چاچ – ساقالنى قارا رەڭگە بوياشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى نېمە؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
سوئال: ساقالنى قارىغا بوياش ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ سەھىھلىك دەرىجىسى قانداق؟ چۈنكى ئىلىم ئەھلى دەپ قارىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئارىسىدا ساقالنى قارىغا بوياش ئومۇملىشىپ كەتتى.
جاۋاب: بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان سەھىھ ھەدىسلەر بار. ئۇلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دادىسى (ئەبۇ قۇھافە) توغرسىدىكى ۋەقەدە كەلگەن ھەدىستۇر. ئىمام مۇسلىم جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ دادىسىنىڭ چاچ-ساقاللىرىنىڭ خۇددى «سۇغامە» (ئاپاق بىر خىل ئۆسۈملۈك) تەك ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ: ((غيروا هذا بشيء واجتنبوا السواد)) «بۇنى (بۇ ئاقلىقنى) بىرەر نەرسە بىلەن ئۆزگەرتىڭلار، ئەمما قارىدىن ساقلىنىڭلار» دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: ((وجنبوه السواد)) «چاچ – ساقالنى قارىدىن يىراق تۇتۇڭلار» دەپ كەلگەن.
يەنە بىر ھەدىس ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىيلار سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((: سيكون في آخر الزمان قوم يخضبون بالسواد كحواصل الحمام لا يريحون رائحة الجنة )) «ئاخىر زاماندا (ساقاللىرىنى) كەپتەرنىڭ چاغدانلىرىدەك قارىغا بويايدىغان بىر قەۋم چىقىدۇ، ئۇلار جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ.» بۇ ئىنتايىن ئېغىر بىر تەھديدتۇر.
بۇ جەھەتتە باشقا ھەدىسلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى چاچ – ساقالنى قارىغا بوياشنىڭ ھاراملىقىنى، ئەمما قارىدىن باشقا رەڭلەردە بوياشنىڭ دۇرۇسلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
مەنبە: https://binbaz.org.sa/fatwas/458/%D8%B5%D8%A8%D8%BA-%D8%A7%D9%84%D9%84%D8%AD%D9%8A%D8%A9-%D8%A8%D8%A7%D9%84%D8%B3%D9%88%D8%A7%D8%AF
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىتابىمدا ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتىگە زىت بىرەر نەرسە بايقىساڭلار، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتى بويىچە ئەمەل قىلىڭلار، مېنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىمنى تاشلاڭلار.» mujtehid.com (النووي في المجموع ١ / ٦٣)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (إذا صح الحديث فهو مذهبي) «ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.» mujtehid.com (النووي ١ / ٦٣،صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا ئىتتىپاققا كەلدىكى، ئەگەر بىر كىشىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىدىن بىرى يەتسە، ئۇ كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىنى تاشلاپ، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئېسىلىۋېلىشى ھالال ئەمەس.» mujtehid.com (الفلاني: إيقاظ همم ٦٨، الألباني: صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم)
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (من رد حديث رسول الله ﷺ فهو على شفا هلكة) «كىم ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھەدىسىنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ ھالاكەتنىڭ بوسۇغىسىدىدۇر.» mujtehid.com (ابن الجوزي في المناقب (ص ١٨٢)
ئىمام ئەبى ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:(إذا صح الحديث فهو مذهبي) «ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.» mujtehid.com (ابن عابدين في «الحاشية» ١ / ٦٣)
