ئانام ھىجابلانماسلىقىمنى، كىنو – فىلىم كۆرۈشۈمنى تەلەپ قىلىدۇ، ئىتائەت قىلىمەنمۇ؟

ئانام ھىجابلانماسلىقىنى، كىنو – فىلىم كۆرۈشۈمنى تەلەپ قىلىدۇ، ئىتائەت قىلىمەنمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز

سوئال: مەن ئاللاھقا شۈكرى بىر مۇسۇلمان قىزمەن، ئاللاھنى رازى قىلىدىغان بارلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىمەن ۋە شەرئىي ھىجاپقا تولۇق ئەمەل قىلىمەن. لېكىن ئانام (ئاللاھ ئۇنى كەچۈرسۇن) مېنىڭ ھىجاپلىنىشىمنى خالىمايدۇ، مېنى كىنو-ۋىدىئولارنى كۆرۈشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇ ماڭا: «ئەگەر ھاياتنىڭ لەززىتىنى سۈرۈپ كۆڭلۈڭنى ئاچمىساڭ، موماي بولۇپ قېرىپ كېتىسەن، چېچىڭ ئاقىرىپ كېتىدۇ» دەيدۇ. بۇ جەھەتتە كۆرسەتمە بېرىشلىرىگە ئېھتىياجىم بار؟

جاۋاب: سىزگە ۋاجىپ بولغىنى ئانىڭىزغا مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئەڭ گۈزەل سۆزلەر بىلەن خىتاب قىلىشتۇر. چۈنكى ئانىنىڭ پەرزەنت ئۈستىدىكى ھەققى ئىنتايىن چوڭ. لېكىن، شەرىئەتكە ئۇيغۇر بولمىغان ئىشلاردا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشىڭغا بولمايدۇ. ھىجاپ ئاللاھ بەلگىلىگەن پەرز. ئاتا – ئانا بولغۇچىنىڭ قىز پەرزەنتىنى ھىجاپتىن چەكلەش ھوقۇقى يوق. ئەگەر ئاتا – ئانا پەرزەنتىنى ھىجاپتىن چەكلىسە، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىنمايدۇ. چۈنكى ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((لاَ طَاعَةَ فِي مَعْصِيَةٍ، إِنَّمَا الطَّاعَةُ فِي الْمَعْرُوفِ)) «يامان، گۇناھلىق ئىشلارغا (بۇيرۇلغان كىشى بۇيرۇغۇچىغا) ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئىتائەت پەقەت ياخشى ئىشلاردا بولىدۇ.» (بۇخارى 7275، مۇسلىم 1840)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لا طاعة لمخلوق في معصية الخالق)) «ياراتقۇچىغا (ئاللاھقا) ئاسىيلىق قىلىنىش بەدىلىگە يارىتىلغۇچىغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە؛ بۇ مەنىدىكى ھەدىسنى يەنە ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى قاتارلىقلار نەقىل قىلغان)

دادىنىڭ، ئەرنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھۆكمىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسەن، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىنىدىغان ئىشلاردا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىنمايدۇ.

لېكىن، ئايال كىشى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مۇلايىملىق ۋە گۈزەل ئۇسلۇبنى قوللىنىشى كېرەك. يەنى شەرئىي دەلىللەرنى بايان قىلىش، ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ھەق مەيداندا چىڭ تۇرۇشى، ئېرى، دادىسى، ئانىسى ياكى باشقىلار شەرىئەتكە خىلاپ ئىشقا بۇيرۇسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلماسلىقى لازىم.

تېلۋزۇر ۋە ۋىدىئولاردىن كىنولارنى كۆرۈشكە بولمايدۇ، چۈنكى كىنولاردا تۈرلۈك باتىل نەرسىلەر مەۋجۇتتۇر. (شەيخنىڭ پەتىۋاسى تۈگىدى)

بەزى مۇسۇلمان خانىم – قىزلار ئەرلەر چىقىدىغان ۋىديو فىلىملەرنى كۆرۈپ، باشقا يەرلەرگىمۇ تارقىتىپ يۈرۈشىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا، يەنى سۈرە نۇرنىڭ 31- ئايىتىگە خىلاپ. شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇيرۇقىغىمۇ خىلاپ.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئاياللارغا مۇنداق خىتاپ قىلغان: {وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ} {(ئى پەيغمبەر، مۆمىنە ئاياللارغا ئېيتقىنكى،) كۆزلىرىنى (قارىشى ئۇيغۇن بولمىغان ھەر قانداق نەرسىگە قاراشتىن) يىغسۇن.} (سۈرە نۇرنىڭ 31- ئايىتىدىن)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((اصرف بصرك)) «(نامەھرەمگە قاراشتىن) كۆزۈڭنى تارت.» (سۇيۇتى-جامىئۇس سەغىر 1084؛ سەھىھ ئەبۇ داۋۇد 2148)

مەشھۇر تابىئىن ئالىم سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ  ئەنھۇ (ئۆزىنىڭ ئايالى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قىزى، دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنلىرى جۈملىسىدىن بولغان) فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن «ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ خەيرلىك ئىش قايسى؟» دەپ سورىغان ئىدى، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى كۆرمەسلىكى، ئاياللارنىڭمۇ ئەرلەرنى كۆرمەسلىكى ئايال كىشى ئۈچۈن ئەڭ خەيرلىك ئىشتۇر» دېدى. ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ گەپنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە يەتكۈزىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «فاتىمە مېنىڭ بىر پارچەمدۇر» دېدى. (ئەبۇ نۇئەيم، ئەۋلىيالارنىڭ زىننىتى 2\41)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ