈستىدىن ئەلۋەتتە غالىپ كەلگەن بولاتتۇق. (حلية الأولياء 4\239)
ئىمام ئىبنى ھەجەر فەتھۇل بارى ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە زالىم ھەججاجنىڭ ساھابە، تابىئىن بولۇپ جەمئىي 120 مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان.
